Latin

ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 08

Süzlärneñ gomumi sanı 3612
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1337
20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
28.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
34.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
جاۋاب: ئەرلەرنىڭ ئەۋرەت ئەزالىرى - كىندىكىنىڭ ئاستىدىن تىزىنىڭ ئاستىغا قەدەر. بۇنىڭغا بىنائەن، ئەرلەر نامازغا تۇرغىنىدا ئەۋرەت ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرىدىن تۆتنىڭ بىرىگە يەتكىچىلىك ئەزاسى ئوچۇق قالسا، ئۇنىڭ نامىزى ئادا تاپمايدۇ.
298. سوئال: ئاياللارنىڭ ئەۋرەت جايلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئاياللارنىڭ ئەۋرەت جايلىرى - ئۇلارنىڭ يۈزى، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىدۇر.
ئەر - ئايال ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنى نا مەھرەم كىشىلەر ئالدىدا يېپىپ يۈرۈشى نامازنىڭ سىرتىدىكى پۈتۈن ۋاقىتلاردا پەرزدۇر. نامازدا بولسا، نامازنىڭ دۇرۇس بولىشىنىڭ شەرتىدۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەۋرەت جايلارنى ئېچىش مەنئى قىلىنغىنىدەك، باشقىلارنىڭ ئەۋرەت جايلىرىغا قاراشمۇ قەتئىي چەكلىنىدۇ.
299. سوئال: بالاغەتكە يەتمىگەن سەبى بالىلارنىڭ ئەۋرەت جايلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: تۆت ياشقا تولمىغان بالىلارنىڭ ئەۋرەت سانىلىدىغان جايلىرى يوق يەنى ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە قاراشقا بولىدۇ. ئۇلار تۆت ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئالدى ۋە كەينى تەرىپى ئەۋرەتتۇر. ئۇلار ئون ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەۋرەت بولىدىغان جايلىرى چوڭ ئەرلەرنىڭ ئەۋرەت جايلىرىغا ئوخشاشتۇر يەنى كىندىكى بىلەن تىزىنىڭ ئارىسىدۇر. ئوغۇل ـ قىزلار بۇ ھۆكۈمدە ئوخشاش.
قىبلە توغرۇلۇق مەسىلىلەر
300. سوئال: قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش – نامازدا يۈزىنى ۋە پۇتۈن ۋۇجۇدىنى مەسجىدى ھەرەمدىكى كەبە تەرەپكە قارىتىپ تۇرۇش دېگەنلىكتۇر.
301. سوئال: قىبلىگە قاراشقا ئىمكانىيەت بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: كېسەللىك، ئورۇش مەيدانىدا بولغانلىق، دۈشمەندىن ئېھتىيات قىلغانلىق، قاتناش قوراللىرىنىڭ ئۈستىدە بولغانلىق سەۋەبلەردىن قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇشقا ئىمكانىيەت بولمىغان شارائىتلاردا، پىيادە بولسۇن ياكى قاتناش قوراللىرىدا بولسۇن، شۇ ۋاقىتتىكى شارائىتقا قاراپ، ئىمكان قەدەر قىبلىگە، قىبلىگە يۈزلىنىشكە ئىمكانىيەت بولمىسا قايسىبىر تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇسا بولۇۋېرىدۇ.(103)
302. سوئال: قىبلىنى تاپالمىغان چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: سەپەر ئۈستىدە قاراڭغۇلۇق ياكى ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇق بولغانلىقى سەۋەبى بىلەن قىبلە تەرىپىنى بىلەلمىگەن كىشى قىبلىنى سوراپ بىلىشكە ئادەم تاپالمىغان ياكى كومپاسقا ئوخشاش تەرەپلەرنى كۆرسەتكۈچ سايمانلىرىمۇ بولمىغان شارائىتتا، قىبلىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئۆز قانائىتىگە كۆرە قىبلە تەرەپنى بەلگىلەپ ناماز ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى نامىزى دۇرۇس بولىدۇ.
قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشنىڭ ئەدەپلىرى
303. سوئال: قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشنىڭ ئەدەپلىرى قايسى؟
جاۋاب: ناماز ئوقۇغاندا، كۆكسىنى ۋە يۈزىنى قىبلە تەرەپكە قاراتقان كىشى، ئەلۋەتتە قەلبىنىمۇ، دۇنياۋى غەرەزلەردىن، نەپسىي ھەۋەسلەردىن ئازات قىلغان ھالدا، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا يۈزلەندۈرۈشى ۋە ئەقلىنى، پىكرىنى، شۇنداقلا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئۆزى مۇناجات قىلماقچى بولغان ئىگىسى ئاللاھ تائالاغا بېغىشلىشى قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشنىڭ ئەدەپلىرىدىندۇر.
304. سوئال: نامازدا نېمە ئۈچۈن كەبە تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈش كېرەك؟
جاۋاب: نامازدا كەبە تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈش ۋە ھەج، ئۆمرە ئادا قىلغاندا، كەبىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلىشتىكى مەقسەت كەبىگە چوقۇنۇش يۈزىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ﴿(نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن﴾(104) دەپ بۇيرىغان ئەمرىگە بىنائەن، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش يۈزىسىدىن كەبە تەرەپكە قارايمىز ۋە ھەج، ئۆمرىنى كەبىنىڭ ئەتراپىنى تاۋاپ قىلىش بىلەن قىلىمىز. ئىبادەت پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ ئەمرنى خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن:﴿ ئۇلار بۇ ئۆي (يەنى بەيتۇللا)نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇن﴾(105) دېگەنگە ئوخشىغان ئايەتلەرنى چۈشۈرگەن.
نىيەت توغرۇلۇق مەسىلىلەر
305. سوئال: نىيەت دېگەن نېمە؟
جاۋاب: نىيەت - قەلبتىكى مەقسەت دېمەكتۇر. نامازنىڭ نىيىتى ― ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ناماز ئوقۇشنى كۆڭۈلگە پۈتۈش دېگەنلىك بولۇپ، نىيەتنىڭ ئورنى قەلب بولغاچقا، ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ قايسى نامازنى ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈتۈشى شەرتتۇر. نىيەتنى تىل بىلەن سۆزلەش شەرت ئەمەس. ئەمما تىل بىلەنمۇ سۆزلىسە بولىۋېرىدۇ.
