Latin

ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 15

Süzlärneñ gomumi sanı 3408
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1498
28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
41.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
49.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىنى، ئىش ئىزلىرىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ دىنىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش يولىدا ئېلىپ بارغان جاپالىق كۈرەشلىرىنى تولۇق ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا چىن كۆڭۈلدىن مۇھەببەت باغلاپ، سەمىمىي سۆيۈش «مەن مۇسۇلمانمەن» دېگەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئالدىنقى پەرزلەرنىڭ بىرى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ مۇھىم بىر ئاساسى. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، ئۇنىڭ ھاياتى پۈتۈن ئىنسانىيەت ھاياتىڭ ئۈلگىلىك ئوبرازى، ئىسلام دىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ جانلىق تەرجىمىسى، كىشىلەرگە ئىسلامنىڭ داغدام يولىنى كۆرىسىتىپ بېرىدىغان نۇرلۇق چىراق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىش ئىماننىڭ بىر پارچىسى، ئۇنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ يولىغائەگىشىش پەرزدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىش ئىماننىڭ تەقەززاسى
ئىماننىڭ ئاساسى« لااله الاالله محمد رسول الله » يەنى(ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر) دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەزمۇنىغا چىن يۈرەكتىن ئىشىنىشتۇر. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىىش دېگەنلىك ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى يۈرەكتىن تەستىقلاپ، ئۇنىڭ گۈزەل ئەدەپ- ئەخلاقلىرىنى، ئېسىل پەزىلىتىنى، باشقا پۈتۈن مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان كامىل نېمەتلىرىنى، باشقىلارغا قەتئىي قىياس قىلغىلى بولمايدىغان تالانت ۋە پاراسەتلىرىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىش تولىمۇ زۆرۈردۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىش ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىشنىڭ مۇقەددىمىسى
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى پەرز قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىشىنىڭ شەرتى قىلىپ بېكىتتى. شۇڭا ئاللاھ تائالانى سۆيىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگىشىشى شەرت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: "ئەگەر ئاللاھنى سۆيسەڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ"﴾(180).
ئەگىشىش - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلغاننىڭ سىرتىدا، ھاياتىمىزنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئۇنىڭ يولىدىن مېڭىش، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قىلىش، ئۇنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىش، سۆزىمىزدە، ئىش ـ ھەرىكەتلىرىمىزدە ئۇنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىش بىلەن بولىدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلىرىنى، سۆزلىرىنى ۋە بارلىق ئەھۋالىنى ئۆگىنىشنى، ئۇنىڭ خىسلەتلىرىنى، ئېسىل سۈپەتلىرىنى، گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ۋە ئادەتلىرىنى بىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
ساھابە كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، ئۇنىڭ سۆز، ئىش ۋە ئەدەپ- ئەخلاقلىرىنى ئۆگىنىشكە ئىنتايىن ھېرىسمەن ئىدى. ئەڭ ئاددى ئىشلاردىمۇ رەسۇلۇللاھ قىلغان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشاتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئولتۇرۇش- قوپۇش، مېڭىش- تۇرۇش، سۆزلەش ۋە سۇكۇت قىلىش قاتارلىق بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ناھايىتى دىققەت بىلەن كۈزىتىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشەتتى. ھەتتا ئۇلار ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرەتتى ۋە رەسۇلۇللاھ ياقتۇرمىغان نەرسىنى يامان كۆرەتتى. ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: « بىر كۈنى بىر ئادەم رەسۇلۇللاھنى تاماققا چاقىرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى. ساھىبخان ئۇنىڭ ئالدىغا ئارپا نېنى بىلەن كاۋا توغرالغان شورپا قويدى. بۇ داستىخاندا رەسۇلۇللاھنىڭ كۆپرەك كاۋا يېگەنلىكىنى كۆرۈپ قېلىپ، شۇندىن بېرى كاۋىنى ياخشى كۆرىدىغان بولدۇم»(181). بۇ مىسال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى قىلىشقا قانچىلىك ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىكتۇر. ئىسلام تارىخىدا بۇنداق مىساللار ساناپ تۈگەتكۈسىز كۆپ. شۇڭلاشقا ئىنسانىيەت تارىخىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك تۇغۇلغان كۈنىدىن تاكى ۋاپاتىغىچە بولغان چوڭ- كىچىك بارلىق ئىش ـ ھەرىكەتلىرى بىرمۇبىر رىۋايەت قىلىنىپ، يېزىپ قالدۇرۇلغان ئىككىنچى بىر شەخسنى كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس.
