Latin

ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 10

Süzlärneñ gomumi sanı 3652
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1276
28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
قاتناش قۇراللىرى ئۈستىدە ناماز ئوقۇش مەسىلىسى
376. سوئال: قاتناش قۇراللىرى ئۈستىدە بولغاندا نامازنى قانداق ئوقۇش كېرەك؟
جاۋاب: پاراخوت، كېمە، ئايرۇپىلان، پويىز، ئاپتوموبىل قاتارلىق قاتناش قۇراللىرى ئۈستىدە سەپەر قىلغاندا، ئۆزۈرسىز تۇرۇپمۇ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇش جائىزدۇر. بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:
(1) پاراخوتتا يۈرگەندە، نامازلارنى ئۆرە تۇرۇپ ئادەتتىكىدەك ئوقۇش كېرەك. چۈنكى پاراخوتتا باش قېيىش ياكى يېقىلىپ كېتىش خەۋپى بولمايدۇ. چۈنكى پاراخۇت ئۆيگە ئوخشاشتۇر.
(2) كېمىدە يۈرگەندە كېمە كىچىك بولۇپ، ئۆرە تۇرسا بېشى قېيىش ياكى يېقىلىش ئېھتىمالى بولسا، ئولتۇرۇپ ئوقۇش جائىزدۇر. پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە ھەر قانداق نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ.
(3) ئايروپىلاندا يۈرگەندە، ئورۇندۇقتىن چىقىپ بوش جايلاردا ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا (بوش ئورۇن تېپىلمىغانلىقتىن)ئىمكانىيەت بولمىغان ياكى ئۆرە تۇرسا بېشى قايىدىغان شارائىتلاردا، ئولتۇرۇپ ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇش جائىزدۇر.
(4) ماشىنىدا يۈرگەندە، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش ھەقىقەتەن ئىمكانسىز بولغانلىقتىن، ئەگەر نامازنى كېىچىكتۈرسە ئۇنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان شارائىتلاردا، ئولتۇرۇپ ئىشارەت بىلەن ماشىنىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئوقۇش جائىزدۇر.
(5) پەرز، ۋاجىپ، تەكىتلىك سۈننەت بولغان نامازلاردىن باشقا نەپلىگە ئوخشاش نامازلارنى ئۆزۈرسىز ھالدىمۇ، قايسىبىر ۋاقىتتا ئولتۇرۇپ ياكى ئىشارەت بىلەن ئوقۇش جائىزدۇر. بىراق ساۋاب جەھەتتە پەرقلىق بولىدۇ.

نامازنىڭ تۈرلىرى
377. سوئال: ئىسلامدا قانچە تۈرلۈك ناماز بار؟
جاۋاب: ئىسلامدىكى نامازلار تۆۋەندىكىچە:
- جامائەت نامىزى (بەش ۋاخ نامازنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇلىشىنى دېمەكچى)
- جۈمە نامىزى
- يولۇچى نامىزى
- ھېيت نامازلىرى
- تەراۋىھ نامىزى
- كېسەل نامىزى
- سۇ تىلەش نامىزى
- كۇسۇف نامىزى
- خەۋپ نامىزى
-تەھىيەتۇل مەسجىد نامىزى
- چاشگاھ نامىزى
- تەھەججۇد نامىزى
- تاۋاپ نامىزى
- تەۋبە نامىزى
- ئىستىخارە نامىزى
- ھاجەت نامىزى
- ئەۋۋابىين نامىزى
- تەسبىھ نامىزى
- جىنازا نامىزى

جامائەت نامىزى
378. سوئال: جامائەت نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟
جاۋاب: جامائەت نامىزى – پەرز، ۋاجىب ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئادا قىلىش دېمەكتۇر.
379. سوئال: جامائەت نامىزىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ئەرلەر ئۈچۈن تەكىتلىك سۈننەتتۇر. جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن 27 ھەسسە ئارتۇق بولىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلغان.
380. سوئال: ئاياللارنىڭمۇ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشى دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ئاياللارنىڭمۇ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشى جائىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تولىمۇ ياخشىدۇر. ئۇلارمۇ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاندا ئەرلەرنىڭ ئېرىشكەن ساۋابىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
مەسجىدكە بېرىشنىڭ ئەدەبلىرى
381. سوئال: مەسجىدكە بېرىشنىڭ ئەدەپلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە كېلىشنىڭ ئەدەپلىرى تۆۋەندىكىلەر:
(1) كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيىگە «ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئىشىكىڭنى ئاچقىن»(125) دەپ دۇئا قىلىش بىلەن كېرىش.
(2)مەسجىدكە كىرگەندە ئوڭ پۇتى بىلەن كىرىش، چىققاندا سول پۇتى بىلەن چىقىش.
(3) مەسجىدكە كىرگەن ھامان ئولتۇرماستىن ئىككى رەكئەت (تەھىيەتۇل مەسجىد) نامىزى ئوقۇش. (قايسىبىر مەقسەت بىلەن كىرگەن كىشىمۇ ئوقۇيدۇ).
(4) ساۋابنىڭ كۆپرەك بولىشى ئۈچۈن مەسجىدكە سالماق قەدەم بىلەن بېرىش. چۈنكى مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن ئالغان ھەر بىر قەدەمگە ئايرىم ساۋاب يېزىلىدۇ.
(5) جامائەت بىلەن ناماز باشلانغىچىلىك قىبلىگە قاراپ ئولتۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل بولۇش.
(6) ھەر قانداق چوڭ ـ كىچىك گۇناھلار ئۈچۈن تەۋبىنى يېڭىلاش.
(7) نامازدا تۇرغاندا سەپنى تۈزەش، بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇش. نامازدا سەپنى تۈزەش ناھايىتى مۇھىمدۇر.
(8) نامازغا چىرايلىق كىيىنىپ بېرىش. ئىسلام دىنى گۈزەللىك ۋە پاكىزىلىق دىنى بولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ھەمىشە مەدەنىيەتلىك ۋە پاكىز بولۇشقا چاقىرىدۇ. خۇسۇسەن، مەسجىدكە بارغاندا كىيىملەرنى تۈزەپ، ئالاھىدە گۈزەل يارىشىملىق ھالدا بېرىش ساۋابتۇر.