306. سوئال: نىيەتنىڭ ۋاقتى قاچان؟
جاۋاب: نامازدىكى نىيەتنىڭ ۋاقتى - نامازغا باشلاش تەكبىرىنى ئالغان ۋاقىتتۇر. نىيەتنى نىيەت بىلەن تەكبىرنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىدىغان ئىش يۈز بەرمەسلىك شەرتى بىلەن تەكبىرنىڭ ئالدىدا قىلسىمۇ بولىدۇ.
307. سوئال: نىيەت قىلىش ئۇسۇلى قانداق؟
جاۋاب: ئوقۇماقچى بولغان ناماز پەرز ياكى ۋاجىب بولۇپ، ئۆزى يالغۇز ياكى ئىمام بولۇپ ئوقۇماقچى بولسا، ئوقۇماقچى بولغان نامىزىنىڭ پەرز ياكى ۋاجىب ئىكەنلىك تۈرىنى نىيەتتە(كۆڭلىدە) تەيىنلىشى كېرەك. ئەمما سۈننەت، نەپلە، تەراۋىھ ۋە باشقا نامازلارغا ئۇ نامازلارنىڭ قايسى ناماز ۋە قانچە رەكئەت ئىكەنلىكىنى نىيەتتە تەيىنلىمەستىن، پەقەت «ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلدىم» دەپ مۇتلەق نامازغا نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر.
بەش ۋاخ نامازنىڭ رەكئەتلىرى
308. سوئال: رەكئەت دېگەن نېمە؟
جاۋاب: رەكئەت ― نامازغا باشلاپ، قىيام، قىرائەت، رۇكۇ ۋە ئىككى سەجدىنى تاماملىغۇچىلىك بولغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى رەكئەت دېيىلىدۇ.
309. سوئال: بامدات نامىزى قانچە رەكئەت ۋە تەرتىبى قانداق؟
جاۋاب: بامدات نامىزى 2 رەكئەت سۈننەت، 2 رەكئەت پەرز بولۇپ، ھەممىسى 4 رەكئەتتۇر. ئاۋۋال ئىككى رەكئەت سۈننەت، كېيىن ئىككى رەكئەت پەرز ئوقۇلىدۇ.
310. سوئال: پىشىن نامىزى قانچە رەكئەت ۋە تەرتىبى قانداق؟
جاۋاب: پىشىن نامىزى 4 رەكئەت ئالدىنقى سۈننەت، 4 رەكئەت پەرز ۋە 2 رەكئەت كېيىنكى سۈننەت بولۇپ، جەمى 10 رەكئەتتۇر. ئاۋۋال تۆت رەكئەت سۈننەت، كېيىن تۆت رەكئەت پەرز، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ.
311. سوئال: ئەسىر نامىزى قانچە رەكئەت ۋە تەرتىبى قانداق؟
جاۋاب: ئەسىر نامىزى ئالدىدا 4 رەكئەت تەكىتسىز سۈننەت، ئاندىن 4 رەكئەت پەرز بولۇپ، جەمى 8 رەكئەتتۇر. ئاۋۋال تۆت رەكئەت تەكىتسىز سۈننەت، كېيىن تۆت رەكئەت پەرز ئوقۇلىدۇ. (تەكىتسىز سۈننەت – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزىدە قىلغان ۋە بەزىدە قىلمىغان ئىشلار دېگەنلىكتۇر)
312. سوئال: شام نامىزى قانچە رەكئەت ۋە تەرتىبى قانداق؟
جاۋاب: شام نامىزى 3 رەكئەت پەرز، 2 رەكئەت سۈننەت بولۇپ، جەمى 5 رەكئەتتۇر. ئاۋۋال ئۈچ رەكئەت پەرز، كېيىن ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ.
313. سوئال: خۇپتەن نامىزى قانچە رەكئەت ۋە تەرتىبى قانداق؟
جاۋاب: خۇپتەن نامىزى 4 رەكئەت تەكىتسىز سۈننەت، 4 رەكئەت پەرز ۋە 2 رەكئەت سۈننەتتۇر. ئاۋۋال تۆت رەكئەت تەكىتسىز سۈننەت، ئاندىن تۆت رەكئەت پەرز، كېيىن ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ.
314. سوئال: ۋىتىر نامىزى قانچە رەكئەت ۋە قاچان ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ۋىتىر نامىزى 3 رەكئەت بولۇپ، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ياكى ئايرىم ئوقۇلىدۇ. ۋىتىر نامىزى خۇپتەن نامىزىدىن ئايرىم بىر نامازدۇر.
315. سوئال: بەش ۋاخ نامازلارنىڭ پەرزلىرىنىلا ئوقۇش كۇپايە قىلامدۇ؟
جاۋاب: ئاللاھ تائالا بۇيرىغان بەش ۋاخ ناماز ئۇلارنىڭ پەرزلىرىدۇر. بۇ پەرزلەرنى بارلىق شەرتلىرىگە ۋە جىمى قائىدە - تەرتىبلىرىگە تولۇق رىئايە قىلغان ھالدا، كامىل ئادا قىلغان كىشى ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان بەش ۋاخ نامازنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ئەمما ئىنسان كەمچىلىكلەردىن، خاتالىقلاردىن ۋە نۇقسانلاردىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھېچكىم نامازلىرىنى ئاللاھ تائالا تەلەب قىلغان رەۋىشتە تولۇق ئادا قىلدىم دەپ ئېيتالمايدۇ. شۇڭا بەش ۋاخ نامازنى سۈننەتلىرى بىلەن قوشۇپ ئوقۇشقا زور ئېھتىياجلىقمىز. چۈنكى بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرى پەرزلەردىكى كەمچىلىكلەر ۋە نوقسانلارنى تولۇقلايدۇ ۋە ئايرىم ساۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ.

