Latin

ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 03

Süzlärneñ gomumi sanı 3447
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1378
28.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
41.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
48.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتېرى
55. سوئال: جىنلار قانداق مەخلۇقلار؟
جاۋاب: جىنلار ـ پەرىشتىلەرگە ئوخشاش غەيبىي ئالەملەردىن بولۇپ، پەرىشتىلەرنى كۆرگىلى بولمىغاندەك، ئۇلارنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. جىنلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ئىماننىڭ ئاساسلىق ماددىلىرىدىن بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ئىماننىڭ كېرەكلىك ماددىلىرىدىن بىرى، ئىنكار قىلىش كۇپرىنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى، قۇرئان كەرىمدە جىنلارنىڭ بارلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان. ئۇلارنىڭ بارلىقىغا ئىنكار قىلىش قۇرئان كەرىمنىڭ خەۋەرلىرىگە ئىنكار قىلغانلىق بولۇب، قۇرئان كەرىمنىڭ خەۋەرلىرىگە ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ.
56. سوئال: جىنلار نېمىدىن يارىتىلغان؟
جاۋاب: پەرىشتىلەر يورۇقلۇقتىن يارىتىلغان بولسا، جىنلار ئوت يالقۇنىدىن يارىتىلغان. ﴿جىنلارنى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق﴾(21).
57. سوئال: جىنلارنىڭ خاراكتېرى قانداق؟
جاۋاب: جىنلارنىڭ خاراكتېرىمۇ ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاشتۇر، يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇسۇلمان، ياخشى تەقۋالارمۇ، يامان، گۇناھكار، ئاسىيلارمۇ باردۇر.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە جىنلارنىڭ سۆزلىرىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ﴾(22).
58. سوئال: جىنلارمۇ قىلمىشلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلامدۇ؟
جاۋاب: جىنلارمۇ قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلارغا ئوخشاش بۇدۇنيادىكى بارلىق ياخشى ـ يامان قىلمىشلىرىدىن ئەلۋەتتە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىنمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئاللاھنى رازى قىلغانلىرى ساۋابقا ئېرىشكىنىدەك، يامان ئىشلارنى قىلىپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىرى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىلغان ۋە ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىلغان مەخلۇقاتتۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم﴾(23).
59. سوئال: جىنلار غەيبنى بىلەمدۇ؟
جاۋاب: جىنلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش غەيبلەرنى بىلمەيدۇ. چۈنكى غەيبلەرنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن جىنلار ئىنسانلار كۆرمىگەن بەزى نەرسىلەرنى كۆرەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىنسانلار بىلمەيدىغان ئىشلاردىن بەزىسىنى بىلىدۇ.
شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاراكتېرى
60. سوئال: شەيتانلار قانداق مەخلۇقلار؟
جاۋاب: شەيتانلار ـ جىنلاردىن كېلىپ چىققان كاپىرلار بولۇپ، ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىدۇر. شەيتانلار ھەمىشە ئىنسانلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈنلا تىرىشىدۇ. شەيتانلارمۇ جىنلارغا ئوخشاش جىسىمسىز مەخلۇقات بولۇپ، ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇلار بىزلەرنى كۆرىدۇ. شەيتانلار ھەرقانداق يوللار بىلەن ئىنسانلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەۋەلىرىدىن قىلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا ئاللاھ ئىنسانلارنى شەيتانلارنىڭ شەررىدىن (يەنى يامانلىقلىرى ۋە ئازدۇرۇشلىرىدىن) ساقلىنىشقا ۋە ئاللاھتىن ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەشكە چاقىرىدۇ.
61. سوئال: ئىبلس دېگەن كىم؟
جاۋاب: ئىبلىس ـ شەيتانلارنىڭ ئاتىسى. ئۇ جىنلاردىن كېلىپ چىققان رەزىل مەخلۇقتۇر. ئىبلىس ـ ئەڭ ئەشەددى كاپىر بولۇپ، ئۇنىڭ كاپىر بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق: ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىپ بولغىنىدىن كېيىن، ئىبلىسنى پۈتۈن پەرىشتىلەر بىلەن بىرلىكتە ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ھەممە پەرىشتىلەر سەجدە قىلسا، ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداشتىن باش تارتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇنى ئۆز ھىمايىسىدىن قوغلاپ، كاپىرلارنىڭ قاتارىدىن قىلىۋېتىدۇ. ئىبلىس ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ، كاپىر بولۇپ كەتكىنى ئۈچۈنلا، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. نەتىجىدە، ئۇنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىگىمۇ سەۋەبچى بولىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئىبلىسنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان شەيتانلارمۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك دۈشمەن بولۇپ كەلمەكتە.
62. سوئال: شەيتانلارنىڭ خاراكتېرى قانداق؟
جاۋاب: شەيتانلارنىڭ خاراكتېرى ـ پۈتۈنلەي يامانلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، شەيتانلار ھەرخىل يوللار بىلەن ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە يامانلىقنىڭ، ئازغۇنلۇقنىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى سېلىىش ئارقىلىق، ئۇلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر. ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار. شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ﴾(24).