(9) مەسجىدتىن چىقىشتا «ئى ئاللاھ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، خاتالىقلىرىمنى كەچۈرگىن، شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىغىن»(126) دەپ دۇئا قىلىش بىلەن چىقىش.
ئىماملىق ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى
382. سوئال: ئىمام دېگەن كىم؟
جاۋاب: ئىمام - جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇلارغا نامازنى باشلاپ ئوقۇپ بېرىدىغان كىشى دېمەكتۇر.
383. سوئال: ئىماملىقنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئىماملىقنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەر:
(1) ئىمام بولغان كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولىشى.
(2) بالىغ (12 ياشتىن يوقىرى) بولىشى.
(3) ئاقىل (ئەقلى - ھۇشى جايىدا) بولىشى.
(4) ئەر بولىشى.
(5) قۇرئان سۈرىلىرىنى يادا ۋە توغرا ئوقۇشنى بىلىدىغان بولىشى.
(6) ئۆزۈرلۈك(كۆپ بۇرنى قانايدىغان ياكى سۈيدۈكىنى تۇتالمايدىغان) بولماسلىقى شەرتتۇر.
384. سوئال: ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئىمام بولىشى دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئىمام بولىشى دۇرۇس ئەمەس. بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن كۈنىمىزگە قەدەر بىردەك چەكلىنىپ كەلگەن ئىش بولۇپ، ھازىرقى زاماننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن دوكتور يۈسۈپ ئەل قارداۋىي ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئىمام بولالماسلىقىنىڭ ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجما (بىردەك ئىتتىپاققا كېلىشى) بىلەن كەسكىنلەشكەن مەسىلە ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.
385. سوئال: ئاياللار مەخسۇس ئاياللار جامائىتىگە ئىمام بولسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ئاياللارنىڭ مەخسۇس ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان ئايال جامائىتىگە ئىمام بولىشى دۇرۇستۇر. ھەتتا ئاياللارنىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشى مۇستەھەب( ساۋابلىق ئىش) تىن سانىلىدۇ. ئاياللارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان ئايال ئىمام سەپنىڭ ئالدىغا چىقماستىن، بىرىنچى سەپتىكى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە ، شۇنداقلا بەزى ساھابى ئاياللارنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن.
386. سوئال: ئىماملىققا ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشىلەر كىملەر؟
جاۋاب: جامائەتنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى يۇقىرىقى شەرتلەرگە لاياقەتلىك بولۇپ، ھەممىسى ئوخشاش سەۋىيىدە بولۇپ قالغاندا، ئالدى بىلەن دىنىي مەسىلىلەرنى، خۇسۇسەن ناماز ئەھكاملىرىنى باشقىلاردىن ياخشى بىلىدىغىنى، ئۇنىڭدىن قالسا قۇرئاندىن كۆپرەك يادا بىلىدىغان ۋە ئەڭ چىرايلىق ھەم توغرا قىرائەت قىلالايدىغىنى، ئۇنىڭدىن قالسا ئەڭ تەقۋادار بولغىنى، ئاندىن يېشى چوڭراق بولغىنى، ئاندىن ئەخلاقى گۈزەل بولغىنى ئىماملىققا تاللىنىدۇ.
387. سوئال: مەسجىدنىڭ ئىماملىقىغا ھەقلىق كىشى كىم؟
جاۋاب: ھەر قانداق بىر مەسجىدنىڭ ئىمامى شۇ مەسجىدتە ئىماملىققا باشقىلاردىن ھەقلىقتۇر. پەقەت دۆلەت مۇپتىسى ياكى شەھەرنىڭ چوڭ قازىسى بار يەردە، بۇلاردىن باشقىلار ئىمام بولالمايدۇ. مۇپتى ياكى قازىدىن باشقا قايسىبىر مۇسۇلمان دىنىي ئەمەلدار ياكى ئۆلىما مەسجىدنىڭ رەسمىي ئىمامىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ناماز ئوقۇيالمايدۇ. پەقەت رەسمىي ئىمام رۇخسەت بەرگەندىلا ئوقۇيالايدۇ. چۈنكى رەسمىي ئىمام ئۆز مەسجىدىدە ئىماملىققا ئۇلاردىن ھەقلىق، ئەلۋەتتە.
388. سوئال: پىكىر ئېقىمى باشقىچە بولغان كىشىگە ئىقتىدا قىلىش دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: ئىسلام ئۇممىتىدىن بولغان ھەر خىل مەزھەپ، ھەرخىل جامائەت ۋە ھەرخىل تائىپە كىشىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتى رەت قىلىدىغان بىدئەت(دىندىن سانالمايدىغان ئىشلار) نى سادىر قىلغانلىقى ياكى كۇپۇرلۇق دائىرىسىگە كىرمەيدىغان دەرىجىدىكى پىكىر ئېقىمى سەۋەبلىك چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.(127) بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۆزى پاسىق ياكى بىدئەت ئىش قىلىدىغان بولسىمۇ، خۇسۇسەن جامائەت قوللىغان ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىۋېرىدۇ. بۇ ئىماملىققا ئۇنىڭدىن ئەۋزەلرەك بىر كىشى چىقمىغاندا شۇنداق بولىدۇ.
ئىمامغا ئەگىشىشنىڭ شەرتلىرى
389. سوئال: ئىمامغا ئەگىشىشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئىمامغا ئەگىشىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەر:
(1) ئىمامغا ئىقتىدا قىلىشنى نىيەت قىلىش. ئىمامغا ئىقتىدا قىلماقچى بولغان كىشى نامازنى باشلاشتا تەكبىر ئېيتىشتىن بۇرۇن ھەم ئۆز نامىزىغا ھەم ئىمامغا ئىقتىدا قىلىشقا (ئويغۇنلىشىشقا) نىيەت قىلىشى لازىم.
(2) ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ئايال جامائەتلەرمۇ بولسا، ئىمامنىڭ ئاياللارغا ئىمام بولۇشنىمۇ نىيەت قىلىشى، ھەتتا ئاياللارنىڭ مەۋجۇد بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ (ماڭا ئەگەشكەن جامائەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىماملىقىغا) دەپ نىيەت قىلىشى لازىم.
(3)ئىمام بىلەن جامائەت ئوتتۇرىسىدا ئاياللار سېپى بولماسلىقى.