يىغىپ ئېيتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن بىر پەرز، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاياتىنى ۋە بارلىق ئىش ـ ئىزلىرىنى ئۆگىنىش يەنە بىر پەرزدۇر. چۈنكى«پەرز ئۇنىڭسىز ئادا بولمايدىغان نەرسىنىڭ ئۆزىمۇ پەرزدۇر». خۇددى ناماز ئۈچۈن تاھارەت پەرز بولغاندەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىش ئۇنى سۆيۈشنىڭ يولى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھەرقانچە سۆيۈملۈك نەرسىسىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈپ سۆيۈشكە بۇيرىغان. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش ئىماننىڭ يېرىمىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ”ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خاتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭلار، (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا سىلەر ئاللاھنىڭ ئازابىنى كۈتۈڭلار. ئاللاھ پاسىق قوۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ“﴾(182). ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز جانلىرىدىنمۇ چارىدۇر﴾(183).
مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ، سۆيۈلگەن كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، ئېسىل سۈپەتلىرىنى ۋە ھەممە تەرەپلىرىنى ئېنىق بىلىش بىلەن بولىدۇ. مەھبۇبى ھەققىدە مەلۇماتى ئاز كىشىنىڭ مۇھەببىتىمۇ يۈزەكى مۇھەببەت بولۇپ، چىن قەلبىدىن ئورۇن ئالمايدۇ. كىشى بىراۋنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ ساخاۋەتلىك بولغانلىقى ياكى شۇجائەتلىك، قەھرىمان بولغانلىقى ياكى ياۋاش-يۇمشاق بولغانلىقى ياكى كەمتەر بولغانلىقى ياكى بىلىملىك ئالىم بولغانلىقى ياكى كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان سالىھ بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ. يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدە ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان زات- ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھەر قانداق بىر مۇھەببەتنى بېسىپ چۈشىدىغان دەرىجىدە سۆيمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولامدۇ؟!
مۇسۇلمان ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، ئېسىل سۈپەتلىرىنى، پاك كۆڭلىنى قانچىلىك كۆپ بىلسە، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى، سۆيگۈسى، ئىخلاسى شۇنچىلىك كۈچلىنىدۇ ۋە قەلبى ئۇنىڭغا شۈنچىلىك كۈچلۈك باغلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۆپ ياد ئېتىپ ئۇنى تونىغانسېرى ئۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىپ، تۆۋەندىكى ھەدىستە ئېيتىلغان ھەقىقى سۆيگۈ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار مېنى ئاتا- ئانىسىدىن، بالا- چاقىسىدىن ۋە باشقا بارلىق كىشىلىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرمىگىچە كامىل مۆمىن بولالمايدۇ»(184).
دېمەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش ئىماننىڭ كامىل بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ، سەل قاراشقا بولىدىغان ئارتۇقچە ئىش ئەمەس. بۇ مۇھەببەتنىڭ ھەقىقەتكە چىقىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن بىلىش لازىم. شۇڭا پەيغەرمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز دۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىش دىننى مۇداپىئە قىلىشنىڭ يولى
زامانىمىزدا دىن دۈشمەنلىرى ئۆز تەرەپتارلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇسۇلمان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقىدىسىنى تەشۋىشكە سېلىپ، ھەقىقەتنى بورمىلاپ ئۇلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ئىسلامغا بولغان چۈشەنچىسى ئاجىزلىشىپ، ھەر خىل يات پىكىرلەرنى ئۆزىلىرىگە ئۆزلەشتۈرمەكتە. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇشى ۋە باشقىلارغا تونۇتۇشىنى پەرز قىلىدۇ. مۇسۇلمان ياشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلىكىنى، ئىنسانلارنى ئازغۇنلۇق ۋە جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىمان- ھىدايەتنىڭ نۇرىغا، ئىنساننى ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانغا چوقۇنۇشتىن ئازات قىلىپ، ئەقلىنى ۋە ئىقتىدارىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىسلامنىڭ داغدام يولىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تارتقان جاپا- مۇشەققەتلىرىنى، بۇ يولدا بېشىغا كەلگەن مىسلىسىز ئازاب -ئوقۇبەتلەرگە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىسى ئۈچۈن دۇنيالىقىدىن پۈتۈنلەي ۋازكەچكەنلىكىنى، دۈشمەنلىرىگە قارشى يېڭىلمەس جاسارەت ۋە شۇجائىتىنى، غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى كەڭ قورساق ۋە كەچۈرۈمچانلىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە خىلاپ كەلمەيدىغان ئىشلاردا ئۆزىگە كەلگەن ئەزىيەتلەرگە ھەرگىزمۇ ئاچچىقلانمايدىغانلىقىنى، ئاجىزلارغا، كەمبەغەللەرگە، كىچىك بالىلارغا ۋە ئاياللارغا چەكسىز مىھرىبانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە ئىنتايىن موھتاج. چۈنكى بۇ مەلۇماتلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھەر جەھەتتىن ياخشى تونىغان ياشلار دۈشمەنلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىغۋالىرى، پىتنە- پاساتلىرى ۋە شەك- شۈبھىلىرى ئالدىدا قىلچە تەۋرەنمەستىن دىنىدا مۇستەھكەم پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ ھاياتىنى بىلمەسلىكى چوڭ يېتەرسىزلىكتۇر
«ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ ( ئاللاھتىن باشقا بەرھەق ئىلاھ يولىقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق ئەلچىسى ئىكەنلىكىكە گۇۋاھلىق بېرىمەن) » دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنى دىلىدىن تەستىقلاپ، ”مەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىمەن“ دەيدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئىش- ھەرىكەتلىرىنى ئۇنىڭ گۈزەل ئىش- ئىزلىرى بىلەن بېزىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇممەت بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ بېشىنى ئۈستۈن كۆتۈرەلەيدۇ. ئۆزىنىڭ بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرگە ئۇممەت بولغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ، خۇددى ئەھمەد يەسەۋىدەك «بۇ دۆلەت(شان-شەرەپ) بىزگە يەتمەسمۇ، بىزنى مۇھەممەد ئۇممىتى قىلدى ئەمەسمۇ» دەيدىغان قانائەتكە كېلەلەيدۇ.
