Latin

دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 09

Süzlärneñ gomumi sanı 3692
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1887
24.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
45.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ» (بۇخارىي رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى « شەيتانلار باغلىنىدۇ » دىگەن ئىبارە رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى بىلەن شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش كۈچى ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭمۇ بۇئايدا شەيتانىي ھەۋەسلەرگە ئالدانمايدىغان تەقۋالىققا ھەم چىن ئىرادىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
8- رامىزان ئېيى جەننەتنى قازىنىش ئېيىدۇر
سەھل ئىبنى سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« جەننەتتە رەييان (ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلىنمايدىغان) ئىسىملىك بىر ئىشىك بار بولۇپ، روزا تۇتقۇچىلار قىيامەت كۈنى بۇ ئىشىكتىن كىرىدۇ، قىيامەت كۈنىدە، روزا تۇتقانلار قېنى؟ دېيىلىدۇ ۋە روزا تۇتقۇچىلار توپلىشىپ بۇ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىشىدۇ. ئاندىن ئۇلار بۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم بۇ ئىشىكتىن كېرەلمەيدۇ. ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىشىك يېپىلىدۇ» (بۇخارىي رىۋايىتى).
مانا بۇ، بۇدۇنيادا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ روزا تۇتقان كىشىلەرگە ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان كاتتا ئىنئاملارنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى ئۇلار بۇدۇنيادا روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق دەردى چەككەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ئالاھىدە پەرقلىق مۇكاپاتلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.
9- رامىزان ئېيى دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئايدۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى، ئادالەتلىك پادىشاھنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى »(ئىبنى ماجە رىۋايىتى).
10- رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ئۆمرە ھەج قىلغانغا تەڭدۇر
رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى ۋە ئۇلۇغلىقىدىن بۇئايدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە خۇددى ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانغا ئوخشاش ساۋابلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە (ساۋاب جەھەتتە) ھەج قىلغانغا ئوخشاشتۇر » (بۇخارىي رىۋايىتى).
- قانداق كىشىلەردىن روزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؟
- مۇساپىرلاردىن، كېسەل بولۇپ، روزا تۇتسا كېسىلى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغان بىمارلاردىن، بالا ئېمىتىدىغان ئاياللاردىن، ياشنىپ قالغانلىقتىن روزا تۇتسا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قېرى كىشىلەردىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. مۇساپىرلار يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار بالىلىرىنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن، بىمار ساقايغاندىن كېيىن، تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بىر كۈنگە بىر كۈندىن تۇتۇپ ئادا قىلىدۇ. ئەمما ياشىنىپ قالغانلىقتىن روزا تۇتالمىغان ئادەم بىلەن كېسەل ئادەم تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن بىر پىقىر تويغۇدەك مىقداردا فىديە (ماددىي بەدەل) بېرىش ئارقىلىق ئۈستىدىكى روزىنى ئادا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر پېقىر تويغۇدەك فىديە بېرىشى لازىم »(بەقەرە سۈرىسى 184- ئايەت). ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە مۇنداق دېگەن:« ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتمىسا، ئۇلار قازاسىنى كېيىن تۇتىدۇ. فىديە بېرىشى لازىم كەلمەيدۇ »(«ئەل ئىختىيار» دىن) .
ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن:«قېرىلىقتىن، ئاجىزلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن روزا تۇتمىغان كىشى ئەگەر شىپا تېپىشىدىن ئۈمىتسىز بولسا، تۇتمىغان ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك مىقداردا فىديە تۆلەيدۇ » («ئەلمۇغنىي» دىن).
يوقىرىقىلاردىن باشقا ھەر قانداق ئۆزۈرلەر كىشىنى روزا تۇتۇشتىن توسالمايدۇ.
- زاكات ھەققىدە ئېيتىپ ئۆتسىڭىز؟
- زاكات ھەر قانداق مۇسۇلمان، ئاقىل، بالىغ، قەرزدار بولمىغان، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئېھتىياجىدىن تاشقىرى 85 گرامما ئالتۇن قىممىتىدە پۇل - مالغا ئىگە بولغان كىشىلەرگە پەرزدۇر. زاكات بىر يىلدا بىر قېتىم بېرىلىدۇ. زاكات بېرىشتە كىشىنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن تاشقىرى پۇل- مالغا ئىگە بولغانلىقىغا بىر يىل توشۇشى شەرت. زاكات مۇسۇلمانلاردىن بولغان پېقىرلارغا، يېتىملەرگە ۋە باشقىمۇ ئېھتىياج ئىگىلىرىگە بېرىلىدۇ.
- روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزى يۇيۇنۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە جىسمىغا قوللانغان تاشقى دورىلار روزىنى بۇزامدۇ؟
- ئىسلام دىنى پاكلىق دىنى، پاكىزلىق ئىماننىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. مۇسۇلمان كىشى ھەر ۋاقىت پاكىز، خۇشپۇراق يۈرۈشى ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان بىر ياخشى ئىشتۇر. چۇنۇپ بولغان ئادەمنىڭ يۇيۇنۇشى پەرزدۇر. بەدىنى كىر بولمىغان بولسىمۇ، يۇيۇنمىغىنىغا ئۇزاق ۋاقىت بولۇپ قالغان ياكى تەردىن كىرلەشكەن كىشىنىڭ يۇيۇنۇشى ساۋابلىق ئىش. رامىزاندا روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزى قايسىبىر سەۋەبلەر بىلەن يۇيۇنۇشى ئۇنىڭ روزىسىنى بۇزمايدۇ. ئىمام مالىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان كۈندۈزىدە ئۇسسۇزلىقتىن ۋە كۈننىڭ ئىسسىقلىقىدىن بېشىغا سۇ قۇيۇپ يۇيۇنغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندا كۈندۈزى يۇيۇنىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن، رامىزاندا بولسۇن ياكى باشقا كۈنلەردە بولسۇن روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزى يۇيۇنۇشى ئۇنىڭ روزىسىنى بۇزمايدۇ.
شۇنداقلا، ئېغىز، بۇرۇن ۋە جىنسىي ئورگانلاردىن باشقا جايلارغا دورا قۇيۇش ۋە سۈركەشلەرمۇ روزىنى بۇزمايدۇ. شۇنىڭدەك روزا تۇتقان ئايال كىشىنىڭ كۆزلىرىنى بويىشى، ئەر- ئايال ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەتىر ۋە خۇشپۇراقلارنى ئۆزلىرىگە چېچىشلىرى، سۈركەشلىرى روزىسىنى بۇزمايدۇ. مەسىلەن: كۆزىگە دورا قۇيۇش بىلەنمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ. ئىمام ئىبنى تەيمىيەنىڭ پەتىۋاسىغا ئاساسەن، روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزى قۇۋۋەتلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، داۋالىنىش ئۈچۈن ئوكول سالدۇرۇشىمۇ روزىسىنى بۇزمايدۇ. شۇنداقلا بەدەننى مەلھەم ۋە مايلار بىلەن ياغلاشمۇ روزىنى بۇزمايدۇ.
- روزا تۇتۇشنىڭ ئىنسان ئۈچۈن پايدىلىق تەرەپلىرى قايسىلار؟
- ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەر ھېچقانداق مەنپەئەت ۋە دۇنيالىق پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا قىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ ئاخىرەتلىك ۋە بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى باردۇر. مەسىلەن، نامازنىڭ ئاساسىي مەخسىتى ۋە ئاخىرەتلىك پايدىسى ئاللاھ تائالاغا بەندىچىلىكنى ئەمەلى ھەرىكەتلەر بىلەن ئىپادىلەش ۋە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مېنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن«. نامازنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى بولسا ئۇنىڭ كىشىنى يامان، قەبىھ ئىشلاردىن توسىشى ۋە گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ.« يەنى ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش نامازنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىسى بولسا، يامان ئىشلاردىن ناماز ئارقىلىق توسۇلۇش ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرىدىندۇر. چۈنكى يامان، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغا ئادەم ھاياتىنى تەھدىدلەردىن ۋە خەتەرلەردىن ساقلاپ قېلىپ، خاتىرجەم ئۆمۈر سۈرىدۇ. روزىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئاخىرەتلىك ۋە دۇنيالىق پايدىلىرى باردۇر. روزىنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش ئارقىلىق گۇناھلاردىن ساقلىنىش نەتىجىسىدە جەننەتنى قازىنىش بولسا، روزىنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر (گۇناھلاردىن)ساقلىنىشىڭلار (ۋە تەقۋالىق دائىرىسىگە كىرىشىڭلار) ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغىنىدەك سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى». دېمەك گۇناھلاردىن ساقلىنىش جەننەتكە كىرىشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. روزىنىڭ ئاخىرەتلىك ۋە بۇدۇنيالىق پايدىلىرى توغرىلىق«روزىنىڭ ھېكمەتلىرى كۆپ»سەرلەۋھىلىك سۆھبىتىمىزدە تەپسىلىي توختالدۇق.