63. سوئال: شەيتانلار كىملەرنى ئازدۇرالايدۇ؟
جاۋاب: شەيتانلار ئاللاھنىڭ تائىتىدىن يىراقلاشقان، ئىمانى ئاجىز، ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمىغان كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. ئەمما ھەمىشە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە بولغۇچى، تەقۋادار، ئىرادىلىك ۋە ئىخلاسمەن زاتلارنى شەيتانلار ھېچبىر يول بىلەن ئازدۇرۇپ كېتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا شەيتانلارنىڭ ئاتىسى ئىبلىسنىڭ بۇھەقتىكى ئىقرارىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئىبلىس ئېيتتىكى) ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن، ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)﴾(25).
ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرى ئىمانى كامىل، تەقۋادار، ئىرادىلىك ۋە ئىخلاسمەن زاتلاردۇر.
64. سوئال: ئاللاھ نېمە ئۈچۈن شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشىغا يول قويغان؟
جاۋاب: بۇ دۇنيا ئىمتىھان دۇنياسى بولۇپ، يامانلىق بولمىسا ياخشىلىقنىڭ قەدىر ـ قىممىتى بىلىنمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ جەننەتنى يارىتىش بىلەن بىرگە دۇزاخنىمۇ ياراتقان. چۈنكى دوزاخ بولمىسا جەننەتنىڭ قەدىر ـ قىممىتى بىلىنمەيتتى. شۇڭا ئاللاھ ئۆز ھېكمىتىگە ئاساسەن ئىنسانلارنى بۇ ئىمتىھان دۇنياسىغا ئەۋەتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ زىيىنىغا شەيتانلارنىمۇ ئەۋەتكەن ۋە شەيتانلارغا ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش قابىلىيىتىنى بەرگەن. قەدىمدە ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرا يول ۋە ياخشىلىقنىڭ، ئىبلىس بولسا ئازغۇنلۇق ۋە يامانلىقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئۆتكەن بولسا، كېيىن ۋە تاھازىرمۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر، يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن مۆمىن زاتلار توغرا يول ۋە ياخشى ئىشلارغا، شەيتانلار ئازغۇنلۇق بىلەن يامان ئىشلارغا ۋەكىللىك قىلغان ھالدا ئۆمۈر سۈرمەكتە.
ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش
65. سوئال: ئاللاھنىڭ كىتابلىرى قانداق كىتابلار؟
جاۋاب: ئاللاھنىڭ كىتابلىرى ــ ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرگەن مۇقەددەس كىتابلاردۇر. ئۇلار ساماۋىي كىتابلار دەپ ئاتىلىدۇ.
66. سوئال: ئاللاھ بۇ كىتابلارنى نېمە ئۈچۈن چۈشۈرگەن؟
جاۋاب: ئاللاھ بۇ كىتابلارنى ـ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنى يامان يوللاردىن قايتۇرۇپ، بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشتەك توغرا يولغا باشلاپ، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەتلىرىگە ئېرىشىتۈرۈش ئۈچۈن چۈشۈرگەن.
67. سوئال: ئاللاھ چۈشۈرگەن كىتابلاردا نېمىلەر يېزىلغان؟
جاۋاب: ئاللاھ چۈشۈرگەن كىتابلاردا، كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئۇنىڭ پەرۋىش قىلغۇچىسى يالغۇز ئاللاھ ئىكەنلىكى ۋە ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان مەبۇد بەرھەق يوق ئىكەنلىكىنىڭ بايانى، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك مەسىلىلەر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇممەتلەرنىڭ قىسسىلىرى، ھەرتۈرلۈك پايدىلىق ۋەز ـ نەسىھەتلەر، ئاخىرەت ئالەمىنىڭ خەۋەرلىرى، دۇئا ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ئۇسۇل ۋە سىستېمىلىرى، ئىجتىمائىي ۋە كىشىلىك ھاياتنىڭ قانۇن، پىرىنسىپلىرى قاتارلىقلار يېزىلغان.
ئاللاھ چۈشىۈرگەن كىتابلار
68. سوئال: پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە كىتاب چۈشۈرۈلگەنمۇ؟
جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە كىتاب چۈشۈرۈلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئاز قىسمىغا كىتاب چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، كۆپىنچىسىگە ئاللاھتىن ۋەھيىلا كېلەتتى. ئۇلار ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھيىنىڭ روھىنى ئۇممەتلىرىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى دىنغا دەۋەت قىلاتتى.
69. سوئال: ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن كىتابلار قايسىلار؟
جاۋاب: ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن كىتابلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
(1) تەۋرات ( مۇسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن).
(2) زەبۇر (داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن).
(3) ئىنجىل( ئىسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن).
(4) قۇرئان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن).
يۇقىرىقىلاردىن باشقىمۇ بەزى پەيغەمبەرلەرگە ساماۋىي كىتابلار چۈشۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
ئادەم ئەلەيھىسسالامغا 10 بەتلىك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا 10 بەتلىك، شىش ئەلەيھىسسالامغا 50 بەتلىك، ئىدىرىس ئەلەيھىسسالامغا 30 بەتلىك كىتابلار چۈشۈرۈلگەن.