لېكىن مۇسۇلمانلار ئاممىسى بۇ ھەقىقەتلەردىن پۈتۈنلەي يىراقتا. دۇنيادا بىر يېرىم مىلياردقا يېقىن مۇسۇلمان بارلىقى مەلۇم. لېكىن ئەشۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قانچە پىرسەنتى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىنىڭ ھاياتىنى بىلىدۇ؟ قانچە پىرسەنتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىز ئۇممەت ئۈچۈن تارتقان جاپا ـ مۇشەققەتلىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟ بۇ سوئالنى بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزدىن سورىساق ئەھۋال تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ. قىسىقسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھوللېۋۇد كىنو ئارتىسلىرىنىڭ ، ياۋرۇپا توپچىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر- بىرىلەپ ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە ئوغلى بار ئىدى؟ دەپ سورىسا، تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت.
تۈركلەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئىش-ئىزلىرىنى، پاكىستانلىق ئۆسمۈرلەر پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قائىد ئەزەمنىڭ ھاياتىنى، ھىندىستانلىقلارنىڭ بالىلىرى گەندىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى توختاپ قالماستىن يادىسىغا ئېيتىپ بېرەلىگەن يەردە، كائىناتنىڭ پەخرى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ نەمۇنىسى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلمىسە بۇ ئېچىنىشلىق ئەمەسمۇ؟!
ھازىرقى زاماندا مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىنى ياخشى تونۇمىغانلىقىدىن كۆرۈش مۇبالىغە قىلغانلىق بولمىسا كېرەك. چۈنكى بۇ دىننى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇنى تەلەبكە لايىق ھالدا ياشىتىپ ۋايىغا يەتكۈزگەن يولباشچىسىنى تونۇمىغان ئادەم بۇ دىننىڭ خاراكتېرىنى بىلمەيدۇ، ئۆزى ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىننىڭ خاراكتېرىنى بىلمىگەن ئادەم ئۇنى تۇرمۇشىدا ياشىتالمايدۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىگە كېپىللىك قىلغان دىنىنى تۇرمۇشىدا ياشىتالمىغان ئادەمنىڭ بۇ دىننىڭ ياخشىلىقلىرىدىن مەھرۇم قېلىپ، بەخسىزلىككە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق.


ئىسلامدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت
661. سوئال: ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇۇنقى ئەرەب جەمئىيىتى قانداق ئىدى؟
جاۋاب: ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەب جەمئىيىتى قەبىلە سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان بىر جەمئىيەت بولۇپ، كۈچلۈكلەرنىڭ سۆزى ئۆتىدىغان، قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش – جېدەللەر بولۇپ تۇرىدىغان، ئادالەتتىن يىراق، ئاياللار كەمسىتىلىدىغان بىر جەمئىيەت ئىدى.
ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەبلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى
662. سوئال: ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەبلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى قانداق ئىدى؟
جاۋاب: ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەبلەر ھەر خىل ئېتىقادتا بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكى:
(1) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغۇچىلار
(2) مۇشرىكلەر
(3) يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار
(4) يەھۇدىيلار
(5) خرىستىئانلار
663. سوئال: ئاللاھقىلا ئىبادە قىلىدىغان ئەرەبلەر قايسىلار ئىدى؟
جاۋاب: ئەرەبلەر ئەسلىدە ھەممىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقىلا ئېتىقاد ۋە ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت ھەق دىنىدا ئىدى. كېيىنچە زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەرەەبلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ھەق دىندىن ئايرىلىپ قېلىپ، بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ۋە شېرىكى يوقلىقىغا ئېتىقاد قىلاتتى، بۇتلارغا چوقۇنمايتتى ۋە ئىبادەتلەرنى ئۆزلىرى بىلگەنچە قىلاتتى. بۇلار «ھەنىفىيلەر»دەپ ئاتىلاتتى.