- روزا ۋاقتىدا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتتا بولسۇن باش كىيىمسىز ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟
- ئىسلام دىنىدىكى پۈتۈن مەزھەبلەر باش كىيىمسىز ناماز ئوقۇشنى ھېچبىر گۇناھ ياكى يېتەرسىزلىك دەپ قارىغان ئەمەس. بىراق ھەنەپى مەزھىبىدە باش كىيىمسىز ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولىدۇ. پەقەت ئۈزۈر سەۋەبىدىن باش كىيىمسىز ناماز ئوقۇسا گۇناھ بولمايدۇ دېيىلگەن. ئەمما باش كىيىمسىز ئوقۇسا ھېچ ۋەقەسى يوق دەيدىغانلارنىڭ دەلىلى كۈچلۈكتۇر.
- ھاراق ئىچىدىغان ئادەمنىڭ ئوقۇغان نامىزى مەقبۇل بولامدۇ؟
- ناماز ئوقۇش ھەر قانداق مۇسۇلمان، ئاقىل، بالىغ كىشىلەرگە پەرزدۇر. پەرزنى تەرك ئەتكەن كىشى ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا يولۇقىدۇ. ھاراق ئىچىش بولسا ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ۋە قەتئىي چەكلىگەن بىر يامان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالانى تونۇپ، ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ھاراق ئىچىش ۋە باشقىمۇ چەكلەنگەن ئىشلاردىن توسۇلىشى لازىم. چۈنكى بۇ ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر. ئەمما ھاراق ئىچىدىغان كىشى مەسلىك ھالىتىدە ئەمەس، بەلكى ئوڭشالغاندىن كېيىن كامىل تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى مەقبۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچكەن ھارىقى ئوقۇغان نامىزىنى بېكار قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى گۇناھ گۇناھقا، ساۋابلىق ساۋابلىققا يېزىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر ئىككىسىگە ئاساسەن ئايرىم مۇكاپات ۋە جازا بېرىدۇ. نامازنى ھەقىقىي توغرا رەۋىشتە خالىس ئوقۇغان كىشى ھاراق ئىچىشتىنمۇ توسۇلىدۇ.
- ئۆلۈككە ئاتاپ ئوقۇغان قۇرئاننىڭ ساۋابى ئۇنىڭغا يېتەمدۇ؟
- ئۆلۈكنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇغان كىشى قۇرئان ئوقۇغىنىغا ھەق ئالمىغان بولسا، ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتىسا، ئۇنىڭغا يېتىدۇ. ئەگەر قۇرئان ئوقۇغىنىغا ھەق ئالغان بولسا، ئۇنىڭ قۇرئان ئوقۇغىنىغا ھېچقانداق ساۋاب بولمايدۇ. نەتىجىدە ئۆلۈككىمۇ ھېچ نەرسە يەتمەيدۇ. چۈنكى يوق ساۋاب ئۆلۈككە يەتمەيدۇ- دە. ئەگەر قۇرئاننى خالىس ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ھەق ئالماي ئوقۇغان بولسا، ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىلىدۇ. بۇ ساۋابنى ئۆلۈككە ئاتىسا بولىدۇ ۋە يېتىدۇ.
«ئۇيغۇر ئاۋازى» 1997- يىل، 1- فېۋرال.
