نامازنىڭ ئىچىدىكى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار
نامازنىڭ پەرزلىرى
316. سوئال: نامازنىڭ پەرزلىرى قانچە؟
جاۋاب: نامازنىڭ پەرزلىرى 6 بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەر:
(1) تەكبىر تەھرىمى (نامازنى باشلاش تەكبىرى)
(2) قىيام (نامازدا ئۆرە تۇرۇش.)
(3) قىرائەت (نامازدا قۇرئان سۈرىلىرىدىن ئوقۇش)
(4) رۇكۇ (قولنى تىزغا قويۇپ يەرگە ئېگىلىش)
(5) سەجدە (نامازدا پېشانىنى يەرگە قويۇش)
(6) قەئدە ئاخىر(نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇش)
317. سوئال: تەكبىر تەھرىمى قانداق ئېيتىلىدۇ؟
جاۋاب: تەكبىر تەھرىمى - «الله اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ ئەرەب تىلى بىلەن ئېيتىلىدۇ. ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇماقچى بولغان ئادەمنىڭ تەكبىرنى ئۆزى ئىشىتكۈچىلىك ئاۋازدا ئېيتىشى يېتەرلىكتۇر. ئەمما ئىمام بولغان كىشىنىڭ جامائەت ئىشتكۈچىلىك ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتىشى كېرەك.
318. سوئال: قانداق نامازلارنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش شەرت؟
جاۋاب: ھەر قانداق پەرز ياكى ۋاجىب نامازلارنى، سۈننەت نامازلاردىن بامداتنىڭ سۈننىتىنى (ئالاھىدە مۇھىم سۈننەت بولغانلىقى ئۈچۈن) ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش پەرزدۇر. سۈننەت ۋە نەپلە نامازلارنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش پەرز ئەمەس. ئۆرە تۇرۇشقا ماجالى يېتىدىغان تۇرۇپمۇ بۇ نامازلارنى ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا بولىدۇ. بىراق ساۋابى كەمرەك بولىدۇ. شۇڭا تېنى ساق كىشى ئۈچۈن ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش ئەۋزەل.
319. سوئال: نامازدا قۇرئاندىن قانچىلىك ئوقۇش پەرز؟
جاۋاب: ھەرقانداق سۈننەت، نەپلە، ۋاجىب نامازلارنىڭ پۈتۈن رەكئەتلىرىدە، ئىككى رەكئەتلىك پەرز نامازلارنىڭ ھەممە رەكئىتىدە ۋە ئىككى رەكئەتتىن كۆپ پەرز نامازلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكئىتىدە پەرزدۇر. ناماز ئوقۇغۇچى مەيلى ئىمام بولسۇن ياكى ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇسۇن يۇقىرىقى نامازلارنىڭ پۈتۈن رەكئەتلىرىدە قۇرئاندىن خالىغان سۈرە ياكى ئايەتلەرنى ئوقۇش ئوخشاشلا پەرزدۇر. ئەمما پۈتۈن نامازلارنىڭ ھەر رەكئەتىدە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ۋاجىبتۇر.
قىرائەتنىڭ ئەڭ ئاز مىقدارى، قىسقا ئايەتلەردىن ئۈچ ئايەت ياكى ئۇزۇن ئايەتلەردىن ئۈچ ئايەتكە تەڭ كېلىدىغان بىر ئايەت ئوقۇشتۇر. بۇنىڭدىن ئاز قۇرئان ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى قوبۇل بولمايدۇ. كۆپ ئوقۇشنىڭ چېكى يوقتۇر.
320. سوئال: رۇكۇ قانداق قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: رۇكۇ - باش بىلەن دۈمبىنى قوللار تىزلارغا ئازادە يەتكىچىلىك ئېگىش دېگەنلىك بولۇپ، رۇكۇدا بويۇن بىلەن دۈمبە تەكىشى ھالدا باراۋەر بولۇشى شەرتتۇر. ئىككى قولنىڭ بارماقلىرى ئېچىلغان ھالدا تىزلارنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. رۇكۇدا ئەرلەر جەينەكلىرىنى قورسىقىغا تەككۈزمەيدۇ. ئەمما ئاياللار جەينەكلىرىنى قورسىقىغا چاپلاپ تۇرىدۇ.
321. سوئال: سەجدە قانداق قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: سەجدە - پېشانە، بۇرۇن، ئىككى قول، ئىككى تىز ۋە ئىككى پۇتتىن ئىبارەت يەتتە ئەزانى يەرگە تەكشى قويۇش بىلەن قىلىنىدۇ.
322. سوئال: نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇشنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟
جاۋاب: نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇشنىڭ پەرز بولغان مىقدارى «ئەتتەھىياتۇ»نى ئوقۇپ بولغىچىلىك ۋاقىتتۇر. ئۇنىڭدىن ئارتۇقى سۈننەت. ئەمما «ئەتتەھىياتۇ»نى ئوقۇش ۋاجىبتۇر.
نامازنىڭ ۋاجىبلىرى
323. سوئال: نامازنىڭ ۋاجىبلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: نامازنىڭ ۋاجىبلىرى تۆۋەندىكىلەر:
(1) نامازنى باشلىغاندا «الله اَكْبَرْ (ئاللاھۇ ئەكبەر)» دېگەن تەكبىرنى ئېيتىش.
(2) پەرز نامازلارنىڭ 3 - ۋە 4 - رەكئەتلىرىدىن باشقا پۈتۈن نامازلاردا، فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن، بىر سۈرە ئوقۇش ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇش.
(3) سەجدىدە، بۇرۇن بىلەن پېشانىنى باراۋەر يەرگە تەككۈزۈش.
(4) ئىككى سەجدىنى ئارقا - ئارقىدىن قىلىش.
(5) ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلارنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدىن كېيىن ئولتۇرۇش.
(6) ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلارنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدىن كېيىنكى ئولتۇرۇشىدا «ئەتتەھىياتۇ» نى ئوقۇپ بولۇپلا كېچىكمەستىن ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرۇش.