664. سوئال: مۇشرىك ئەرەبلەر قايسىلار ئىدى؟
جاۋاب: مۇشرىك ئەرەبلەر بۇتلارغا چوقۇنۇش ئارقىلىق ئاللاھقا يېتىشنى دەۋا قىلىدىغان بۇتپەرەسلەر بولۇپ، كەبىنى ئۇلۇغلاش، ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش، ھاجىلارغا خىزمەت قىلىشقا ئوخشىغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىن قالغان بەزى ئادەتلەرنى ساقلاپ قالغىنىدىن باشقا پۈتۈنلەي يولدىن چىققان ئازغۇنلار ئىدى.
665. سوئال: يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغانلار قايسى ئەرەبلەر ئىدى؟
جاۋاب: يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغان ئەرەبلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسلى دىنىدىن چىقىپ، يۇلتۇزلارنى ئىلاھ قىلىۋالغانلار ئىدى.
ئەرەبلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ھەر خىل خۇراپات ۋە جاھىلىيەت دەۋرىدە ياشايتتى.
666. سوئال: جاھىلىيەت دەۋرى دېگەن نېمە؟
جاۋاب: جاھىلىيەت دەۋرى – ئىلىم ۋە ئەقىلدىن يىراق، ئىلاھىي تەلىماتلاردىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان خۇراپات ئىچىدىكى ۋاقىتلار دېگەنلىكتۇر.
667. سوئال: بۇت دېگەن نېمە؟
جاۋاب: بۇت – تاش، تۇپراق ۋە ياغاچقا ئوخشاش نەرسىلەردىن، ھەتتا يەيدىغان تائاملاردىن ئىنسانلار ياساپ چىققان ھەيكەللەردۇر.
668. سوئال: مۇشرىكلار ئاللاھقا ئىشىنەمدۇ؟
جاۋاب: مۇشرىكلەر ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىدىغان، پەقەت بۇتلارنى ئېتىقاد ۋە ئىبادەتلەردە ئاللاھقا شېرىك قىلىپ قوشىۋالغانلاردۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە بالىلىق دەۋرى
669. سوئال: سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاچان دۇنياغا كەلگەن؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادىنىڭ 571 ـ يىلى 20 ـ ئاپرىل، فىل يىلى رەبىئولئەۋۋەل ئاينىڭ 9ـ كۈنى(يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە، 12 ـ كۈنى) دۈشەنبە كۈنلۈكتە، ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر ئائىلىسى بولغان ھاشىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
670. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەبلەرنىڭ قايسى قەبىلىسىدىن ئىدى؟
جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبىدىن كەلگەن، ئەڭ كۈچلۈك ئەرەب قەبىلىسى – قۇرەش قەبىلىسىدىن كەلگەن.
671. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟
جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئېتى ئامىنە، دادىسىنىڭ ئېتى ئابدۇللا ئىدى.
672. سوئال: پەيغەمبىرىمىزگە «مۇھەممەد»دېگەن ئىسىمنى كىم قويغان؟
جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «مۇھەممەد»دېگەن ئىسىمنى بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىب قويغان.
673. سوئال: مۇھەممەد دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى نېمە؟
جاۋاب: مۇھەممەد – مەدھىيەگە ۋە ماختاشقا سازاۋەر كىشى دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەبلەردە ئۇنىڭدىن بۇرۇن قويۇلۇپ باقمىغان بىر ئىسىم ئىدى.
674. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى قاچان ۋاپات بولغان؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
675. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈت ئانىسى كىم ئىدى؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈت ئانىسىنىڭ ئېتى ھەلىمە دېگەن ئايال ئىدى.
676. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە ئۈچۈن سۈت ئانىغا بېرىلگەن؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان دەۋردە، مەككىدە تۇغۇلغان بۇۋاقلار مەككىنىڭ ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئىسسىق ھاۋاسىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ساغلام ئۆسۈشى، ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشى ۋە ياخشى تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن مۇھىتى ساپ جايلاردا ياشايدىغان ئائىلىلەرگە ھەق تۆلەش ئارقىلىق ئېمىتىشكە بېرىلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇ قاتاردا سۈت ئانىغا بېرىلگەن ئىدى.
677. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈت ئانىسىنىڭ يېنىدا قانچە يىل تۇردى؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈت ئانىسى ھەلىمەنىڭ يېنىدا 4 يېشىغا قەدەر تۇرغان ئىدى.
678. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى قاچان ۋاپات بولغان؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 6 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، ئانا – بالا ئىككىسى مەدىنىدىكى تۇغقانلىرىنى ۋە دادىسى ئابدۇللانىڭ قەبىرسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، مەنىدىن قايتىشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئەيۋا دېگەن جايغا كەلگەندە ۋاپات بولغان.
679. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كىملەرنىڭ يېنىدا تۇرغان؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئانىسىدىن ۋاپاتىدىن كېيىن بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ تەربىسىدە بولغان.
680. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بوۋىسىدىن قانچە ياشتا ئايرىلغان؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 8 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ۋاپات بولغان.
681. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بوۋىسىدىن كېيىن كىمنىڭ تەربىيىسىگە تاپشۇرۇلغان؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇۋىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ پەرۋىشىگە تاپشۇرۇلغان.
682. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىدا قانداق بىر ئىنسان ئىدى؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بالىلىق چاغلىرىدىنلا گۈزەل ئەخلاقلىرى، راستچىللىقى، ئىشەنچلىكلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ھەم سۆيگىسىگە سازاۋەر بولغان زات ئىدى.
683. سوئال: مەككىلىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى نېمە دەپ ئاتايتتى؟
جاۋاب: مەككىلىكلەرنىڭ چوڭ – كىچىك ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا قايىل ئىدى. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «راستچىل مۇھەممەد»، «ئىشەنچلىك مۇھەممەد» دەپ ئاتايتتى.
684. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يىگىتلىك ۋاقتىدا نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللانغان؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يىگىتلىك ۋاقتىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.
685. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانچە ياشتا ۋە كىمگە ئۆيلەنگەن؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 25 يېشىدا ھەزرىتى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆيلەنگەن.
686. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە پەرزەنتى بولغان؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 4 قىز، 3 ئوغۇل جەمى 7 پەرزەنتى بولغان.
687. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى قايسىلار؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسىملىرى: زەينەب، رۇقىيە، ئۇممۇكۇلسۇم، فاتىمە ئىدى. ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى: ئىبراھىم، قاسىم ۋە ئابدۇللا ئىدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ۋە مەككە دەۋرى
688. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك قاچان ۋە نەدە بېرىلگەن؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىلادىيە 610- يىلى مەككىنىڭ نۇر تېغىدىكى ھىرا غارىدا تۇنجى ۋەھىنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىككە تاللانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
689. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك كەلگەندە ئۇ قانچە ياشتا ئىدى؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك كەلگەندە ئۇ 40 يېشىدا ئىدى.
690. سوئال: ۋەھيى دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ۋەھيى- ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە تۈرلۈك يوللار بىلەن خالىغان نەرسىنى بىلدۈرۈرشى دېگەنلىكتۇر.
691. سوئال: سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولغانلىقىنى كىم بىلدۈرگەن؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولغانلىقىنى جىبرىئىل ئىسىملىك پەرىشتە بىلدۈرگەن.
692. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىغا نېمە ئۈچۈن چىققان؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىچىكىدىن باشلاپ قوۋمىنىڭ بۇزۇق ئېتىقاد ۋە خاتا چۈشەنچىلىرىگە، ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنىشىغا قارشى ئىدى. جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىقلاردىن ئېچىناتتى. يېشى قىرىققا يېقىنلىشىشى بىلەن بىر قانچە كۈنلۈك يېمەك – ئىچمىكىنى ئېلىۋېلىپ، مەككىنىڭ نۇر تېغىدىكى ھىرا غارىغا بېرىپ، ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى گۈزەل سەنئەتلىرى ۋە قۇدرىتى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشنى، ئاللاھقا ئۆزى بىلگەنچە ئىبادەت قىلىشنى ئادەت قىلغان ئىدى.
693. سوئال: سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قانچە يىل پەيغەمبەرلىك قىلغان؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن مەككىدە ئاۋۋال ئۈچ يىل يوشۇرۇن، كېيىن 10 يىل ئاشكارا، جەمى 13 يىل ئىسلام دەۋىتىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. كېيىن مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان جەۋر ـ زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەككىنى تەرك ئېتىپ، مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، ئۇ جايدا يەنە 10 يىل ئىسلام دەۋىتى ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمى 23 يىل پەيغەمبەرلىك قىلغان.
694. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى چۈشكەن ئايەتلەر قايسىلار ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى ئەمرى نېمە ئىدى؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى چۈشكەن ئايەتلەر ئەلەق سۈرىسىنىڭ بېشىدىن 5 ئايەت ئىدى. ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى ئەمرى«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ!» دېگەن بۇيرۇق ئىدى.
695. سوئال: تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولغانلار كىملەر ئىدى؟
جاۋاب: تۇنجى قېتىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان شەخس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەزرىتى خەدىجە، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دوستى ئەبۇ بەكرى، تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى، خىزمەتچىسى زەيد قاتارلىق 4 كىشى ئىدى.