(4) جامائەت ئىمامنىڭ ئارقىسىدا بولىشى، ئارىلىقتا بوشلۇق قالدۇرلىشى كېرەك.
(5) ئىمام بىلەن جامائەت ئەينى نامازنىڭ پەرزىنى ئوقۇشى.
(6) جامائەت ئىمامنى كۆرەلىشى ياكى ھېچبولمىغاندا ئاۋازىنى ئاڭلىيالىشى.
(7) ئىمام بىر بىنادا، جامائەت باشقا بىر بىنادا بولماسلىقى لازىم.
(8) ئىمام بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدا قېيىق ئۆتەلىگىدەك ئۆستەڭ ياكى ھارۋا ماڭالىغىدەك يول بولماسلىقى.
(9) جامائەت بىر كىشىدىن كۆپ بولغاندا، ئىمامنىڭ جامائەتتىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىر مېتىر ئالدىدا تۇرۇشى، ئەگەر ئىمامدىن باشقا جامائەت بىرلا كىشى بولسا، ئۇنىڭ ئوشۇقى ئىمامنىڭ ئوشۇقىدىن ئارقىدا تۇرۇشى شەرتتۇر.
390. سوئال: ئىقتىدا قىلىشقا بولمايدىغان كىشىلەر قايسىلار؟
جاۋاب: ئەرنىڭ ئايالغا ياكى كىچىك بالىغا، ئۆزۈرسىز كىشىنىڭ ئۆزۈرلۈك كىشىگە، ئالىم ياكى قارىينىڭ ناماز ئەھكاملىرىنى بىلمەيدىغان بىرىگە ئىقتىدا قىلىشى جائىز ئەمەس.
جامائەت سېپى ۋە جامائەتكە ئۈلگۈرۈش مەسىلىسى
391. سوئال: جامائەت سېپىنىڭ تەرتىبى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىمامدىن كېيىن ئاۋۋالقى سەپتە ئەرلەر، ئاندىن كېيىنكى سەپتە بالىلار، ئاندىن خۇنسالار(ئىككى جىنسلىقلار)، ئەڭ ئاخىرىدا ئاياللار سەپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى جائىز ئەمەس.
392. سوئال: ئالدىنقى سەپتە تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى نېمە؟
جاۋاب: جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاندا ئالدىنقى سەپتە تۇرۇشقا تېرىشىش مۇستەھەب ئەمەللەردىن سانىلىدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىشنىڭ ساۋابى كۆپ بولىدۇ.
393. سوئال: سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز تۇرغان كىشىنىڭ نامىزى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: سەپنىڭ ئارقىسىدا ئۆزى يالغۇز تۇرۇپ ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭ نامىزىنى مەكرۇھلۇق بىلەن ئادا تاپىدۇ. ئىمكان قەدەر يالغۇز تۇرماستىن ئالدىغا ئۆتۈشى لازىم. ئالدىدىن ئورۇن بولمىغاندا بىرىنى يېنىغا تارتىپ كېلىپ بىرگە تۇرسىمۇ بولىدۇ.
394. سوئال: جامائەت بولۇشنىڭ ئەڭ ئاز سانى قانچە؟
جاۋاب: جامائەتنىڭ ئەڭ ئاز سانى ئىككى بولۇپ، بىرى ئىمام يەنە بىرى ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىدۇر. يەنى باشقا كۆپ جامائەت بولمىغان يەردە، ئىككى ئادەمنىڭ بىرى يەنە بىرىگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇسا، ئۇلار جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ.
395. سوئال: ئۆز ئالدىغا پەرز ناماز ئوقۇۋاتقان بىر كىشى بار جايدا، شۇ پەرز نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش باشلانسا، ئۇ كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟
جاۋاب: ئۆزى يالغۇز نامازغا باشلاپ تېخى سەجدە قىلمىغان بولسا، نامازنى بۇزۇپ، ھامان جامائەتكە قوشۇلىدۇ. ئەگەر بىر قېتىم سەجدە قىلىنغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا قاراش كېرەك، ئۇقۇۋاتقان نامىزى بامدات ياكى شام نامىزى بولسا قالدۇرۇلىدۇ – دە، ئىمامغا ئەگىشىدۇ. ئەگەر بۇ نامازلارنىڭ ئىككىنچى رەكئىتى ئۈچۈن سەجدىگە باش قويغان بولسا، ناماز توختىتىلمايدۇ، تاماملىنىدۇ. چۈنكى بامدات نامىزىدىن كېيىن نەپلە ناماز ئوقۇشقا بولمىغىنىدەك، ئۈچ رەكئەتلىك ناماز نەپلە قىلىپ ئوقۇلمايدۇ. ئەگەر ئوقۇۋاتقان ناماز پېشىن ياكى ئەسىر نامىزىغا ئوخشاش تۆت رەكئەتلىك پەرز ناماز بولسا، ئوقۇلغان بىر رەكئەتكە يەنە بىر رەكئەت قوشۇپ ئىككى رەكئەتنى تاماملاپ«تەھىييات»نىلا ئوقۇپ سالام بېرىدۇ ۋە ھامان ئىمامغا ئەگىشىدۇ. ئۆزى يالغۇز ئوقۇغان ئىككى رەكئەت نامىزى نەپلە ناماز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
396. سوئال: بامدات نامىزى جامائەت بىلەن ئوقۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىشى قانداق قىلىدۇ؟
جاۋاب: جامائەتكە ئۈلگۈرەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتسە دەرھال بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇيدۇ. سۈننەتنى ئوقۇشتا خالىسا ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن«سانا »، «ئەئۇزۇ بىللا» ۋە «بىسمىللاھ»لارنى ئوقۇمايلا يالغۇز فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، رۇكۇ بىلەن سەجدىلەردە ئوقۇلىدىغان تەسبىھلەر(سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم ۋە سۇبھانە رەببىيەل ئەلا)نى بىر قېتىمدىنلا ئېيتىدۇ. سالامدىن كېيىنلا دەرھال ئىمامغا ماسلىشىدۇ.
ئەگەر جامائەتكە ئۈلگۈرىدىغانلىقىغا زادى كۆزى يەتمىسە سۈننەتنى باشلىماستىنلا ئىمامغا ئەگىشىدۇ. چۈنكى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابى سۈننەت ئوقۇشتىن چوڭ. ئوقۇيالمىغان بۇ سۈننەتنىڭ قازاسىنى كېيىن كۈن چىقىپ بولغاندا ئوقۇۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر ئوقۇيالمىسا گۇناھ بولمايدۇ.