(7) نامازدىكى پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىبلىرىگە رىئايە قىلىش ۋە ھەر بىر پائالىيەتنى ئالدىرىماستىن قىلىش.
(8) ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلارنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدىن كېيىنكى ئولتۇرۇشتا ۋە نامازنىڭ ئاخىرقى ئولتۇرۇشىدا «ئەتتەھىياتۇ» نى ئوقۇش.
(9) ۋىتىر نامىزىدا قۇنۇت دۇئاسىنى ئوقۇش ئالدىدا تەكبىر ئېيتىش ۋە قۇنۇت دۇئاسىنى ئوقۇش.
(10) نامازنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا، ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش.
(11) جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازلاردىن: بامدات، جۈمە، ھېيت، تەراۋىھ، ۋە ۋىتىر نامازلىرىنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە؛ شام، خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئىتىدە، مەيلى ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز بولسۇن، مەيلى قازا ناماز بولسۇن ئىمامنىڭ قىرائەتنى(فاتىھە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان سۈرىنى) ئاشكارا، ئاۋازلىق ئوقۇشى.
(12)جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازلاردىن پېشىن بىلەن ئەسىر نامازلىرىدا ئىمامنىڭ قىرائەتنى مەخپى ئوقۇشى.
(13) قىرائەتتە فاتىھە سۈرىسىنى باشقا سۈرىدىن ئاۋۋال ئوقۇش.
(14) ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ قىرائىتى مەخپى ئوقۇلىدىغان پېشىن، ئەسىر، ۋىتىر، بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرى ۋە نەپلە نامازلاردا قىرائەتنى مەخپى ئوقۇشى، ئەمما بامداتنىڭ پەرزى، شام ۋە خۇپتەننىڭ پەرزلىرىگە ئوخشاش قىرائىتى ئاشكارا ئوقۇلىدىغان نامازلاردا ― مەيلى ئۇ ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز بولسۇن، مەيلى قازا ناماز بولسۇن - قىرائەتنى مەخپى ئوقۇش ياكى ئاشكارا ئوقۇش ئىختىيارى بويىچە ئىش كۆرۈشى. (ئەمما ئاشكارا ئوقۇش ئەۋزەلدۇر).
(15) سەجدە سەھۋى قىلىش سەۋەبلىرى تېپىلغاندا سەجدە سەھۋى قىلىش.
(16) جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازلاردا جامائەتنىڭ ئىمامنىڭ قىرائىتىنى جىم تۇرۇپ ئاڭلىشى.
(17) ھېيت نامازلىرىنىڭ ئارتۇق تەكبىرلىرىنى ئېيتىش.
نامازنىڭ سۈننەتلىرى
324. سوئال: نامازنىڭ سۈننەتلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: نامازنىڭ سۈننەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) نامازغا باشلىغاندا، ۋىتىر نامىزىنىڭ قۇنۇتىنى ئوقۇشقا باشلىغاندا ۋە ھېيت نامازلىرىنىڭ تەكبىرلىرىنى ئېيتىقاندا، ئەرلەرنىڭ قوللىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ يۇمشىقىغا قەدەر، ئاياللارنىڭ قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرۈشى.
(2) ھەر نامازنىڭ بىرىنچى رەكئىتىنىڭ باشلىنىشىدا مەخپى ھالدا، سانا (سُبْحَانَكَ الَّلهُمَّ - سۇبھانەكەللاھۇممە...)نى ئوقۇش.
(3) فاتىھە سۈرىسىدىن ئاۋۋال ﴿ أعُوذ بِالله مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ﴾ (ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم) ۋە ﴿ بِسْمِ الله الرَّحْمنِ الرَّحِيْمِ ﴾ بىلەن (بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىيم) نى دەيمىز.
(4) فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مەخپى ياكى ئاشكارا «ئامىين» دېيىش.
(5) قىيامدا(ئۆرە) تۇرغاندا ئەرلەرنىڭ ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ كىندىكىنىڭ ئاستىدا تۇتۇشى، ئاياللار قوللىرىنى كۆكسىدە تۇتۇشى.
(6) نامازدا ئۆرە تۇرغاندا، ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىقىنى ئەڭ ئاز دېگەندە تۆت بارماق ئازادە سىغقۇدەك ئوچۇق تۇتۇش.
(7) رۇكۇدىن تۇرغاندا، « سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ »(سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدەھ)» ۋە « رَبَّنَا وَلَكَ اْلحَمْــدُ» (رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ)» دېيىش.
(8) رۇكۇ ۋە سەجدىلەرگە بېرىش، بىرىنچى سەجدىدىن تۇرۇش، ئىككىنچى سەجدىگە بېرىش، يەنە سەجدىدىن تۇرۇش قاتارلىق يۆتكىلىشلەرنىڭ ھەممىسىدە، « اَللهُ اَكْبَرْ (ئاللاھۇ ئەكبەر)» دەپ تەكبىر ئېيتىش.
(9) رۇكۇدا«سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيْم» (سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم)»نى، سەجدىـــــــــــدە « سُبْحَاَن رَبِّيَ اْلاَعْلىَ » (سۇبھانە رەببىيەل ئەلا)»نى ئەڭ ئاز ئۈچ قېتىمدىن دېيىش.
(10) رۇكۇدا قوللارنىڭ بارماقلىرىنى ئاچقان ھالدا تىزلارنى تۇتۇپ،(ئەرلەر بېلىنى تۈز قىلىپ) تۇرۇش.
(11) سەجدىگە بېرىشتا ئاۋۋال تىزلارنى، ئاندىن قوللارنى، ئاندىن پېشانىنى يەرگە قويۇش، سەجدىدىن تۇرۇشتا بۇ تەرتىبنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرۈش.