ئىسلام دەۋىتىنىڭ باشلىنىشى
696. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى دەسلەپتە قانداق تەشۋىق قىلدى؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى دەسلەپتە 3 يىل يوشۇرۇن ھالدا تەشۋىق قىلىپ ئۇنى تارقىتىشقا تىرىشتى.
697. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى قاچاندىن بېرى ئاشكارا تەشۋىق قىلىشقا ئۆتتى؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دەۋىتىنى ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنىڭ ھىجر سۈرىسىدىن 94- ئايىتى چۈشۈپ، ﴿ساڭا بۇيرۇلغاننى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن!﴾ دەپ ئەمر قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنى ئوچۇق – ئاشكارا تارقىتىشقا باشلىغان.
698. سوئال: مەككىلىك مۇشرىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دەۋىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟
جاۋاب: مەككىلىك مۇشرىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دەۋىتىگە قارشى چىقتى، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلمىدى.
699. سوئال: مەككىلىك مۇشرىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە تۇنجى مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلدى؟
جاۋاب: مەككىلىك مۇشرىكلەر تۇنجى مۇسۇلمانلارنى ھەر تۈرلۈك قىيىن قىستاقلارغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىسلامدىن يېنىشقا زورلىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسا قولىدىن كەلگەن ھاقارەت ۋە دۈشمەنلىكلەرنى قىلدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ ھەبەشىشتانغا ھىجرىتى
700. سوئال: مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان؟
جاۋاب: مەككىلىك مۇشرىكلەرنىڭ ھەددىدىن ئاشقان جەۋر – زۇلۇملىرى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي قىيناشلىرى سەۋەبلىك، تۇنجى مۇسۇلمانلار ئىسلامىي ئېتىقادىنى ساقلاش يۈزىسىدىن ھەبەشىستان(ھازىرقى ئېپوپىيە) زېمىنىغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
701. سوئال: مۇسۇلمانلار ھەبەشىستانغا تۇنجى قېتىم قاچان ۋە قانچە كىشى ھىجرەت قىلغان؟
جاۋاب: مۇسۇلمانلار ھەبەشىستان زېمىنىغا تۇنجى قېتىم 615- يىلى، 4 ئايال، 11 ئەر بولۇپ، جەمى 15 كىشى ھىجرەت قىلغان ئىدى.
702. سوئال: مۇسۇلمانلارنىڭ ھەبەشىستان زېمىنىغا ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرىتى قاچان بولغان؟
جاۋاب: مۇسۇلمانلار ھەبەشىستان زېمىنىغا ئىككىنچى قېتىم 616- يىلى، 13 ئايال، 77 ئەر بولۇپ، جەمى 90 كىشى ھىجرەت قىلغان.
مۇشرىكلارنىڭ مۇھاسىرىسى
703. سوئال: مۇشرىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلارنى نېمە ئۈچۈن مۇھاسىرىگە ئالغان؟
جاۋاب: مۇشرىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىدىن ۋاز كەچكۈزۈپ، بۇتپەرەسلىككە قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى مۇھاسىرە (ئامبارگو) قىلغان.
704. سوئال: مۇھاسىرە دېگەن نېمە ۋە مۇشرىكلەر مۇھاسىرىدە نېمە قىلدى؟
جاۋاب: مۇھاسىرە – ئەتراپىنى قورشاش دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇشرىكلەر مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى مەككىنىڭ«شىئبە ئەلى» دېگەن يېرىدە 3 يىل قامىۋېلىپ، مەككىلىكلەرنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن پۈتۈن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بىر نەرسە سېتىشى، ئېلىشى، قودا – باجىلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇشى، ھەتتا سۆزلىشىشىنى چەكلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا جايلاردىن ئاشلىق، يېمەك – ئىچمەك ۋە كېيىم – كېچەك قاتارلىق ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى كەلتۈرۈش يوللىرىنى توسىۋالدى.
قايغۇلۇق يىل
705. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئەڭ قايغۇلۇق يىل قايسى ئىدى؟
جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئەڭ قايغۇلۇق يىل 620- يىلى بولۇپ، بۇ يىلدا ئۇنى دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيىقەسلىرىدىن قوغداپ، ئۇنىڭ تاشقى مۇداپىئە كۈچى ھېسابلىنىدىغان تاغىسى ئەبۇ تالىب بىلەن ئۇنىڭغا ھەمىشە تەسەللى بېرىپ، ئۇنىڭ كۈچىگە كۈچ قېتىپ كەلگەن ۋە ئىچكى مۇداپىئە كۈچى ھېسابلانغان ۋاپادار ئايالى ھەزرىتى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئارقا – ئارقىدىن ۋاپات بولىشى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كىشىنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق قايغۇرغان ئىدى. شۇڭا بۇ يىل ئىسلام تارىخىدا «قايغۇلۇق يىل» دەپ ئاتالغان.