70. سوئال: بۇ كىتابلار ئاللاھتىن قانداق رەۋىشتە چۈشۈرۈلگەن؟
جاۋاب: قۇرئان كەرىمدىن ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلار پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن دىۋان قىلىنغان ھالدا، بىر يولى چۈشۈرۈلگەن بولسا، قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەقەلەرنىڭ تەلىبىگە ۋە شارائىتلارنىڭ تەقەززاسىغا مۇناسىپ ھالدا، ئاز ـ ئازدىن ئوقۇپ بېرىشى نەتىجىسىدە، ۋەھيى يولى بىلەن تولۇق 23 يىل ئىچىدە تەدرىجىي چۈشۈرۈلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاللاھتىن تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرئان كەرىمنى ئاللاھتىن چۈشكەن پېتى كەم ـ زىيادە قىلماستىن، بىرەر ھەرىپكە چاغلىق ئۆزگەرتىۋەتمەستىن ئىسلام ئۇممىتىگە ئەينەن يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك بۇرچىنى مۇكەممەل ئادا قىلغان.
71. سوئال: ۋەھيى دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ۋەھيى سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى ـ ئىلھام دېمەكتۇر.
ئەمما ۋەھيىنىڭ شەرىئەت ئىستېمالىدىكى مەنىسى: ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرگە بىۋاسىتە ياكى پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سۆز قىلىشى دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:»ئاللاھ ھەرقانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدا ياكى پەرىشتىدىن بولغان بىر ئەلچىنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان»(26).
72. سوئال: ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟
جاۋاب: ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىتابلارنى چۈشۈرگەنلىكى ۋە بۇ كىتابلار ئارقىلىق ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭغا چاقىرغانلىقى، ئۇلارنى يامان يوللاردىن توسۇپ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى ھەق ۋە راستتۇر،دەپ ئىمان ئېيتىش لازىم.
ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش ئۆز ئىچىگە ئالىدغان ھەقىقەتلەر
73. سوئال: ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش تۆۋەندىكى 4 مەسىلىگە ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن ساماۋىي كىتابلارنىڭ راستىنلا ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ھەق كىتابلار ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىش.
(2) ئاللاھ تائالا بىزگە ئىسىملىرىنى بىلدۈرگەن قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىق ساماۋىي كىتابلارغا تەپسىلىي؛ ئىسىملىرى بىزگە مەلۇم بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىجمالىي ئىمان كەلتۈرۈش.
(3) قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن خەۋەرلىرىگە ۋە باشقا ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئۆزگەرتىلىشتىن ساقلىنىپ قالغان خەۋەرلىرىدىن قۇرئان كەرىم تەستىقلىغانلىرىغا ئىشىنىپ، ئۇنى تەستىق قىلىش.
(4) ساماۋىي كىتابلارنىڭ قۇرئان كەرىمدە كېلىپ، قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا باشقىچە ھۆكۈم ئوتتۇرىغا قويمىغان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرمىغان ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىش.
قۇرئان كەرىم
74. سوئال: قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب؟
جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ بىرىنچى مەنبىئى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرىدۇر.
75. سوئال: مۆجىزە دېگەن نېمە؟
جاۋاب: مۆجىزە - ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھالدا، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ راستىنلا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئىكەنلىكلىرىنى كىشىلەرگە ئىسپاتلاپ بېرىشلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا دەلىل، ئىسپات ۋە پاكىت ئورنىدا ئاتا قىلغان، باشقىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان خارىقى ئادەت (ئادەتتىن تاشقىرى) ئىشلار دېمەكتۇر.
قۇرئان كەرىم تېكىستى، مەنىسىى، بايان قىلىش ئۇسلۇبى، ئايەتلىرىنىڭ تەركىبلىنىشى ۋە بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرى بويىچە 14ئەسىردىن بېرى دۇنياغا دۇئىل ئېلان قىلىپ كەلگەن بىردىنبىر مەڭگۈلۈك مۆجىزىدۇر.
76. سوئال: قۇرئان كەرىمنىڭ ئەدەبىي مۆجىزىسىدىن باشقا يەنە قانداق مۆجىزىسى بار؟
جاۋاب: قۇرئان كەرىمنىڭ ئەدەبى مۆجىزىسىدىن باشقىمۇ، ئىلمىي ۋە كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىشتەك سېھرىي مۆجىزىلىرى، كېلەچەكتىن خەۋەر بېرىشتەك مۆجىزىلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر.
77. سوئال: قۇرئان كەرىم قانچە سۈرە ۋە قانچە ئايەتتىن تەركىب تاپقان؟
جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن قۇرئان كەرىم 114 سۈرە، 6236 ئايەت، 77439 سۆز ۋە 325743 ھەرپتىن تەركىب تاپقان. قۇرئان كەرىم باراۋەر 30 پارىغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر پارىسى ئىككى ھىزبىغا، ھەربىر ھىزبىسى تۆت روبئىغا بۆلۈنىدۇ. نەتىجىدە قۇرئان 30 پارا، 60 ھىزب، ۋە 240 روبئىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ.