(12) نامازدىكى ئولتۇرۇشتا، ئەرلەرنىڭ سول پۇتلىرىنى ياتقۇزۇپ ئۈستىگە ئولتۇرغان ۋە ئوڭ پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىپ تىكلىگەن، ئاياللارنىڭ سول ۋە ئوڭ پۇتلىرىنى ئوڭ تەرەپكە ياتقۇزۇپ ئۆزى يەرگە ئولتۇرغان ھالدا، قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ، بارماق ئۇچىنى قىبلىگە قارىتىپ ئولتۇرۇشى.
(13) نامازنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئولتۇرۇشىدا، «ئەتتەھىياتۇ» دىن كېيىن «ئاللاھۇممەسەللى ئەلا، ئاللاھۇممە بارىك ئەلا» دۇرۇدلىرىنى ۋە «رەببەنا» دۇئاسىنى ئوقۇش.
(14) سالام بېرىشتە ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە، ئاندىن سول تەرەپكە باشنى سىلىق چۆرىگەن ھالدا: « اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَةُ اللهِ »(ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ)»دېيىش.
(15) تەشەھھۇد ئوقۇغاندا، ئوڭ قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن قىبلىگە ئىشارەت قىلىپ ئولتۇرۇش.
نامازنىڭ ئەدەپلىرى
325. سوئال: نامازنىڭ ئەدەپلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: نامازنىڭ ئەدەپلىرى تۆۋەندىكىلەر:
(1) تەكبىر تەھرىمىدە(نامازغا باشلاش تەكبىرىدە)ئىككى قولنى يەڭلەردىن چىقارغان ھالدا، ئەرلەرنىڭ ئىككى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا قەدەر، ئاياللارنىڭ ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرۈشى.
(2) نامازدا ئۆرە تۇرغاندا كۆزنى سەجدە قىلىدىغا جايغا، رۇكۇدا پۇتلارنىڭ ئۇچلىرىغا، سەجدىدە بۇرۇننىڭ ئۇچىغا، ئولتۇرغاندا ئىككى تىزنىڭ ئارىسىغا، سالام بەرگەندە مۈرىسىگە قارىتىش.
(3) نامازدا، قەلب ئاللاھقىلا يۈزلىنىپ تۇرۇشى.
(4) نامازدا ئاللاھقا بولغان ئىخلاس ۋە مۇھەببەتنىڭ ئەڭ چېكىگە يېتىشى.
(5) نامازدا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتكەن، ئازابىدىن قورققان ھالدا تۇرۇش.
(6) نامازدا دۇنيالىق ئوي - پىكىر ۋە خىياللاردىن قەتئىي ئايرىلغان ھالدا، ئاللاھ تۇيغۇسى بىلەنلا مەشغۇل بولۇش.

ناماز ئوقۇشنىڭ قائىدە – تەرتىبلىرى
بامدات نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
326. سوئال: بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: نامازنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن، تاھارەت بىلەن پاكىز يەرگە بارىمىز. ئەگەر يەرنىڭ پاكىز بولماسلىق ئېھتىمالى بولسا، جايناماز ئىشلىتىمىز. جاينامازنىڭ يۆنىلىشىنى قىبلىگە قارىتىپ سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالدا تۈپتۈز ئۆرە تۇرۇپ ئىچىمىزدە «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلدىم» دەپ نىيەت قىلىمىز ۋە « اَللهُ اَكْبَرْ »(ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ ئىككى قولىمىزنى ئىككى قۇلاقنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىمىز. ئالقانلارنى قىبلىگە قارىتىمىز. (ئاياللار تەكبىردە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىگىچە كۆتۈرىدۇ. ئالقانلىرىنى ئەرلەرگە ئوخشاش قىبلىگە قارىتىدۇ).
تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن قوللىرىمىزنى چۈشۈرۈپ كىندىكىمىزنىڭ ئاستىغا قويۇپ قول باغلاپ تۇرىمىز، يەنى ئوڭ قولىمىزنىڭ ئالقىنىنى سول قولىمىزنىڭ ئالقىنىنىڭ دۈمبىسى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوڭ قولىمىزنىڭ باش ۋە چىمىلتاق بارماقلىرى بىلەن سول قولىمىزنىڭ بېغىشىنى تۇتىمىز. ( ئاياللار قىيامدا تۇرغاندا، قوللىرىنى كۆكرەكلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرىدۇ. ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. كۆزلىرىنى سەجدىگاھقا قارىتىپ، پۇتلىرىنى ھىم جۈپلەشتۈرىدۇ، تىزلىرى تىك تۇرىـــدۇ).
ئەر ۋە ئايال ھەرقانداق كىشى قىيامدا تۇرغاندا كۆزلەر سەجدىگاھقا قاراپ تۇرىدۇ، ئوڭ - سولغا ياكى يوقىرى - تۆۋەنگە قاراشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا كۆزلەرنى يۇمۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىقى تۆت بارماق سىغقۇدەك كەڭلىكتە ئوچۇق قالدۇرىلىدۇ. تىزلارنى ئەگمەستىن تىك تۇتىمىز، باش گەۋدە ئوڭ - سولغا تەۋرەنمەستىن ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.
تەكبىر ئېيتىپ قول باغلىغاندىن كېيىن، مۇنۇ سانانى ئوقۇيمىز: « سُبْحَانَكَ الَّلهُمَّ وَبِحَمْدِكَ وَتَبَارَكَ اسْمُكَ وَتَعَالَى جَدُّكَ وَلاَ اِلَهَ غَيْرُكُ» (سذبهانةكةللاهىممة ؤةبعهةمدعكة ؤة تةبارةكةسمذكة ؤةتةظةلا جةددذكة ؤةلا ظعلاهة غةيرذك (سۇبھانەكەللاھۈممە ۋەبىھەمدىكە ۋە تەبارەكەسمۇكە ۋەتەئەلا جەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۇك»، ئاندىن﴿أعُوذ بِالله مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ﴾ (ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم) ۋە ﴿ بِسْمِ الله الرَّحْمنِ الرَّحِيْمِ﴾ (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم)دەيمىز.
ئاندىن فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيمىز.