ئىسرا – مىراج
706. سوئال: ئىسرا – مىراج دېگەن نېمە ئۇ قاچان بولغان؟
جاۋاب: ئىسرا – كېچىدە سەپەر قىلىش، مىراج – ئۆرلەش دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرىدۇر. ئىسرا بىلەن مىراج 620- يىلى رەجەب ئېيىنىڭ 27- كۈنى بولغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر ئۈچۈن تەسەللى قىلىش ئۈچۈن بولغان.
707. سوئال: ئىسرا – مىراج مۆجىزىسى قانداق بولغان؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى، قەمەرىيە ئايلىرىدىن 27- رەجەب كېچىسى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل پەرىشتىنىڭ ھەمراھلىقىدا پەلەستىندىكى مەسجىد ئەقساغا ئېلىپ كېلىنگەن، ئاندىن ئۇ جايدىن يۇقىرى ئۇپۇقلارغا ئۆرلەپ يەتتىنچى ئاسمانغا قەدەر چىققان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلاھىي سىر – ئەسرارلىرىدىن ئاجايىب ئىشلارنى كۆرگەن.
708. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىراجدا نېمىلەر بىلدۈرۈلگەن؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىراجدا تۆۋەندىكىلەر بىلدۈرۈلگەن:
(1) مۇسۇلمانلارغا كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ پەرز بولغانلىقى،
(2) ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى،
(3) بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى 2 ئايىتى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
709. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسرا – مىراجدىن باشقا مۆجىزىلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپلىگەن مۆجىزىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەشھۇرلىرى:
(1) مۇشرىكلەرنىڭ تەلىبىگە ئاساسەن ئاينىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كۆرۈنگەنلىكى،
(2) بوران ۋە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇننىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم قىلغانلىقى،
(3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت ئەسناسىدا ئۇنىڭغا پەرىشتىلەرنىڭ ياردەم قىلغانلىقى،
(4) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سۇ چىققانلىقى،
(5) ياغاچنىڭ يىغلىغانلىقى،
(6) ئاز تاماقنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن كۆپ كىشىنى تويغۇزغانلىقى،
(7) قەتادەنىڭ كۆزىنىڭ شىپا تاپقانلىقى ۋە باشقىلار.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە مەڭگۈلۈك داۋام قىلىدىغان مۆجىزىسى قۇرئان كەرىمدۇر!
ئەقەبە بەيئەتلىرى
710. سوئال: ئەقەبە بەيئەتلىرى دېگەن نېمە ۋە قاچان بولغان؟
جاۋاب: ئەقەبە – مەككىدىكى بىر جاينىڭ نامى. ئەقەبە بەيئەتلىرى – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىلىك يېڭى مۇسۇلمانلاردىن ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دۈشمەنلىرىدىن قوغدىشى ھەققىدە ئالغان ۋەدىسى دېگەنلىك بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى قوغدىغاندەك قوغدايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشكەن ئىدى.
711. سوئال: بىرىنجى ئەقەبە بەيئىتى قاچان بولغان ۋە قانچە كىشى قاتناشقان؟
جاۋاب: بىرىنجى ئەقەبە بەيئىتى مىلادىيە 621- يىلى ئىيۇن ئېيىدا بولغان ئىدى. ئۇنىڭغا 12 كىشى ئىشتىراك قىلغان ئىدى.
712. سوئال: ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتى قاچان بولغان ۋە قانچە كىشى قانتاشقان؟
جاۋاب: ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتى مىلادىيە 622- يىلى ئىيۇل ئېيىدا بولغان، ئۇنىڭغا 72 كىشى ئىشتىراك قىلغان.
713. سوئال: ئەقەبە بەيئەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
جاۋاب: ئىسلام تارىخىدا ئەقەبە بەيئەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولغان. بىرىنچىدىن ئىسلام دىنىنىڭ مەدىنەدە تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان. ئىككىنچىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىدە يەرلىشىپ مۇشرىكلەرنىڭ بېسىملىرىدىن ئازات بولۇشىنى تەمىن ئەتكەن ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرىتى
714. سوئال: ھىجرەت دېگەن نېمە ۋە قاچان بولغان؟
جاۋاب: ھىجرەت – دىنىي مەقسەتلەر بىلەن كۆچۈش قىلىش دېگەنلىكتۇر. مۇسۇلمانلار مەككىلىك مۇشرىكلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىملىرى سەۋەبلىك 622- يىلى ھەممە نەرسىسىنى مەككىدە تەرك ئېتىپ، ئاللاھ يولىدا مەدىنە شەھىرىگە تۇنجى ھىجرىتىنى باشلىۋەتكەن.