78. سوئال: قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلاردىن قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار؟
جاۋاب: قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلاردىن ئارتۇقچىلىقى كۆپتۇر، ئەمما بىز بۇيەردە قۇرئاننىڭ 7 ئالاھىدىلىكىنىلا بايان قىلساق شۇ يېتەرلىك دەپ ئويلايمىز. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
(1) قۇرئان كەرىمدىن باشقا ساماۋىي كىتابلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار تەرىپىدىن دېگۈدەك ئۆزگەرتىلىش ۋە بورمىلىنىشلارغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن چۈشۈرۈلگەن ئەسلى يوقالغان. مەسىلەن: يەھۇدىيلار تەۋراتنى، خرىستىئانلار ئىنجىلنى ئۆزگەرتىۋەتكەن.
ئاللاھ تەرىپىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ئەسلى تەۋرات بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ئەسلى ئىنجىل ئۆزگەرتىلىش ۋە بورمىلىنىش ئارقىلىق ئۆز ئەسلىنى يوقاتقان ۋە كېيىنچە يەر يۈزىدىن تامامەن يوقالغاندىن كېيىن، ھازىرقى يەھۇدىيلارنىڭ قولىدىكى تەۋرات مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن 750 يىل كېيىن، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 622 ـ يىلى ئەزرا ئىسىملىك بىر كاھىن تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغانلىقى مەلۇم. ھازىرقى خرىستىئانلارنىڭ قولىدىكى«لۇقا ئىنجىلى»،« ماركۇس ئىنجىلى»،«مەتتا ئىنجىلى» ۋە «يۇھەننا ئىنجىلى» دەپ ئاتىلىدىغان تۆت ئىنجىل كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان 70 تىن كۆپرەك ئىنجىلدىن تاللىنىپ چىقىلغان ئىنجىللاردۇر. ئەمما قۇرئان كەرىم بولسا، ئونى ئاللاھ ھەرقانداق ئۆزگەرتىىش ۋە بورمىلىنىشلاردىن ساقلاپ قالغان. بۇ سەۋەبتىن قۇرئان كەرىم 14 ئەسىردىن بېرى ھېچقانداق ئۆزگەرتىش ۋە كەم ـ زىيادە قىلىشلارغا ئۇچرىمىغان ھالدا، بىر خىل نۇسخىدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى ئاللاھ ئۇنى ساقلاشقا ۋە ئۆزى قىيامەتكىچە مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋەدە قىلغان: ﴿قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئونى قوغدايمىز﴾(27).
(2) قۇرئان كەرىم ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، ئۇ، ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەسلىسىنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە مەزكۇر كىتابلاردىكى ئىلاھىي تەلىماتلار ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلمەي قالغانلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلغۇچىدۇر.
(3) قۇرئان كەرىم ھېچقانداق بىر ئىلمىي ھەقىقەتكە زىت كەلمەيدۇ. بەلكى ئۇنىڭ بىلەن تامامەن ماسلىشىدۇ. زامانىمىزدا مەيدانغا كەلگەن ئىلمىي ھەقىقەتلەر بۇنى ئىسپاتلىماقتا. ئەمما باشقا ساماۋىي كىتابلاردا بۇنداق ماسلىشىش يوق.
(4) قۇرئان كەرىم ـ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىنبىر دائىملىق مۆجىزىسىدۇر. باشقا ساماۋىي كىتابلار ئۆز زامانىسىدىمۇ مۆجىزە ئەمەس ئىدى.
(5) قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرى تا قىيامەتكىچە داۋام قىلىدۇ ۋە قەتئىي ئۆزگەرتىلمەيدۇ. ئەمما باشقا ساماۋىي كىتابلار ئاللىبۇرۇن ئۆزگەرتىلىپ بولغان.
(6) قۇرئان كەرىم ـ ئوقۇش ۋە يادلاشقا تولىمۇ ئۇڭاي كىتابتۇر. ئۇ، تىلغا ئېغىر سۆزـ كەلىمىلەردىن ئەلۋەتتە خالىيدۇر. باشقا ساماۋىي كىتابلار بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ كىتابلارنى ئوقۇشنى بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ئىدى.
(7) قۇرئان كەرىم ـ ئۇنىڭ ئەھكاملىرى بىلەن ئەمەل قىلىنىدىغان، تىلاۋىتى بىلەن ئىبادەت قىلىنىدىغان ئالاھىدە بىر دەستۇردۇر. ئەمما باشقا ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەھكاملىرى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا ئەمەل قىلىنمايدۇ. قۇرئاندىن باشقا ھېچقانداق بىر كىتابنى ئوقۇغانغا ساۋاب يېزىلمايدۇ. ئەمما ھەدىسلارنى ۋە ئىسلامىي كىتابلارنى ئوقۇپ ئەمەل قىلغانغا ساۋاب يېزىلىدۇ.
پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش
79. سوئال: پەيغەمبەر دېگەن كىم؟
جاۋاب: پەيغەمبەر – ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر.