فاتىھە سۈرىسى: ﴿الْحَمْدُ للّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ ● الرَّحْمـنِ الرَّحِيمِ ● مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ ● إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ ● اهدِنَــــا الصِّرَاطَ المُستَقِيمَ ● صِرَاطَ الَّذِينَ أَنعَمتَ عَلَيهِمْ غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ﴾ ئوقۇلىشى:«ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين. ئەررەھمانىر رەھىيم. مالىكى يەۋمىددىين. ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىين. ئىھدىنەس ـ سىراتەل مۇستەقىيم، سىراتەللەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم غەيرىل مەغزۇبى ئەلەيھىم ۋەلەززاللىين»ئامىين!
فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر سۈرە ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز، مەسىلەن: مائۇن سۈرىسى: ﴿أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ ● فَذَلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ ● وَلَا يَحُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ ● فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّينَ ● الَّذِينَ هُمْ عَن صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ ● الَّذِينَ هُمْ يُرَاؤُونَ ● وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ﴾ئوقۇلىشى:«ئەرە ئەيتەللەزى يۇكەززىبۇ بىددىين. فەزالىكەللەزى يەدۇئئۇل يەتىيم. ۋەلا يەھۇززۇ ئەلا تەئامىل مىسكىين. فەۋەيلۇن لىلمۇسەللىين. ئەللەزىينە ھۇم ئەن سالاتىھىم ساھۇۇن. ئەللەزىينە ھۇم يۇرائۇۇن. ۋەيەمنەئۇنەل مائۇۇن».
ئۇنىڭدىن كېيىن« اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلىمىز. رۇكۇدا ئىككى قولىمىزنىڭ بارماقلىرىنى ئاچقان ھالدا، ئىككى تىزىمىزنى تۇتۇپ باش بىلەن بەل قسىمىنى ئوخشاش تەكىشىلىكتە تۈز ئىگىمىز.
ئاياللار يېرىم ئېگىلىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىدە تۈز تۇتىدۇ. بارماقلىرىنى ئاچمايدۇ.
رۇكۇدا ئۈچ قېتىم « سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيْم » (سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم) دەيمىز.
رۇكۇدىن تۇرۇشتا« سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ» (سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدەھ) دەپ تۇرىمىز. رۇكۇدىن تۇرۇپ ئۆرە بولغاندىن كېيىن، قوللرىمىزنى يان تەرەپلىرىمىزگە قويۇپ بەرگەن ھالدا، تۈز تۇرۇپ « رَبَّنَا وَلَكَ اْلحَمْــدُ » ( رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ) دەيمىز ۋە بىر ئاز تۇرىمىز.
ئاندىن « اَللهُ اَكْبَرْ »(ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە بارىمىز. سەجدە قىلىشتا ئاۋۋال تىزلىرىمىزنى، ئاندىن قوللىرىمىزنى، ئاندىن پىشانىمىزنى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇرنىمىزنى يەرگە تەككۈزىمىز. پېشانە ئىككى قولنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلىنىدۇ. جەينەكلەر يەرگە تەگمەيدۇ، ئىككى يوتا قورسىقىمىزغا تەككۈزۈلمەيدۇ. ئىككى پۇتىمىزنى بىر - بىرىگە جۈپلەشتۈرۈپ تۇرىمىز. قول ۋە پۇت بارماقلىرىمىز قىبلىگە قارىتىلىدۇ. (ئاياللار پۇتلىرىنى ئوڭ تەرەپكە يانتۇ قىلىپ ياتقۇزىدۇ. جەينەكلىرىنى بېقىنىغا، تىزلىرىنى قورساقلىرىغا چاپلاپ تۇرىدۇ).
سەجدە ئەسناسىدا، ئۈچ قېتىم «سُبْحَاَن رَبِّيَ اْلاَعْلىَ» (سۇبھانە رەببىيەل ئەلا) دەيمىز ۋە «الله اَكْبَرْ (ئاللاھۇ ئەكبەر)»دەپ باشنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرىمىز. سەجدىدىن تۇرۇشتا ئاۋۋال يۈز، ئاندىن قوللار، ئاندىن تىزلار كۆتۈرىلىدۇ. ئىككى سەجدە ئوتتۇرىسىدىكى ئولتۇرۇشتا ئەڭ ئاز دېگەندە«سُبْحَاَن الله»( سۇبھانەللاھ) دېگۈچىلىك ۋاقىت ئولتۇرىمىز (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئارىدا« رَبِّ اغْفِرْلِي، رَبِّ اغْفِرْلِي» ( رەببىغفىرلىي، رەببىغفىرلىي)دەپ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيتتى). ئاندىن قايتا «اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر بىلەن يەنە سەجدىگە بارىمىز. سەجدىدە يەنە ئۈچ قېتىم «سُبْحَاَن رَبِّيَ اْلاَعْلىَ »(سۇبھانە رەببىيەل ئەلا) دەيمىز.
ئىككىنچى سەجدىدىن كېيىن يەنە «اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىىپ ئۆرە تۇرىمىز ۋە ئىككىنچى رەكئەتكە باشلايمىز. ئىككىنچى رەكئەتتە»بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم«نى ئوقۇيمىز. ئاندىن فاتىھە سۈرىسىنى ئوقوپ بولۇپ،«ئامىين» دەيمىز. ئاندىن قۇرئاندىن خالىغان سۈرىدىن بىر ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز. مەسىلەن: كەۋسەر سۈرىسى﴿ إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَر.َ فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ. إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ الْأَبْتَرُ﴾ ئوقۇلىشى: «ئىننا ئەئتەينا كەلكەۋسەر. فەسەللى لىرەببىكە ۋەنھەر. ئىننە شانىئەكە ھۇۋەل ئەبتەر».
ئاندىن خۇددى بىرىنچى رەكئەتتە قىلغىنىمىزغا ئوخشاش رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى تاماملاپ بولۇپ، «اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىىپ ئولتۇرىمىز.