715. سوئال: مەككە مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قانداق سۇيىقەستلەرنى پىلانلىغان؟
جاۋاب: مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىش ئارقىلىق بۇ يېڭى دىنغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن قەبىلە باشلىقلىرى بىرلىشىپ، ھەر بىر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم چىقىرىشنى ۋە ھەر بىرى بىردىن نەيزە سانجىش بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلايدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ پىلانىنى بىتچىت قىلىپ، پەيغەمبىرىنى دۈشمەنلىرىنى سۇيىقەستىدىن ساقلاپ قالىدۇ.
716. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە قاچان ۋە كىم بىلەن ھىجرەت قىلغان؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن 622- يىلى 13- ئاۋغۇست كۈنى مەككىدىن ئايرىلىپ، 622- يىلى 23- سىنتەبىر كۈنى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى بىلەن ئىككىسى مەدىنە شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ تارىخ كېيىنچە ئىسلام كالىندارىغا ئايلىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە كەلگەن يىلى ھىجرىيەنىڭ 1- يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
717. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغان؟
جاۋاب: مەككە شىمالىدىكى مەدىنىگە بارىدىغان يولنى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئەلبەتتە قاماللايدىغانلىقىنى بىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىنىڭ يەمەن تەرەپكە كېتىدىغان جەنۇب تەرىپىگە قاراپ يولغا چىقىپ، تەخمىنەن 10 كلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن «سەۋر تېغى»دىكى سەۋر غارىغا يوشۇرۇنىدۇ. ئىزلاپ كەلگەن مەككە كۈچلىرى ئۇلارنى تاپالماستىن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ مەدىنىگە سالامەت يېتىپ بارىدۇ.
718. سوئال: ھىجرەتنىڭ ئىسلام تارىخىدا ئەھمىيىتى نېمە؟
جاۋاب: ھىجرەتنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرى ئىنتايىن زوردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندىن كېيىن، ئىبادەتلىرىنى ئەركىن، ئازادە ئورۇنلاش، ئىسلام دىنىنى كەڭ تارقىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ۋە مەدىنىدە تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى تەسىس قىلدى.
ئىسلام دەۋىتىنىڭ مەدىنە دەۋرى

719. سوئال: مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار مەككىدىن كەلگەنلەرنى قانداق قارشى ئالدى؟
جاۋاب: مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مەككىلىك مۇسۇلمانلارنى ئەڭ ئالى ئېھتىرام بىلەن قارشى ئالغاندىن تاشقىرى، ھەر بىرى مەككىلىك مۇسۇلمانلاردىن بىرىنى «قېرىندىشىم»دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆي – جاي ۋە نەرسە كېرەكلىرىنى يېرىمدىن بۆلۈشتى.
720. سوئال: مۇھاجىر ۋە ئەنسار دېگەن كىملەر؟
جاۋاب: مۇھاجىر – مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلار، ئەنسار – مەدىنىلىك مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ.
721. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىدە تۇنجى قىلغان ئىشى قايسى بولدى؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن تۇنجى قىلغان ئىشى مەسجىد سېلىش بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆز قولى بىلەن سالغان بۇ مەسجىد «مەسجىد نەبەۋىي – پەيغەمبەر مەسجىدى»دەپ ئاتالدى ۋە ئىككى ھەرەمنىڭ ئىككىنچىسى، مۇقەددەس ئۈچ چوڭ مەسجىدنىڭ بىرى بولۇپ داۋام قىلىپ كەلدى.(185)
مەسجىد نەبەۋى
722. سوئال: مەسجىد نەبەۋىينىڭ ئىسلام تارىخىدىكى ئەھمىيىتى نېمە؟
جاۋاب: مەسجىد نەبەۋىينىڭ ئىسلام تارىخىدىكى ئەھمىيىتى تۆۋەندىكىلەر:
(1) مەسجىد نەبەۋىي مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى ئەركىن ئىبادەتگاھى ئىدى.
(2) مەسجىد نەبەۋىي ئىسلام دۆلىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ئىدى.
(3) مەسجىد نەبەۋىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قارارگاھى ئىدى.
(4) مەسجىد نەبەۋىي ئىلىم – ئىرپان تارقىتىش ئورنى ئىدى.
(5) مەسجىد نەبەۋىي ئىسلام دەۋىتىنىڭ مەركىزى ئىدى.
(6) مەسجىد نەبەۋىي ھەر قانداق بىر مەسىلىدە قارار چىقىرىش ئورگىنى ئىدى.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 16
  • Büleklär
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3125
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1528
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1526
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1378
    28.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1523
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3664
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1558
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3610
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1357
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1394
    26.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3612
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1337
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3674
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1444
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3652
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1276
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3624
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1513
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3681
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1308
    24.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1549
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3341
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1542
    25.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3408
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1498
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3508
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1481
    27.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3433
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1631
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1644
    26.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3682
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1610
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1565
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1586
    26.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3549
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1659
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3600
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1671
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1625
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3533
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1564
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3642
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1633
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1593
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 697
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 387
    34.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.