397. سوئال: قانداق كىشى جامائەتكە يېتىشكەن بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىمام بىرىنچى سالامنى بېرىشتىن بۇرۇن جامائەتكە يېتىشپ نامازغا قۇشۇلغان كىشى ― ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ.گەرچە باشتىن ئىمام بىلەن بىرگە بولالمىغان بولسىمۇ ― جامائەتكە ئۈلگۈرگەن ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە
398. سوئال: قانداق كىشى رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن نامازغا باشلاپ رۇكۇغا ئۈلگۈرەلىگەن ئادەم شۇ رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن بولىدۇ. بۇ كىشىدىن شۇ رەكئەتنىڭ قىرائىتى ساقىت بولىدۇ.
جامائەت بىلەن ئىمامنىڭ ئىشلىرى
399. سوئال: قايسى ئىشلارنى ئىمام قىلمىسا جامائەتمۇ قىلمايدۇ؟
جاۋاب: تۆۋەندىكىلەرنى ئىمام قىلمىسا جامائەتمۇ قىلمايدۇ:
(1) تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئاخىرقى رەكئىتىدە ئىمام قۇنۇت دۇئاسىنى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ رۇكۇ قىلسا جامائەتمۇ ئوقۇماستىن رۇكۇ قىلىدۇ.
(2) ئىمام سەجدە سەھۋى قىلمىسا جامائەتمۇ قىلمايدۇ.
(3) ئىمام تىلاۋەت سەجدىسى قىلمىسا جامائەتمۇ قىلمايدۇ.
(4)ئىمام ھېيت نامازلىرىنىڭ ئارتۇق تەكبىرلىرىنى ئېيتمىسا جامائەتمۇ ئېيتمايدۇ.
(5)ئىمام تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدە ئولتۇرمىسا، جامائەتمۇ ئولتۇرمايدۇ.
400. سوئال: قايسى ئىشلارنى ئىمام قىلسا جامائەت قىلمايدۇ؟
جاۋاب: تۆۋەندىكىلەرنى ئىمام قىلسا جامائەت قىلمايدۇ:
(1) ئىمام جىنازا نامازلىرىدا تۆتتىن ئارتۇق تەكبىر ئېيتسا جامائەت ئېيتمايدۇ.
(2) ئىمام ھېيت نامازلىرىنىڭ قىيامدا تۇرۇشىدا، بىر رەكئەتتە ئۈچتىن ئارتۇق تەكبىر ئېيتسا جامائەت ئېيتمايدۇ.
(3) ئىمام خاتالاشقانلىقتىن نامازنىڭ ئاخىرقى رەكئىتىدە ئولتۇرماستىن يەنە بىر رەكئەتكە تۇرۇپ كەتسە جامائەت تۇرمايدۇ. بەلكى ئىمامنى كۈتىدۇ. ئەگەر ئىمام جامائەتنىڭ ئاگاھلاندۇرشىنى بىلىپ ئولتۇرسا بۇ ناماز دۇرۇستۇر. ئاخىرىدا سەجدە سەھۋى قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر ئىمام شۇ تۇرغىنىچە قايتماستىن، بۇ ئارتۇق رەكئەتنىڭ سەجدىسىنى قىلغان بولسا، جامائەت ئىمامغا ئەگەشمەستىن ئۆز ئالدىغا سالام بېرىپ نامازدىن چىقىدۇ. ئەگەر ئىمام خاتالاشقاندا جامائەتمۇ ئىمام بىلەن بىرگە تۇرۇپ ئارتۇق رەكئەتنىڭ سەجدىسىنى قىلغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئىمام بىلەن جامائەت ھەممىسىنىڭ نامىزى بۇزۇلىدۇ.
(4) ئىمام ئىككىدىن ئارتۇق سەجدە قىلسا جامائەت قىلمايدۇ.
401. سوئال: قايسى ئىشلارنى ئىمام قىلمىسىمۇ جامائەت قىلىدۇ؟
جاۋاب: تۆۋەندىكىلەرنى ئىمام قىلمىسىمۇ جامائەت قىلىدۇ:
(1) نامازغا باشلاش تەكبىرلىرىدە قوللارنى كۆتۈرۈش.
(2) «سانا» ئوقۇش.
(3) رۇكۇغا ئېگىلىشتە تەكبىر ئېيتىش.
(4) سەجدىلەرگە بارغاندا ۋە ئۇنىڭدىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتىش.
(5) رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە تەسبىھ ئېيتىش.
(6)ئىمام (سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە) دېمىسىمۇ، جامائەت (رەببەنا ۋە لەكلەلھەمدۇ) دېيىش.
(7) «ئەتتەھىياتۇ»دۇئاسىنى باشقا دۇرۇد ۋە دۇئالار بىلەن تولۇق ئوقۇش.
(8) نامازدىن كېيىن سالام بېرىش.
(9) قۇربان ھېيتنىڭ تەشرىق تەكبىرلىرىنى ئېيتىش.

جۈمە نامىزى
جۈمە نامىزى ۋە ئۇنى ئادا قىلىش قائىدىلىرى
402. سوئال: جۈمە نامىزى قانداق ناماز؟
جاۋاب: جۈمە نامىزى - ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدە پېشىن ۋاقتىدا جامائەت بولۇپ ئوقۇلىدىغان ناماز بولۇپ، كىشىلەر بىر يەرگە توپلىنىپ ئوقۇلىدىغان ناماز بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن«جۈمە ئەسلىسى – جۇمۇئە» يەنى (توپلىنىش، جەم بولۇش) دەپ ئاتالغان.
403. سوئال: جۈمە نامىزىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: جۈمە نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش پەرز ئەينىدۇر. ئۇنى كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكتىن ئادا قىلمىغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ.
404. سوئال: جۈمە نامىزى پەرز بولىدىغان كىشىلەر كىملەر؟
جاۋاب: جۈمە نامىزى تۆۋەندىكى 7 شەرت ھازىر بولغان كىشىگە پەرزدۇر:
(1) ئەر بولۇش. ئاياللارغا جۈمە نامىزى پەرز ئەمەس. ئەمما ئوقۇسا ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئۇلاردىن شۇ كۈننىڭ پېشىن نامىزى ساقىت بولىدۇ.