80. سوئال: پەيغەمبەرلەر قانداق زاتلار؟
جاۋاب: پەيغەمبەرلەر ـ ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقىرىپ، ئۆز تەرىپىدىن ئۇلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىدۇر. پەيغەمبەرلەر بارلىق گۇناھ ـ مەسىيەت ۋە كەمچىلىكلەردىن ئەلۋەتتە پاك، مەسۇم( گۇناھسىز) زاتلاردۇر.
81. سوئال: پەيغەمبەرلەر نېمە ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن؟
جاۋاب: پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش ۋە گۇناھ ـ يامان ئىشلاردىن قايتۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرگە چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن.
پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى
82. سوئال: پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى قانچە ۋە ئۇلار قايسىلار؟
جاۋاب: ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بېرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىملىرى بايان قىلىنمىغان، قۇرئان كەرىمدە پەقەت 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان.
83. سوئال: قۇرئان كەرىمدە ئىسىملىرى بايان قىلىنغان 25 پەيغەمبەر كىملەر؟
جاۋاب: قۇرئان كەرىمدە ئىسىملىرى بايان قىلىنغان 25 پەيغەمبەر: ئادەم، ئىدرىس، نوھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، لۇت، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب، يۈسۈپ، ئەييۇب، شۇئەيب، مۇسا، ھارۇن، داۋۇد، سۇلايمان، يۇنۇس، ئىلياس، ئەليەسە، زۇلكىفل، زەكەرىيا، يەھيا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملاردۇر.
بۇلارنىڭ ئىچىدىن نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت 5 پەيغەمبەر «ئۇلۇل ئەزم» يەنى ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
84. سوئال: يۇقىرىقىلاردىن باشقىلارنىمۇ پەيغەمبەر دېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئۇزەير، لوقمان ۋە زۇلقەرنەين قاتارلىق ئۈچ زاتنىڭ ئىسىملىرى قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى توغرىلىق قۇرئان كەرىم ياكى ھەدىسلاردا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن. شۇڭا قىسمەن ئالىملار يۇقىرىقى ئۈچ زاتنى پەيغەمبەرلەردىن سانىغان بولسىمۇ، كۆپ ساندىكى ئىسلام ئالىملىرى ئۇلارنى پەيغەمبەرلەردىن ئەمەس، بەلكى ياخشى، تەقۋا، ئەۋلىيالارنىڭ جۈملىسىدىن سانايدۇ. شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىمدە ئىسىملىرى بايان قىلىنمىغان پەقەت بەزى ھەدىسلاردا ۋە تارىخ كىتابلىرىدا ئىسملىرى بايان قىلىنغان ۋە پەيغەمبەر ئىكەنلىكلىرى سۆزلەنگەن بەزى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار: شىش، يۇشەئ، خىزىر، بەشىر، دانىيال، ئىشموئىل، ئەرمىيا، ھەزقەل، جىرجىس، ھەبقوق ۋە ھەنزەلە ئەلەيھىسسالاملاردۇر.
85. سوئال: پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتمىغان كىشىنىڭ ئىمانى قوبۇل بولمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇ مۇسۇلمان بولالمايدۇ. ئاللا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ئاللاھقا ئىشىنىپ، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ـ ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇپرىنىڭ)ئوتتۇرىسىدا يول تۇتماقچى بولغانلار، ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) راستىنلار كاپىرلاردۇر. كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق﴾(28). شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئىمانى دۇرۇس ئەمەس.
پەيغەمبەرلەرنىڭ دەلىللىرى
86. سوئال: پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەتلەر قايسىلار؟
جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بەرھەق پەيغەمبەرلەر ئىكەنلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىك ئەھۋالىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئالامەتلىرى ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان مۆجىزىلىرىدۇر.
87. سوئال: مۆجىزە دېگەن نېمە؟
جاۋاب: مۆجىزە - ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھالدا، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ راستىنلا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئىكەنلىكلىرىنى كىشىلەرگە ئىسپاتلاپ بېرىشلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا دەلىل، ئىسپات ۋە پاكىت ئورنىدا ئاتا قىلغان، باشقىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان خارىقى ئادەت (ئادەتتىن تاشقىرى) ئىشلار دېمەكتۇر.
88. سوئال: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاۋۋالقىسى كىم ۋە ئەڭ ئاخىرقىسى كىم؟
جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقىسى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئەڭ ئاخىرقىسى ھەمدە ساماۋىي دىنلارنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تاماملىغۇچى، بىزلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.
89. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن پەيغەمبەر كېلەمدۇ؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئىكەنلىكى مۇنازىرە قوبۇل قىلمايدىغان بىردىنبىر ھەقىقەتتۇر. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پۈتۈن ساماۋىي دىنلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىك تاماملانغان. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر﴾(29).
90. سوئال: پەيغەمبەرلەرگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟
جاۋاب: پەيغەمبەلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكلىرى ھەق ۋە راستتۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى كىشىلەرگە كەم ـ زىيادە قىلماستىن، ئاللاھ كۆرسەتكەن بويىچە تولۇق يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىلىرىنى كامىل ئادا قىلغان ئۇلۇغ زاتلاردۇر، دەپ ئىمان ئېيتىش كېرەك.
پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەقىقەتلەر
91. سوئال: پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش تۆۋەندىكى تۆت مەسىلىگە ئىمان كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(1) پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن دىننىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردەك ئىمان كەلتۈرۈش. ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ بىرەرسىگە ئىنكار قىلغانلىق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنكار قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.
(2) قۇرئان كەرىمدە ئىسىملىرى بايان قىلىنغان 25 پەيغەمبەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نوھ ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملاردىن ئىبارەت ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەرگە تەپسىلىي؛ قۇرئان كەرىمدە ئىسىملىرى بايان قىلىنمىغانلىقتىن، ئىسىملىرى بىزگە مەلۇم بولمىغان پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىجمالىي ئىمان كەلتۈرۈش.
(3) پەيغەمبەرلەرنىڭ ـ ئۇلاردىن سادىر بولغانلىقى ئېنىق بىلىنىپ ئىسپاتلانغان ـ خەۋەرلىرىگە چىن ئىشىنىپ ئىمان كەلتۈرۈش.
(4) بىزگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىش. ﴿(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەدىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غوم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ﴾(30).
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
92. سوئال: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ـ بىزلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىز، ئىنسانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئىسلام دىنىنى ئېلىپ كېلىش بىلەن ساماۋىي دىنلارنى تولۇقلىغان ۋە بۇ دىنلارنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئەڭ شەرەپلىك پەيغەمبەردۇر. ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەر بىر پەيغەمبەر بىر مەخسۇس مىللەت ئارىسىغا ئەۋەتىلگەن بولسا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان ھالدا پۈتۈن ئالەمگە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق ئالاھىدە پەيغەمبەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە رولى ئارقىسىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە جىمى ساماۋىي دىن ئەھلىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت قىلىشى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ھۆرمەت قىلغانلىق بىلەن باراۋەر بولىدۇ دەيدىغان ئورۇنغا كۆتىرىلگەن.
93. سوئال: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر قايسىلار؟
جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر مىڭلاپ بار. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا مەيدانغا كەلگەن ھېسسىي ۋە مەنىۋى مۆجىزىلەر، غەيبتىن خەۋەر بېرىشى، باشقا دىنلارنىڭ كىتابلىرىدا بېرىلگەن بېشارەتلەر ۋە ئۇنىڭ شانلىق ھاياتىدىكى جانلىق پاكىتلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئاللاھ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
94. سوئال: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپلىگەن مۆجىزىلىرى بولغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە مەڭگۈلۈك مۆجىزە ـ قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان كەرىم دائىمىي مۆجىزىدۇر.
95. سوئال: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتۇش نېمە بىلەن بولىدۇ؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتۇش ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ يولىغا ئىزچىل ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ. پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلماستىن، ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشمەستىن ئۇنى دوست تۇتىمەن، دېگەنلىك پەقەت قۇرۇق دەۋادىنلا ئىبارەت بولۇپ ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ.
96. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قانداق دوست تۇتۇش كېرەك؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى، ئاللاھتىن باشقا ھەممىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا چەكسىز ئىخلاس ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت قىلىش، ئۇنى چىن قەلبتىن سۆيۈش ئارقىلىق دوست تۇتۇش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەرنىڭ ھېچ بىرىڭلار مېنى ئاتىسىدىن، بالىسىدىن ۋە دۇنيادىكى ھەرقانداق كىشىلەردىن بەك دوست تۇتۇپ، يۈرەكتىن سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايدۇ﴾(31).
سۈننەت ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى
97. سوئال: سۈننەت دېگەن نېمە؟
جاۋاب: سۈننەت سۆزى لۇغەتتە يول دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەت ئىستېمالىدىكى مەنىسى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ئىش ـ پائالىيەتلىرى، ئەمەل - ئىبادەتلىرى ۋە ساھابىلاردىن سادىر بولغان ئىش – ھەرىكەتلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا كۆرۈپ تەستىقلىغانلىرى ياكى ئىنكار قىلماستىن سۇكۇت قىلغانلىرى دېمەكتۇر.
سۈننەتنىڭ ئەڭ ئىخچام مەنىسى: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەرزىگە ئائىت بىلىملەر دېگەنلىكتۇر.
98. سوئال: ھەدىس دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ھەدىس - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى دېمەكتۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، سۈننەت ئومۇملۇقنى، ھەدىس بولسا خاسلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ئىسلام ئالىملىرى «ھەدىس»نى «سۈننەت» بىلەن بىر مەنىدە ئىستېمال قىلىدۇ.
99. سوئال: سۈننەتنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى نېمە؟
جاۋاب: سۈننەت(ياكى ھەدىس) ـ ئىسلام دىنىنىڭ قۇرئان كەرىمدىن قالسا، ئەڭ چوڭ دەستۇرى، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ 4 ئاساسلىق مەنبىئىنىڭ ئىككىنچىسى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمانىدۇر. ئاللاھ تائالا سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(32).