نامازدا ئولتۇرغاندا، ئەرلەر ئوڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەلەر ئوڭ پۇتىنى تىك تۇتىدۇ، سول پوتىنى ئوڭ تەرەپكە ياتقۇزۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئولتۇرىدۇ. ئىككى قولىنى بارماقلىرىنى ئەركىن ئاچقان ھالدا ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ ۋە كۆزىنى قۇچىقىغا قارىتىدۇ. (ئاياللار ئىككى پۇتىنى ئوڭ تەرىپىگە ياتقۇزۇپ، پاقالچىقىنى بېسىپ ئولتۇرىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆزلىرىنى ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا قارىتىدۇ.
ئولتۇرغاندا ئاۋۋال تەھىيات«ئەتتەھىياتۇ»دۇئاسى ئوقۇلىدۇ.
تەھىيات دۇئاسى:
﴿اَلتَّحِيّاتُ لِلّهِ وَالصَلَوَاتُ والطيِّباتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّها النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبرَكَاتهُ، السَّلَامَ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَالِحِيَن أَشْهَدُ أنْ لاَ إلٰهَ إلاّ اللهُ، وأشهَدُ أَنَّ مُحَمَّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ﴾.
ئوقۇلىشى:« ئەتتەھىياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكە، ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇئەلەينا ۋەئەلا ئىبادىللاھىس - سالىھىين. ئەشھەدۇ ئەن لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ».
تەرجىمىسى: «جىمى مەدھىيىلەر، بەش ۋاخ ناماز ۋە باشقا جىسمانىي ئىبادەتلەر، ياخشى ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىزگە بولسۇن ئى ئۇلۇغ پەيغەمبەر! بىز(نامازغا ھازىر بولغان بارلىق جامائەت ۋە پەرىشتىلەر)گە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ ئاللاھنىڭ ئاپىيىتى ۋە ئامانلىقى بولغاي. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن گۇۋاھلىق بېرىمەن».
ئاندىن كېيىن، «ئاللاھۇممە سەللى ۋە بارىك رەببەنا»لار ئوقۇلىدۇ:
ئاللاھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇتى
﴿اَلَّلهُمَّ صَلِّ عَلىَ مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلىَ إبرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إبرَاهِيْمَ إنَّكَ حَمِيْدٌ مَجِيْدٌ﴾.
ئوقۇلىشى:«ئەللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد.
تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رە ۋەھمەت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن».
ئاللاھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇتى:
﴿اَلَّلهُمَّ بَارِكَ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إبرَاهِيمَ وَعَلَى آل إبراَهِيْمَ إنَّك َحَمِيدٌ مجَيِدٌ﴾.
ئوقۇلىشى:«ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد».
تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى كۆتۈرگىنىڭدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى يوقىرى قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن».
رەببەنا دۇئاسى:
﴿رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ﴾.
ئوقۇلىشى: «رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن ۋەقىنا ئەزابەننار».
تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن. بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».
يۇقىرىقىلار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، باشنى ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە سىلىق چۆرۈپ « اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَةُ اللهِ » (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ) دەيمىز، ئاندىن باشنى سول تەرەپكە سىلىق چۆرۈپ « اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَةُ اللهِ » (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمە تۇللاھ ) دەپ سالام بېرىمىز.
بۇنىڭ بىلەن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغان بولىمىز.
327. سوئال: بامدات نامىزىنىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئوقۇلىشىمۇ، خۇددى ئۇنىڭ سۈننىتىنىڭ ئوقۇلىشىغا ئوخشاشتۇر. پەقەت نىيەت پەرقلىق بولىدۇ. چۈنكى سۈننەتكە سۈننەت، پەرزگە پەرز دەپ نىيەت قىلىش كېرەك. يەنە بىر پەرقى شۇكى، بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇش ئالدىدا ئەرلەر ئۈچۈن تەكبىر ئېيتىش سۈننەتتۇر. (ئاياللارغا كېرەك ئەمەس). بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلدىم»دەپ نىيەت قىلىنىدۇ.
پىشىن نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
328. سوئال: پىشىننىڭ ئاۋۋالقى سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئاۋۋال پىشىننىڭ تۆت رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇش ئۈچۈن نىيەت قىلىمىز. ئاندىن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاش ئىككى رەكئەت ئوقۇپ ئولتۇرىمىز. ئولتۇرغاندا، «تەھىيات»دۇئاسىنىلا ئوقۇيمىز، ئاندىن ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلەرنىمۇ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئەتكە ئوخشاش شەكىلدە ئوقۇپ بولۇپ، ئولتۇرىمىز. بۇ ئولتۇرۇشتا «تەھىيات، سەللى، بارىك ۋە رەببەنا»لارنى تولۇق ئوقۇيمىز. ئاندىن ئىككى تەرەپكە سالام بېرىپ نامازدىن چىقىمىز.
329. سوئال: پىشىننىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن پىشىننىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز ۋە «الله أكبر (ئاللاھۇ ئەكبەر)» دەپ نامازغا باشلايمىز. دەسلەپكى ئىككى رەكئەت خۇددى بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە ئوخشاش ئوقۇلىدۇ. ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرىمىز. ئولتۇرۇشتا، «تەھىيات» دۇئاسىنىلا ئوقۇيمىز ۋە ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلەردە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن سۈرە ئوقۇمايمىز. تۆتىنچى رەكئەتنىڭ ئاخىرىدا ئولتۇرۇپ «تەھىيات، سەللى، بارىك ۋە رەببەنا» لارنى ئوقۇيمىز ۋە ئىككى تەرەپكە سالام بېرىمىز.
330. سوئال: پىشىننىڭ ئاخىرقى سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئاۋۋال پىشىننىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن ئۇنى خۇددى بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىگە ئوخشاش ئوقۇيمىز.
ئەسىر نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
331. سوئال: ئەسىر نامىزىنىڭ تەكىتسىز سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئاۋۋال ئەسىر نامىزىنىڭ تەكىتسىز سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن بۇ سۈننەتنى خۇددى پېشىن نامىزىنىڭ ئالدىنقى تۆت رەكئەت سۈننىتىگە ئوخشاشلا ئوقۇيمىز.