(2) ھۆر بولۇش. ئەسىر ياكى سولاقتا بولغانلارغا جۈمە پەرز ئەمەس.
(3) سەپەر ئۈستىدە بولماسلىق. يولۇچىلارغا جۈمە پەرز ئەمەس.
(4) ئەما (كۆزى كور) بولماسلىق. كورلارغا جۈمە پەرز ئەمەس.
(5) مېيىپ بولماسلىق. جىسمانىي مېيىپ كىشىلەرگە جۈمە پەرز ئەمەس.
(6)كېسەل بولماسلىق. ماڭالمايدىغان ئېغىر بىمارلارغا جۈمە پەرز ئەمەس.
(7) كۆڭلىدە دۈشمەن ۋەھىمىسى بولماسلىق. جۈمەگە بارسا ھاياتى تەھدىدكە ئۇچراش ئېھتىمالى بار كىشىلەرگە جۈمە پەرز ئەمەس.
جۈمە نامىزى ئوقۇغان كىشىلەردىن شۇكۈننىڭ پېشىن نامىزى ساقىت بولىدۇ.
405. سوئال: جۈمە نامىزىنىڭ پەرزلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: جۈمە نامىزىنىڭ پەرزى ئىككى بولۇپ، بىرى، جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش، ئىككىنچىسى، نامازدىن بۇرۇن خۇتبە(ئىككى خۇتبە) ئوقۇلۇشىدىن ئىبارەتتۇر. خۇتبىنى ئاڭلاش پەرزدۇر.
خۇتبە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
406. سوئال: خۇتبە دېگەن نېمە؟
جاۋاب: خۇتبە - ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، ئۇنىڭغا ھەمدۇ سانا ئېيتىش ۋە جامائەتكە ۋەز – نەسىھەت قىلىش دېمەكتۇر.
407. سوئال: خۇتبىنىڭ شەرتلىرى نېمە؟
جاۋاب: خۇتبىنىڭ ئادا تېپىشىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) خۇتبە نامازدىن(جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزىدىن) بۇرۇن ئوقۇلىشى.
(2) خۇتبە خۇتبىنى نىيەت قىلغان ھالدا ئوقۇلىشى.
(3) خۇتبىنىڭ پېشىن ۋاقتىدا ئوقۇلىشى.
(4) خۇتبىنى ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ تىڭشىشى.
(5) خۇتبە بىلەن جۈمە نامىزىنىڭ ئارىسىدا يېيىش- ئىچىش ۋە يويۇنۇشقا ئوخشاش، نامازنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى شەرتتۇر.
408. سوئال: خۇتبىنى ئەرەبچە ئوقۇش شەرتمۇ؟
جاۋاب: خۇتبىنى ئەرەب تىلىدا ئوقۇش شەرت ئەمەس. ئۇنى ئەرەبچە ئوقۇشقا بولغىنىدەك، ھەر مىللەت ئۆز تىلىدا ئوقۇسا ياخشى. ھەمدۇسانا (ئاللاھنى مۇدھىيىلەش) بىلەن دۇرۇد(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوقۇلىدىغان دۇئا) ئىككىسىنى ئەرەب تىلىدا ئېيتسىمۇ، خۇتبىدىكى ۋەز – نەسىھەتلەرنى جامائەتنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.
جۈمە كۇنىدىكى سۈننەت ئەمەللەر
409. سوئال: جۈمە كۈنىدە ياكى جۈمە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قىلىش سۈننەت بولغان ئىشلار قايىسلار؟
جاۋاب: جۈمە كۈنىدە ياكى جۈمە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قىلىش سۈننەت بولغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
(1) جۈمە نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن غۇسلى قىلىش، ئۆزىگە ھەم كىيىملىرىگە خۇشبۇيلارنى چېچىش ۋە چىرايلىق كىيىنىپ بېرىش. غۇسلى قىلىش ۋاقتى جۈمە كۈنى سەھەردىن جۈمە ۋاقتىغىچە بولۇپ، غۇسلىنى كېچىكتۈرۈپ، جۈمە نامىزىغا بېرىش ئالدىدا قىلىش ئەۋزەلدۇر.
(2) جۈمە كۈنلۈكتە جۈمە نامىزىنىڭ پەرزىدىن كېيىن تۆت رەكئەت سۈننەت نامىزى ئوقۇش پۈتۈن ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن تەكىتلىك سۈننەتتۇر. ئەمما جۈمەنىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان. ساھابىلارنىڭ ئولىمالىرىدىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ جۈمە كۈنلۈكتە جۈمەنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى 4 رەكئەت، جۈمەنىڭ پەرزىدىن كېيىن 4رەكئەت، جەمى 8 رەكئەت سۈننەت ئوقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.(128) ھەنەفى مەزھىبىدە بۇ ھەدىسقا كۆرە ئىش كۆرۈلمەكتە.
(3) جۈمە كۈنلۈكتە كەھف سۈرىسىنى ئوقۇش.
(4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپلەپ دۇرۇد ئېيتىش.
410. سوئال: جۈمە كۈنىدە ھارام بولىدىغان ئىشلار قايسىلار؟
جاۋاب: جۈمە كۈنىدە قىلىش ھارام بولىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
(1) جۈمە نامىزى ئوقۇش شەرتىگە توشقان شەھەر، يېزا ۋە مەھەللىدە پېشىن نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش. بۇ جۈمە كۈنىدىكى جۈمە ئوقۇش ئۈچۈن توپلىنىشتىن ئىبارەت ئىسلامىي ئەنئەنىگە قارشى ھەرىكەت سانىلىدۇ.
(2) جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىققان ۋاقتىدا سودا – سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىش.
(3) مەسجىدتە بىراۋنى ئورنىدىن تۇرغۇزىۋېتىپ ئۆزى ئولتۇرۇش. چۈنكى مەسجىدلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا كىرگەنلەر بىر – بىرىدىن ئىلىم، مەنسەپ، مەرتىۋە، بايلىق ۋە باشقا تەرەپلەردىن قانچىلىك پەرقلىق بولۇپ كەتسۇن، ھەممىسى بۇ جايدا ئوخشاشتۇر.