100. سوئال: سۈننەتتىن بىھاجەت بولۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: سۈننەتتىن قەتئىي بىھاجەت بولگىلى بولمايدۇ. سۈننەت قۇرئان كەرىمدىن قالسىلا ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دەستۇرلىرىدىن بىرى، سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھكاملىرىنى شەرھلىگۈچى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي تەرجىمانىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ( قانۇن) ئەھكاملىرىنى ئۆزىنىڭ سۆزلىرى ۋە ئەمەلىيەتتە قىلىپ كۆرسىتىش بىلەن چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن: ناماز توغرۇلۇق:﴿نامازنى خۇددى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار﴾(33) دېگەن. ھەج توغرۇلۇق:«ھەج قىلىش پائالىيەتلىرىنى مېنىڭدىن ئۆگىنىڭلار»(34) دېگەن.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە :﴿پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر﴾(35) دېيىش ئارقىلىق توغرا يولغا ھىدايەت تېپىشنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشقا باغلىغان ۋە ئۇنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلشنى ھىدايەتنىڭ بىردىبىر مەنبىئى قىلىپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى تەخىمۇ روشەن ئوچۇقلاپ:«سىلەرگە مەن ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتىم، بۇ ئىككىسىگە چىڭ ئېسىلغان مۇددىتىڭلار بويىچە قەتئىي ئېزىپ كەتمەيسىلە، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابى (قۇئان كەرىم) بىلەن مېنىڭ سۈننەتلىرىمدۇر!»(36) دېگەن.
101. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش ئەڭ پەزىلەتلىك ئىبادەتلەردىندۇر. ئاللاھ بىزلەرنى ئۇنىڭغا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ (يەنى شەنىنى ئۇلۇغلايدۇ، دەرىجىسىنى يوقىرى كۆتۈرىدۇ) پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە) مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار﴾(37).
102. سوئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتىلىدىغان ئەڭ ئەۋزەل دۇرۇد قايسى؟
جاۋاب: ئەڭ ئەۋزەل دۇرۇد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرىگە ئۆگەتكەن مۇنۇ دۇرۇدتۇر: ﴿ أَلَّلهُمَّ صَلِّ عَلىَ مُحَمَّدٍ، وَعَلىَ آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلىَ إِبْرَاهِْيمَ وَعَلىَ آلِ إِبْرَاهِيْمَ إِنَّكَ حَمِيْدٌ مَجِيْدٌ، ألَّلهُمَّ بَارِكْ عَلىَ مُحَمَّدٍ وَعَلىَ آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلىَ إِبْرَاهِيْمَ وَعَلىَ آلِ إِبْرَاهِيْمَ فِي ْالعَالَمِيْنَ إِنَّكَ حَمِيْدٌ مَجِيْدٌ﴾(38).
قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش
103. سوئال: قەدەر( تەقدىر) دېگەن نېمە؟
جاۋاب: قەدەر ـ ئاللاھنىڭ كائىناتتا بولىدىغان ھەرقانداق ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ، خۇسۇسەن ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغان بارلىق ياخشى ـ يامان گەپ – سۆز ۋە ئىش ـ ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنئالا بىلىپ شۇنداق يارىتىشى ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە بەلگىلىشى دېمەكتۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى:﴿بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق﴾(39) ۋە ﴿ئاسمان، زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتنەپ قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەن﴾(40) دېگەن سۆزلىرى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
104. سوئال: قازا دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئاللاھنىڭ شۇ ئالدىنئالا ياراتقىنى ۋە بەلگىلىگىنىگە ئاساسەن، كائىناتتا بولىدىغان بارلىق ۋەقە ۋە ھادىسلەرنى، ئىنسانلار تەرىپىدىن سادىر بولىدىغان گەپ – سۆز ۋە ئىش ـ ھەرىكەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى دېمەكتۇر.