روزىڭىز قوبۇل بولسۇن

روزا تۇتۇش بارلىق ساماۋىي دىنلاردا ئورتاق بولغان قەدىمىي ئىبادەتتۇر. روزىنىڭ ھېكىمىتى ۋە پايدىسىنى چۈشەنمىگەن بەزى كىشىلەر ھەمىشە بۇ ھەقتە مۇنازىرە ۋە تالاش- تارتىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار: «نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئىنسانغا يېيىش ئۈچۈن ئېغىز، چايناش ئۈچۈن چىش، ھەزىم قىلىش ئۈچۈن ئاشقازاننى بەرگەنۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانغا يېمەڭلار، ئىچمەڭلار دەپ ئەمر قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن گۈزەللىكنى ۋە جىنسىي ھەۋەسنى يارىتىدىيۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن نامەھرەم ئاياللارغا تىكىلىپ قارىماڭلار، روزا- رامىزانلاردا كۈندۈزلىرى جىنسيى ھەۋەسنى ئۇنتۇڭلار، دەپ ئەمر قىلىدۇ؟ بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلمەيدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. بىز ئېيتىمىزكى، بۇ تامامەن ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئات- ئۇلاقلارنى ئاتا قىلىشتا، بۇ ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلارنى بويسۇندۇرۇشى ۋە ئۈستىگە مىنىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنىڭ ئات- ئۇلاقلارغا مىنىشى ۋە ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە سېلىشى ئۈچۈن يارىتىپ بەرگىنىگە ئوخشاش، ئىنساننىڭ ھەۋىسي، نەپسى، ئىستىكى، ۋە بەدىنىمۇ ئىنساننىڭ باشقۇرىشىدا، ئۇنىڭ كونترولى ئاستىدا بولۇشى ئۈچۈن يارىتىپ بېرىلگەن نەرسىلەردۇر. شۇڭا ئىنساننىڭ بەدىنى ۋە نەپسى، ھاۋايى- ھەۋەسلىرى ئۇنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئادەم بەدەن ۋە نەپسىي ھاۋايى- ھەۋەسلىرىنىڭ تەلەبلىرىگە بويسۇنۇپ، ئۇلارغا قۇل بولۇپ قالىدىكەن، ئۇ ئىنسانلىق خىسلىتىنى يوقاتقان بولىدۇ-دە، ھايۋانغا ئوخشاش ھاۋايى- ھەۋەسلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى نەپسنىڭ ۋە كۆڭۈلنىڭ ھاۋايى- ھەۋەسلىرىگە باش ئەگمەستىن، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ ئۆز يولىدا ئىشلىتىش ئىنسانىيلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيىدا مۇنداق دېگەن: «ئى ئادەم بالىسى! سېنى مەن ئۈچۈن ياراتتىم ۋە بارلىق شەيئىلەرنى سېنىڭ ئۈچۈن ياراتتىم. سەن ئۆزەڭ ئۈچۈن يارىتىلغان شەيئىلەر بىلەن مەشغۇل بولماستىن، بەلكى مېنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىڭ بىلەن مەشغۇل بولغىن«. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بىزگە تەبىئەتنى ئۇنىڭ جىمى بايلىقلىرى، گۈزەللىكلىرى ۋە پۈتكۈل قانۇنىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، بۇلارنى ئۆزلىكىدىن بىزلەرگە بويسۇنىدىغان ۋە بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە بولىدىغان قىلىپ يارىتىپ بەرگەن. بىز پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈن يارىتىلغان نەرسىلەرنى مۇۋاپىق قوللىنىپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا ۋە بۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇق.