(4) مەسجىدتە ئىمامدىن باشقىلارنىڭ جامائەتنىڭ بوينىدىن ياكى مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشى.
جۈمە نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى
411. سوئال: جۈمە نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى قانداق؟
جاۋاب: جۈمەنىڭ پەرزى پېشىن نامىزىنىڭ پەرزىدىن مۇھىم ۋە ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن، جۈمە نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھىنىڭ باشقا پەرز نامازلاردىن بىرەرسىنى تەرك ئەتكەنلىكنىڭ گۇناھىدىن ئېغىر ۋە قاتتىق بولىدىغانلىقى تەبىئىيدۇر.


يولۇچىلار نامىزى
412. سوئال: يولۇچى نامىزى دېگەن قايسى ناماز؟
جاۋاب: يولۇچى نامىزى – بەش ۋاخ نامازلارنىڭ پەرزلىرىنى قەسر قىلىپ (4 رەكئەتنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ) ئوقۇش دېگەنلىكتۇر.
413. سوئال: شەرىئەتتە قانداق كىشى يولۇچى ھېسابلىنىدۇ؟
جاۋاب: شەرىئەتتە يولۇچىلىق بەلگىلىك بىر مۇساپىگە بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. 15 كۈندىن ئاز تۇرۇش نىيىتى بىلەن 85 كىلومېتىرلىق بىر مۇساپىنى نىيەت قىلىپ يولغا چىققان كىشى يۇرتىنىڭ ئاخىرقى مەنزىللىرىدىن ئايرىلغاندىن باشلاپ يولۇچى ھېسابلىنىدۇ. 85 كىلومېتىرلىق بۇ مۇساپىنى مەيلى ئايروپىلان بىلەن، مەيلى پويىز بىلەن، مەيلى باشقا قاتناش قوراللىرى بىلەن، مەيلى پىيادە باسسۇن، ھەرھالەتتە بۇ سەپەر يولۇچىلىق ھېسابلىنىدۇ.
يولۇچىلارغا ئائىت ھۆكۈملەر
414. سوئال: يولۇچىلارغا ئائىت ھۆكۈملەر قايسىلار؟
جاۋاب: يولۇچىلارغا ئائىت ھۆكۈملەر تۆۋەندىكىلەر:
(1) يولۇچىلار تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلارنى قەسر قىلىپ (ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ) ئوقۇيدۇ. ئەمما ئىككى رەكئەتلىك، ئۈچ رەكئەتلىك پەرزلەر ۋە تۆت رەكئەتلىك سۈننەتلەر قىسقارتىلمايدۇ، بەلكى تولۇق ئوقۇلىدۇ.
(2) ۋاقىت تار كەلسە، يولۇچىلارنىڭ سۈننەت نامازلارنى ئوقۇماسلىقىمۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن ئوڭايلىقلاردىندۇر.
(3)يولۇچىلار ئىككى نامازنى جەمئى قىلىپ بىر ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىدۇ. («نامازلارنى جەمئى قىلىش» دېگەن ماۋزۇدا تەپسىلى سۆزلەندى).
(4) يولۇچىلار تاھارەت بىلەن كىيىلگەن(مەسھى قىلىشقا سالاھىيەتلىك) ئاياقلارنىڭ ئۈستىگە ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز مەسھى قىلسا بولىدۇ. («ئاياقلارغا مەسھى قىلىش»دېگەن ماۋزۇدا تەپسىلىي سۆزلەندى).
(5) يولۇچىلار رامىزاندا خالىسا روزا تۇتىدۇ، خالىسا تۇتمايدۇ. يولۇچىلىقى تاماملانغاندىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ. ئەمما رامىزاندا قىينىلىپ قالمىسا تۇتقىنى ئەۋزەلدۇر.
(6) يولۇچىلىق مۇددىتى ― كىشى ئۆز مەھەللىسىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىدىن ئايرىلغاندىن باشلاپ تاكى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەردۇر. ئۆز يۇرتىغا ياكى تۇغۇلغان يۇرتى بولمىسىمۇ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەردىكى ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن، ئۇنىڭ يولۇچىلىق مۇددىتى تۈگىگەن بولىدۇ ۋە نامازلارنى قەسر قىلماستىن تولۇق ئوقۇشقا باشلايدۇ.
(7) سەپەردە نامازنى قازا قىلغان كىشى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇنى سەپەردىكى بويىچە قەسر قىلىپ ئوقۇيدۇ. مۇقىملىق ھالىتىدە قازا قىلغان نامازلارنى سەپەردە ئادا قىلماقچى بولسا تولۇق ئوقۇيدۇ. شۇنىڭدەك، ئولتۇراقلىشىپ قالغان يۇرتتىن تۇغۇلغان يۇرتىدىكى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان كىشىمۇ نامازلارنى قەسر قىلماستىن تولۇق ئوقۇيدۇ.
(8) يولۇچى مۇقىم(يولۇچى بولمىغان) ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا، تۆت رەكئەتنى تولۇق ئوقۇيدۇ. ئارتۇق ئوقۇغان كېيىنكى ئىككى رەكئەت ناماز نەپلە نامىزى بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ.
(9) يولۇچى مۇقىملارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇماقچى بولسا، نامازغا تۇرۇشتىن ئاۋۋال جامائەتلەرگە ئۆزىنىڭ يولۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى ياكى سالامدىن كېيىن« مەن يولۇچىمەن، نامىزىڭلارنى تولۇقلاڭلار»دەپ قويۇشى ياخشىدۇر. يولۇچى ئىمام ئىككى رەكئەتتىن كېيىن سالام بەرگەندە، جامائەت سالام بەرمەستىن ئورنىدىن تۇرۇپ، قالغان ئىككى رەكئەتنى ئۆز ـ ئالدىغا تاماملاپ ئاندىن سالام بېرىدۇ.
(10) يولۇچى بىرەر ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن، سەپەرگە ئاتلىنىپ، بۇ نامازنى يول ئۈستىدە ئوقۇماقچى بولسا، قەسر قىلماستىن، تۆت رەكئەت قىلىپ تولۇق ئوقۇيدۇ. چۈنكى بۇ ناماز ئۇنىڭ مۇقىملىق ھالىتىدە ئۇنىڭ زىممىسىگە تۆت رەكئەت بولۇپ تەيىنلىنىپ بولغان ئىدى.