332. سوئال: ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئاۋۋال تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن، ئۇنى خۇددى پېشىن نامىزىنىڭ پەرزىگە ئوخشاشلا ئوقۇيمىز.
شام نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
333. سوئال: شام نامىزىنىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئاۋۋال تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، شام نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. شام نامىزىنىڭ پەرزى ئۈچ رەكئەت بولۇپ، ئۇ، بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە ئوخشاش ئىككى رەكئەت ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئولتۇرىلىدۇ. بۇ ئولتۇرۇشتا، «تەھىيات»دۇئاسىنىلا ئوقۇپ ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز. ئۈچىنچى رەكئەتتە فاتىھە سۈرىسىنىلا ئوقۇيمىز، ئاندىن رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئولتۇرۇپ «تەھىيات، سەللى، بارىك ۋە رەببەنا»لارنى ئوقۇپ ئىككى تەرەپكە سالام بېرىمىز.
334. سوئال: شام نامىزىنىڭ سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئاۋۋال شام نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشنى نىيەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇنى خۇددى بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاش ئوقۇيمىز.
335. سوئال: خۇپتەن نامىزىنىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئاۋۋال تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، خۇپتەن نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن ئۇنى، خۇددى پىشن نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇغانغا ئوخشاش ئوقۇيمىز.
خۇپتەن نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
336. سوئال: خۇپتەن نامىزىنىڭ سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئاۋۋال خۇپتەن نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن ئۇنى خۇددى بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاشلا ئوقۇيمىز.
ۋىتىر نامىزى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇلىشى
337. سوئال: ۋىتىر نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟
جاۋاب: ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. ئۇ، خۇپتەندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. ۋىتىر ئۈچ رەكئەتتۇر. ئادەتتە ۋىتىر نامىزى يالغۇز ئوقۇلىدۇ. رامىزاندا تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. ۋىتىر نامىزى رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا جامائەت بولۇپ ئوقۇش مەكرۇھتۇر.
338. سوئال: ۋىتىر نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئاۋۋال ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاش ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئولتۇرىمىز. بۇ ئولتۇرۇشتا «تەھىيات» دۇئاسىنىلا ئوقۇپ، ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز. ئۈچىنچى رەكئەتتە بىسمىللاھنى تولۇق ئوقۇپ، سۈرە فاتىھە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر سۈرە ئوقۇپ بولۇپ، قوللارنى تۆۋەنكى ئىككى يانغا قويۇپ بەرگەن ھالدا، « اَللهُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ قولىمىزنى قولاق ئېگىزلىكىدە يوقىرى كۆتۈرىمىز. ئاندىن قوللارنى قايتىدىن كىندىك ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ،«قۇنۇت» دۇئاسىنى ئوقۇيمىز.
قۇنۇت دۇئاسى:
﴿اَلَّلهُمَّ اِنّاَ نَسْتَعِيْنُكَ وَنَسْتَغْفِرُكَ وَنُؤْمِنُ بِكَ وَ نَتَوَكَّلُ عَلَيْكَ وَنُثْنِي عَلَيْكَ الْخَيْرَ نَشْكُرُكَ وَلاَ نَكْفُرُكَ وَنَخْلَعُ مَنْ يَفْجُرُكَ. اَلَّلهُمَّ إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَلَكَ نُصَلِّي وَنَسْجُدُ وَإِلَيْكَ نَسْعَى وَنَحْفِدُ نَرْجُوْ رَحْمَتَكَ وَنَخْشََى عَذَابَكَ اِنَّ عَذاَبَكَ بِالْكُفَّارِ مُلْحِقٌ﴾.
ئوقۇلىشى:«ئاللاھۇممە ئىننا نەستەئىينۇكە ۋە نەستەغفىرۇكە ۋە نۇئمىنۇ بىكە ۋە نەتەۋەككەلۇ ئەلەيكە ۋە نۇسنى ئەلەيكەل خەيرە، نەشكۇرۇكە ۋەلا نەكفۇرۇكە ۋە نەخلەئۇ مەن يەفجۇرۇكە. ئاللاھۇممە ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە لەكە نۇسەللى ۋە نەسجۇدۇ ۋە ئىلەيكە نەسئا ۋە نەھفىدۇ نەرجۇ رەھمەتەكە ۋە نەخشا ئەزابەكە، ئىننە ئەزابەكە بىل كۇففارى مۇلھىق».
تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن ياردەم سورايمىز، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ساڭا ئىشىنىمىز، ساڭا تەۋەككۇل قىلىمىز، سېنى ياخشى تەرىپلەر بىلەن مەدھىيىلەيمىز، ساڭا شۈكۈر قىلىمىز، ناشۈكۈرلۈك قىلمايمىز ۋە ساڭا ئاسىيلىق قىلغاندىن يۈز ئۆرۈيمىز. ئى ئاللاھ! ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز ۋە سەجدە قىلىمىز، سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ۋە ئالدىرايمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىت قىلىمىز ۋە ئازابىڭدىن قورقىمىز. ھەقىقەتەن سېنىڭ ئازابىڭ كۇففارلارغا يەتكۈچىدۇر».
نامازدىن كېيىن ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنغان دۇئالار
339. سوئال: نامازدىن كېيىن قانداق دۇئالارنى ئوقۇش ياخشى؟
جاۋاب: نامازدىن كېيىن تۆۋەندىكى دۇئالارنى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر:
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 09
  • Büleklär
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3125
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1528
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1526
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1378
    28.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1523
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3664
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1558
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3610
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1357
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1394
    26.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3612
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1337
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3674
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1444
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3652
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1276
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3624
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1513
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3681
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1308
    24.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1549
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3341
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1542
    25.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3408
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1498
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3508
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1481
    27.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3433
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1631
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1644
    26.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3682
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1610
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1565
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1586
    26.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3549
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1659
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3600
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1671
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1625
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3533
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1564
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3642
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1633
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1593
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 697
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 387
    34.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.