قازا ۋە قەدەرنىڭ مەنىسى
105. سوئال: قازا ۋە قەدەرنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
جاۋاب: قازا ۋە قەدەرنىڭ مەنىسىنى مۇنداق چۈشىنىڭ كېرەك:
(1) تەقدىر دېمەك باشقىسىنى تاللاش ئىختىيارى بولمايدىغان بىرلا يول دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى تەقدىر ئىنساننىڭ تاللىشىغا قاراپ بىر قانچە تارماقلىق يولغا ئوخشاش بولۇپ، ھەر بىر يولنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى سىزگە نىسبەتەن قاراڭغۇلۇق كۆرۈنسىمۇ، ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن خۇددى خەرىتىگە ئوخشاش ناھايىتى ئېنىقتۇر. مەسىلەن: شەرق تەرەپكە ماڭسىڭىز پالانى جايغا، غەرب تەرەپكە ماڭسىڭىز پالانى جايغا يېتىپ بارىسىز. قۇرۇقلۇقتىن ماڭسىڭىز بىخەتەر يېتىپ بارىسىز، ھاۋادىن ماڭسىز تېز يېتىپ بارىسىز، دېڭىز ئارقىلىق ماڭسىز خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن، دەپ سىزىپ كۆرسىتىلگەنگە ئوخشاش. ئاللاھ تائالا تەقدىرنى ئەنە شۇنداق بەلگىلىگەن. ئىنسانلار يول تاللاش ۋە قانداق سەۋەبلەرنى قوللىنىشتا مۇتلەق ئەركىندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا تاللاش ئىختىيارىنى بەرگەن. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ قايسىبىر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانداق سەۋەبلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسنى ئېنىق بىلگۈچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى ۋىدىيو پلاستىنكىلىرىغا ئېلىنىپ ساقلانغان ئارخىپقا ئوخشاشتۇر. سىز قايسىبىر يولنى تاللىماڭ ۋە قانداق سەۋەبلەرنى قوللانماڭ سىز ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بويىچە ئىش كۆرگەن بولىسىز. چۈنكى سىز تاللايدىغان يوللار، قىلىدىغان ئىشلار ۋە قوللىنىدىغان سەۋەبلەر، چارە - تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى تەقدىر خەرىتىسىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ۋە قايسىسىنى تاللاش ئىختىيارى سىزگە بېرىلگەن. مەسىلەن: سىزنىڭ قايسى شەھەردە ئولتۇراقلىشىشىڭىز، قايسى خىزمەتنى قىلىشىڭىز ، كىم بىلەن ئۆي – ئوچاقلىق بولىشىڭىز، كىملەر بىلەن دوست بولىشىڭىز قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىزگە بېرىلگەن ئىختىيارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، باشقىسىنى تاللاش ئىختىيارىڭىزمۇ بار ئىدى. تەقدىردە سىز تاللىغان ۋە تاللىمىغان ئىختىيارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىلىرى ئېنىق يېزىلغان بولىدۇ. ئۇنى تاللىغان بولسا، نەتىجە مۇنداق بولاتتى، بۇنى تاللىغان بولسا، نەتىجە بۇنداق بولاتتى، ئەمما بۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ نەتىجىسى مۇنداق بولىدۇ، دەپ يېزىلغانغا ئوخشاش. مانا بۇ «ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىدىن تاشقىرى قىل تەۋرىمەيدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدۇر.
(2) بەزى كىشىلەر چۈشەنگەندەك، تەقدىر ئاللاھنىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن نەرسىسىگە بەندىلەرنى زورلىغانلىقى ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىنسان خالىغان ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا مۇتلەق ئەركىندۇر. ئاللاھ شۇڭا ئىنسانغا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىش ياكى تەرك ئېتىشتە ئەركىن ئىرادە - خاھىشنى ۋە ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئەقىل ۋە قابىلىيەتنى بەرگەن. ئاللاھنىڭ بىرەر بەندىنىڭ كېلەچەكتە قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئالدىنئالا بىلىپ ئۇنى شۇنداق بەلگىلىگەبلىكى ۋە ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ بىلگىنى ۋە بەلگىلىگىنى بويىچە ۋۇجۇدقا چىقىپ ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۇ بەندىنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشىنىڭ سىرتىدا بولغان ئىش ئەمەس. بەلكى بەندىنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىش. چۈنكى ئىنساندا ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىش ياكى تەرك ئېتىشتە ئەركىن ئىرادە بار.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 04
  • Büleklär
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3125
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1528
    22.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3425
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1526
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3447
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1378
    28.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1523
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    48.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3664
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1558
    28.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3610
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1357
    22.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3571
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1394
    26.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3612
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1337
    20.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    28.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    34.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3674
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1444
    25.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3652
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1276
    28.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 3624
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1513
    23.7 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 12
    Süzlärneñ gomumi sanı 3681
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1308
    24.8 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 13
    Süzlärneñ gomumi sanı 3495
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1549
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 14
    Süzlärneñ gomumi sanı 3341
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1542
    25.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 15
    Süzlärneñ gomumi sanı 3408
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1498
    28.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    41.7 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    49.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 16
    Süzlärneñ gomumi sanı 3508
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1481
    27.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 17
    Süzlärneñ gomumi sanı 3433
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1631
    26.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 18
    Süzlärneñ gomumi sanı 3512
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1644
    26.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 19
    Süzlärneñ gomumi sanı 3682
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1610
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 20
    Süzlärneñ gomumi sanı 3634
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1565
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 21
    Süzlärneñ gomumi sanı 3559
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1586
    26.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.6 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 22
    Süzlärneñ gomumi sanı 3549
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1659
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.1 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 23
    Süzlärneñ gomumi sanı 3600
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1671
    25.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.3 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 24
    Süzlärneñ gomumi sanı 3516
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1625
    25.0 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 25
    Süzlärneñ gomumi sanı 3533
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1564
    26.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 26
    Süzlärneñ gomumi sanı 3642
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1633
    24.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    35.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    42.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 27
    Süzlärneñ gomumi sanı 3535
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1593
    24.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.1 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • ئىسلام دىنىدىن ساۋات - 28
    Süzlärneñ gomumi sanı 697
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 387
    34.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    50.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.