ھېيت مانازلىرى
415. سوئال: ھېيت نامازلىرى قايسى نامازلار؟
جاۋاب: ھېيت سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: قايتىش ۋە قايتىلىنىش دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا – ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە ھەر يىلى خوشاللىقنى قايتىلاپ بېرىشى دېمەكتۇر. بىر يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىككى ھېيت بولۇپ، بىرى روزا ھېيتى، يەنە بىرى قۇربان ھېيتىدۇر. ھەر ئىككى ھېيتتا ئىككى رەكئەت ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋاجىبتۇر.
416. سوئال: ھېيت نامازلىرى كىملەرگە ۋاجىب بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىككى ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇش جۈمە نامىزىنى ئوقۇشى پەرز بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ۋاجىبتۇر.
ھېيت نامازلىرىغا بېرىشتىكى سۈننەت ئەمەللەر
417. سوئال: ھېيت نامازلىرىغا بېرىشتا سۈننەت بولغان ئىشلار قايسىلار؟
جاۋاب: ھېيت نامازلىرىغا بېرىشتا سۈننەت بولغان ئىشلار مۇنۇلار:
(1) روزا ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېيىش.
(2) قۇربان ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن يېمەسلىك.
(3) ھەر ئىككى ھېيت نامىزىغا يويۇنۇپ، ئېسىل كىيىنىپ بېرىش.
(4) ھەر ئىككى ھېيتتا سەدىقىنى كۆپ بېرىش.
(5) ھەر ئىككى ھېيت نامىزىغا بېرىشتا، يولدا تەكبىر ئېيتىپ بېرىش.
418. سوئال: تەشرىق تەكبىرلىرى دېگەن نېمە؟
جاۋاب: تەشرىق تەكبىرلىرى - قۇربان ھېيتنىڭ ئەرفە (ئەتە ھېيت دېگەن) كۈنى بامدات نامىزىدىن باشلاپ ھېيتنىڭ 4 – كۈنى ئەسىر نامىزىغىچىلىك جەمى 23 ۋاخ نامازنىڭ پەرزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان تەكبىرلەردۇر. بۇ تەكبىرلەرنى ھەر پەرز نامازدىن كېيىن، مەيلى يالغۇز بولسۇن، مەيلى جامائەت بىلەن بولسۇن، مەيلى يولۇچى بولسۇن، مەيلى مۇقىم بولسۇن ھەر قانداق مۇسۇلمان، ئاقىل، بالىغ ئەرلەرنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ۋاجىبتۇر.
419. سوئال: تەشرىق تەكبىرلىرىنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم قانداق قىلىدۇ؟
جاۋاب: تەشرىق تەكبىرلىرىنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەمگە ئۇنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ ۋە ساقىت بولىدۇ.(129)

تەراۋىھ نامىزى
420. سوئال: تەراۋىھ نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟
جاۋاب: تەراۋىھ نامىزى - رامىزان ئېيىدا ئاخشاملىرى ئوقۇلىدىغان مەخسۇس نامازدۇر.
421. سوئال: تەراۋىھ نامىزى قاچان ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: تەراۋىھ نامىزى رامىزان ئاخشاملىرى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. خۇپتەندىن بۇرۇن ئوقۇلسا تەراۋىھ ھېسابلانمايدۇ.
422. سوئال: تەراۋىھ نامىزى قانچە رەكئەت؟
جاۋاب: تەراۋىھ نامىزى 20 رەكئەتتۇر.
423. سوئال: تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: رامىزان ئېيىدا بىر ئاي تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش تەكىتلىك سۈننەتتۇر.
424. سوئال: تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش شەرتمۇ؟
جاۋاب: تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ئەۋزەل. ئەمما يالغۇز ئوقۇسىمۇ ئادا تاپىدۇ. ئەمما بۇ نامازنى بىر مەھەللىدە ھېچكىم جامائەت بولۇپ ئوقۇمىسا، شۇ مەھەللە جامائەتلىرىنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى تەراۋىھ نامىزىنى رامىزاندا جاماەت بولۇپ ئوقۇش تەكىتلىك سۈننەتتۇر.(130)
تەراۋىھ نامىزىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
425. سوئال: تەراۋىھ نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: تەراۋىھ نامىزىنى ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ، تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىپمۇ ئوقۇش مۇمكىن. تەراۋىھ نامىزىنى ئىككى رەكئەتلىكتىن قىلىپ ئوقۇماقچى بولغاندا، ئۇ خۇددى بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇلىدۇ. تەراۋىھ نامىزىنى تۆت رەكئەتلىكتىن قىلىپ ئوقۇماقچى بولغاندا، ئۇ خۇددى پېشىن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇلىدۇ.
426. سوئال: رامىزاندىكى تەراۋىھ نامىزى جەريانىدا قۇرئاننى خەتمە قىلىش شەرتمۇ؟
جاۋاب: بىر ئايلىق تەراۋىھ نامىزىدا قۇرئان كەرىمنى خەتمە قىلىش شەرت ئەمەس، ئەمما ساۋاب ناھايىتى كۆپ بولغان بەكمۇ ئەھمىيەتلىك سۈننەت ئەمەللىرىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم رامىزان ئېيىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈشكە باشلىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ رامىزان ئېيىدا قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن ئىنتايىن كۆپ مەشغۇل بولغان. تەراۋىھ نامىزىنى جامائەتنى زېرىكتۈرمەيدىغان يېنىكرەك ئوقۇش ياخشىدۇر.
427. سوئال: رامىزاندا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇيالمىغان ياكى كەم ئوقۇغان كىشىگە ئۇنىڭ قازاسى كېلەمدۇ؟
جاۋاب: تەراۋىھ نامىزىنى رامىزاندا ئوقۇيالمىغان كىشىگە ئۇنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سۈننەت ئەمەل. سۈننەتنىڭ قازاسى قىلىنمايدۇ.
428. سوئال: بالاغەتكە يەتمىگەن بالىنىڭ تەراۋىھ نامىزىغا ئىمام بولىشى دۇرۇسمۇ؟
جاۋاب: بالاغەتكە يەتمىگەن بالىنىڭ تەراۋىھ نامىزىغا ئىمام بولۇشى توغرۇلۇق ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى ئىختىلاپلاشقان. بەزىسى دۇرۇس ئەمەس دېگەن قاراشتا بولسا، كۆپ سانلىقى دۇرۇسلىقىنى سۆزلىگەن. دۇرۇس دېگۈچىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى)غا ئىمام بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن. ئەمما پەرز نامازلاردا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئىمام بولۇشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى بىرلىككە كەلگەن.(131)
كېسەل كىشىنىڭ ناماز ئوقۇش كەيپىيىتى
429. سوئال: كېسەل كىشى نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟
جاۋاب: كېسەل كىشى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئۆرە تۇرالمايدىغان ياكى ئۆرە تۇرسا، كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە ياكى شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىق بولغان بىمار ئولتۇرۇپ رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى نورمال كەيپىيىتى بويىچە قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ.
ئولتۇرۇپ ئوقۇلغان نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بىمار رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرنى ئىما - ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ. ئەمما سەجدە قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا ئورۇندۇق ياكى ياستۇق قويۇپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى سەجدە پەقەت يەرگە قىلىنىدۇ. يەرگە سەجدە قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بىمار سەجدىنى ئىما – ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ.
430. سوئال: ئۆرە تۇرالمايدىغان بىمار نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟
جاۋاب: ئۆرە تۇرالمايدىغان ياكى ئۆرە تۇرسا، كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە ياكى شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىق بولغان بىمار ئولتۇرۇپ رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى نورمال كەيپىيىتى بويىچە قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالىغان بولسىمۇ، رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بىمار ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ئولتۇرۇپ ئوقۇلغان نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بىمار رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرنى ئىما - ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ.
431. سوئال: ئولتۇرۇشقىمۇ كۈچى يەتمىگەن بىمار قانداق قىلىدۇ؟
جاۋاب: ئولتۇرۇشقىمۇ كۈچى يەتمىگەنلىكتىن ئوڭدىسىغا يېتىپ ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغان بىمار ئىككى پۇتىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ ياتىدۇ، مۇمكىنچىلىك بولسا ئىككى پۇتىنى قىبلىگە ئۇزارتماسلىقى ئۈچۈن ئىككى تىزى ئازراق كۆتۈرىلىدۇ ۋە بىمارنىڭ ئاسمانغا قارىماستىن قىبلىگە قارىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا ئىگىزرەك ياستۇق قويۇلىدۇ. ئەمما يېنىچە يېتىپ ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغان بىمار ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ، قىبلىگە قاراپ ياتىدۇ، رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرگە بېشى بىلەن ئىما - ئىشارەت قىلىدۇ. ئەمما يېنىچە يېتىپ ئوقۇغاندىن ئوڭدىسىغا يېتىپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر.(132)
ئىما - ئىشارەت
432. سوئال: ئىما - ئىشارەت دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئىما - ئىشارەت ― نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدىلەرگە ئىشارەت ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە باشنى ئېگىش دېمەكتۇر. ئەگەر بىمار بېشى بىلەن ئىما - ئىشارەت قىلىشتىنمۇ ئاجىز كەلسە، كۆزى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ ئاجىز كەلسە نامازنى ئوقۇمايدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ كەچۈرىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام:« سىلەرنى بىرەر ئىشقا بۇيرۇسام، ئۇنى تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئورۇنلاڭلار.»(133) دېگەن.
ئىستىسقا، كۇسۇف، خۇسۇف ۋە قورقۇنچ نامازلىرى
ئىستىسقا نامىزى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇلىشى
433. سوئال: ئىستىسقا نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟
جاۋاب: ئىستىسقا - ئېھتىياج تۇيۇلغاندا مەخسۇس ناماز، خۇتبە ۋە دۇئالار ئارقىلىق ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت ۋە يامغۇر تىلەش دېمەكتۇر.
434. سوئال: ئىستىسقا نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئىستىسقا نامىزىدا ئەزاننىڭ ئورنىغا: «الصلاة جامعة ـ ئەسسەلاتۇ جامىئەتۇن» يەنى: (توپلىنىپ ناماز ئوقۇلىدۇ) دەپ، كىشىلەر نامازغا چاقىرىلىدۇ. ئاندىن ئەزان ياكى تەكبىر ئېيتماستىن خۇددى ھېيت نامىزىغا ئوخشاش قىرائىتىنى قىلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇلىدۇ. نامازدىن كېيىن ئىمام ھېيت نامىزىغا ئوخشاش ئىككى خۇتبە ئوقۇيدۇ. خۇتبىدە ئاللاھ تائالادىن يامغۇر سوراپ دۇئا قىلىنىدۇ.
كۇسۇف نامىزى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇلىشى
435. سوئال: كۇسۇف ۋە خۇسۇف نامازلىرى دېگەن نېمە؟
جاۋاب: كۇسۇف - كۈننىڭ تۇتۇلۇشى، خۇسۇف - ئاينىڭ تۇتۇلۇشى دېگەنلىكتۇر.
كۈن تۇتۇلغاندا، ئاللاھتىن گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى سوراپ خۇددى جۈمە ياكى ھېيت نامازلىرىغا ئوخشاش جامائەت بىلەن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش سۈننەتتۇر. ئەمما ئاي تۇتۇلغان ۋاقىتتا، جامائەت بولۇپ توپلانماستىن، ھەركىم ئۆز ئۆيىدە، ئۆز ئالدىغا خۇددى نەپلە نامازلارغا ئوخشاش ئىككى رەكئەت خۇسۇف نامىزى ئوقۇش سۈننەتتۇر.
قورقۇنچ نامىزى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇلىشى
436. سوئال: قورقۇنچ نامىزى دېگەن نېمە؟
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 11
  • Büleklär
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3125
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1528
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1526
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1378
    28.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1523
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3664
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1558
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3610
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1357
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1394
    26.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3612
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1337
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3674
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1444
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3652
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1276
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3624
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1513
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3681
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1308
    24.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1549
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3341
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1542
    25.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3408
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1498
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3508
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1481
    27.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3433
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1631
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1644
    26.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3682
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1610
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1565
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1586
    26.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3549
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1659
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3600
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1671
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1625
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3533
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1564
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3642
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1633
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1593
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 697
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 387
    34.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.