ھاياتلىق ئاللاھ تائالانى تونۇش يولىدىكى بىر سەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ كامالىتى ۋە غايىسى ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا شۈكۈر ئەيلەپ، بەندىچىلكنى بېجىرىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى رازى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. روزا تۇتۇش بولسا بۇ سەپەردىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق مەشقتۇر. ئىنسان بۇ مەشق ئارقىلىق بەدەن ۋە نەپسىي ھاۋايى- ھەۋەسلىرىنىڭ تىزگىنىنى ئۆزى تۇتۇپ، باشقۇرۇپ ئۆزىنىڭ خوجايىنلىقىنى يۈرگۈزەلەيدۇ ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندىكى زامانىۋىي مېدىتسىنا روزا تۇتۇشنى بەزى كېسەللىكلەر ئۈچۈن داۋا ئورنىدا قوللانماقتا. روزا تۇتۇش، بەزى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز(رېژىم) قىلىش دوختۇرلارنىڭ نەقەدەر مۇھىم تەۋسىيەسىگە ئايلانغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. پۈتكۈل دۇنيا دوختۇرلىرى بىمارلارنىڭ نېمىلەرنى يەپ، نېمىلەرنى يېمەسلىكى ۋە قانداق ۋاقىتتا يەپ، قانداق ۋاقىتتا يېمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. روزا تۇتۇش بىرىنچىدىن، ئىنساندىكى ھەزىم قىلىش سىستېمىلىرىنى راھەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ داۋاملىق نورمال ئىشلەپ تۇرۇشىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىقتۇر. ئىككىنچىدىن، جىگەرنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدۇ. چۈنكى روزا تۇتقان ياكى پەرھىز قىلىپ، بىر نەرسە يېمىگەن كىشىنىڭ جېگىرى ئارام ئالىدۇ. جېگەر راھەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن كۆپلىگەن زەھەرلىك ماددىلارنى ئاسانلا بۇزۇپ تاشلاپ، باشقا ئەزالارنىڭ چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى بېجىرىم داۋام قىلدۇرالايدۇ.
مۇسۇلمانلار «ئاشقازان كېسەللىكلەرنىڭ ئۆيىدۇر، داۋالىنىشنىڭ بېشى، پەرھىز (يەنى بەزى يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى سالامەتلىككە ئۇيغۇن دەرىجىدە ئىستىمال قىلىش)دۇر» دېگەن تەۋسىيەلەرنى ياخشى بىلىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «روزا تۇتۇڭلار، ساغلام بولۇڭلار» دېگەن تەۋسىيىسىگە ئۇيغۇن ھالدا، زامانىۋىي مېدىتسىنا «روزا تۇتۇڭ، كېسەلدىن ئامان بولۇڭ» دەپ تەۋسىيە قىلماقتا.
يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىز، روزىنىڭ پەقەت موشۇ دۇنيادا ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان پايدىلىرىدۇر. ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى پايدىسى ئىنتايىن چوڭ، چۈنكى ئاللاھ تائالا «روزا تۇتقۇچىلارنىڭ مۇكاپىتىنى پەقەت ئۆزەم بېرىمەن» دېگەن. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھېچقاچان پايدىسىز ئىشلارغا بۇيرىغان ئەمەس، ئۇنىڭ ھەر بىر ئەمرىنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلىرى كۆپتۇر. مەلۇمكى بىز مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن، روزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتىمىز، ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن پايدىلار يەنىلا بىزگە مەنسۇپ.
«ئۇيغۇر ئاۋازى» 1997- يىل، 11- ياۋار .











دىن- ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەتتۇر

دىنىي ئېتىقاد ئىنسانلار يارىلىشتىن بېرى ئۇلاردا مەۋجۇد بولۇپ كەلگەن تەبىئي چۈشەنچە بولۇشى بىلەن بىر قاتاردا شۇنداقلا ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەتتۇر. ئىنسانلار كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ دەخىلسىز داۋام قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىدىغان ئىلاھىي تەلىماتلارغا (يەنى دىنغا) ئىنتايىن مۇھتاجدۇر. چۈنكى كىشىلەرنى قانۇنىي تەرتىپكە بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرتىب – ئىنتىزامىنى ساقلاشتا بېرەر ئېتىقادقا، خۇسۇسەن، دىننىڭ قۇدرىتىگە تەڭ كېلىدىغان كۈچ يوقتۇر. بۇنداق بولۇشتىكى سىر شۇكى، ئىنساننىڭ ئىختىيارىي ھەركەتلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان بىرلا نەرسە بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانىي روھتۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇ تەپەككۇر ۋە ئەقىدە دېيىلىدۇ. ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى، ياكى قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ. مانا بۇ، ئىنساننىڭ باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق يارىتىلغانلىقىنىڭ بىردىن- بىر ئىپادىسى. ماتېرىيالىستىك كۆز قاراشنى تەرغىپ قىلغۇچىلار بۇ ھەقىقەتنى ئەكسىچە چۈشەندۈرۈپ، «تەپەككۇر بىلەن ۋىجدان ماددىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەكسىنچە تەپەككۇر بىلەن ۋىجدان ماددىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتتىن مەيدانغا كېلىدۇ« دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ. ماركسنىڭ بۇ نەزەرىيىسى ئۇلۇغ مۆجىزات سۈپىتىدە يارىتىلغان ئىنساننى ھايۋانات دەرىجىسىدە كەمسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسىرلەردىن بېرى ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي ھاياتلىرىدا ئۆز رولىنى كۆرسىتىپ كەلگەن دىندىن ئىبارەت ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. بۇلارنىڭ ئىنساننى روھ ۋە ۋىجدان بىلەن ھېساپلاشماستىن پەقەت ماددىي ھايات دائىرىسىدىلا ھايات كەچۈرۈشكە ئۈندەيدىغان، كەلگۈسى بەخت- سائادەتكە يېتىشتە پەقەت ماددىي ھاياتلا ھەل قىلغۇچى رول ئوينايدۇ، دېمەكچى بولغان ناتوغرا پىكىرىدۇر. ئىنسان ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈگە توغرا ياكى خاتا تەپەككۇرلەر ئارىسىدا ئىش ئېلىپ بارىدىغان ئاڭلىق مەۋجۇداتتۇر. ئەگەر ئۇنىڭ ئەقىدىسى بىلەن تەپەككۇرى ئىزگۈ يېتۈكلىككە ئىگە بولسا، ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ياخشىلىققا قاراپ يول ئالغان بولىدۇ. ئەكسى ھالەتتە ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى كاجلىققا يۈز تۇتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بىلىڭلاركى، ئىنساندا بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى تۈزىلىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇزۇلسا، ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر«. توغرا، ئىنسانلارنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى باشقۇرىدۇ. كىشىلەر بېرەر ئېتىقادنى ئاڭلىق قوبۇل قىلمىسا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قانۇنلارغا ئۇلارنى مەجبۇرەن بويسۇندۇرۇش ئۆنۈملۈك نەتىجە بەرمەيدۇ. تۈرمىلەرگە تاشلانغان قىلمىشكارلار ۋە جىنايەتچىلەر ۋاقىتلىق قانۇنغا بويسۇنغان بولىدۇ-دە، قانۇننىڭ تورىدىن چىقىپ ئالغىنىدىن كېيىن يەنىلا ئويىغا كەلگىنىنى قىلىشقا ئۆتىدۇ. ئەگەر كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ياخشى ياماننى كەسكىن ئىلغا قىلىۋالىدىغان سېزىم، شۇنداقلا بىرەر ئېتىقاد - دىنىي سېغىنىش - بولسا، ئۇلار ئۆزلىكىدىن يامان يولغا كىرمەيدۇ. شۇڭلاشقا دىنىي تەربىيەنى كۈچەيتمەي تۇرۇپ، ئىلىم –پەن، تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتنى قانات يايدۇرۇش بىلەن جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنىڭدا خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىق ئورناتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئىلىم ئىككى بىسلىق پىچاققا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق نەرسىنى ئىسلاھ قىلغىلى بولغىنىدەك، ۋەيران قىلىۋېتىشمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئىلىم- پەننى ئۆز يولىدا تەرەققى ئەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق يارىتىشتا ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا يەنىلا شۇ ئىزگۈ نىيەت باشلامچىلىق قىلىشى شەرت. ئۇ بولسىمۇ ئىمان ۋە ئەقىدىدۇر. دىن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەق- ھوقۇقلارنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دەۋا ئىشلىرىنى ئادالەت ۋە ئىنساپ قائىدىسىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كاپالىتىگە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي تەلىماتنى جەمئىيەتنى باشقۇرۇشتىكى ئىجتىمائى زۈرۈرىيەت دەپ كەسكىن ئېيتالايمىز.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان پىكىرلەرنى ئەمەلىي رىئاللىقلار بىلەن تەستىقلاش ئۈچۈن، دىنى زاتلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى مەشھۇر سىياسىيۇنلارنىڭ، ئىلىم- پەن ساھەسىدە تونۇلغان ئالىملارنىڭ ۋە دۇنيا ئۇرۇشلىرىدا قوماندانلىق قىلغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ سۆزلىرىنى كۆپلەپ مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ، بىراق ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن تۆۋەندە ئىككىلا مىسال بېرىمەن:
ئامېرىكىلىق بىر تەبىئەت ئالىمى بۇ توغرىلىق مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك نەرسە ئىمان بىلەن ئەخلاقتۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ يوقىلىشى دۇنيا ئۇرۇشلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. ئەگەر بىز ھازىردىن باشلاپ ئىمان- ئېتىقادنى تىكلەشكە ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشمايدىغان بولساق، ئىلىم- پەننىڭ ھاياتلىقتا ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالماي، بەلكى ئۇ ئىنسانلارغا پايدىسى ئەمەس، زىيىنىنى يەتكۈزىدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ«. فرانسىيەنىڭ دۆلەت ئەربابى مارشال ۋېلىپ پېتان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە :«جەڭدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسى ئامىلى ئەخلاق ۋە ئىنتىزامدۇر. ئەسكەرلەرنىڭ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانىي قىزىقىشلىرى بولمايدىكەن. قومانداننىڭ ئۇلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇيرۇق ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلىشى ئۆنۈم بەرمەيدۇ. ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلەر دۈشمەننىڭ خەتىرىدىنمۇ چوڭ ۋە پالاكەتلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ نەپسىمىزدىكى ھاۋايىي ھەۋەسلەرنى دىنىي ئەخلاققا يۆلىنىپ يەڭمەي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ ئۇرۇشلاردا دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلالمايمىز« دەپ سالداتلىرىغا خىتاب قىلغان ئىكەن.
دېمەك، مەيلى شەخسىي تۇرمۇش شارائىتىدا بولسۇن، مەيلى جەمئىيەت ھاياتىنىڭ تەرەققىياتىدا بولسۇن بېرەر ئېتىقاد ۋە دىنىي تەلىماتقا سېغىنماستىن ئىش ئېلىپ بېرىش پايدىسىز ۋە ئۈنۈمسىز ئىشتۇر.
مۇھەممەت يۈسۈپ.
«يېڭى ھايات»،1999- يىل، 27- فېۋرال.



رامىزان ئېيى خاتىرىسى

ھەممىگە مەلۇمكى، رامىزان ئېيى باشقا ئايلارغا قارىغاندا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئالاھىدە ئۇلۇغ، خەيرى - بەرىكەتلىك قىلىپ بەلگىلەنگەن يېگانە ئاي. شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدىمۇ بۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئايدۇر. شۇنداقلا ئىسلام دىنىدا قولغا كەلگەن چوڭ غەلىبلەر ۋە كۆپلىگەن ياخشى ئىشلار موشۇ ئايدا ئەمەلگە ئاشقان.
پەيغەبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپكى ۋەھىنىڭ كېلىشىگە باغلىق قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ نازىل بولۇشقا باشلىنىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى ھىرا غارىدا ئۆزى يالغۇز ھالدا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىۋاتقىنىدا ئەمەلگە ئاشقان. ئۇ رامىزان ئېيىنىڭ 21- كۈنى (مىلادىيەنىڭ610- يىلى، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ 10- كۈنى)گە توغرا كېلىدۇ.
ئىسلام دىنىنى تىكلەشتىكى مەشھۇر غازات (بەدىر غازىتى) ھىجىرىيەنىڭ 2- يىلى، رامىزان ئېيىنىڭ 17- كۈنى بولغان. بۇ غازاتتا مۇسۇلمانلار دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن چوڭ غەلىبە قازانغان. شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈنلىنىشى ۋە مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشىدىن ئىبارەت تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەت ھىجرىيەنىڭ 8- يىلى، رامىزان ئېيىنىڭ 18- كۈنى ئەمەلگە ئاشقان. مىڭ ئايدىن خەيرلىك ھېساپلىنىدىغان قەدىر كېچىسىمۇ رامىزان ئېيىغا بەلگىلەنگەن. رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى توغرىلىق مۇنداق مىساللارنى كۆپلەپ كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
رامىزان ئېيىنىڭ ئۇلۇغلىقى ھەققىدە سۆز قىلغىنىمىزدا، بۇ ئايدا يۈز بەرگەن چوڭ غازاتلار قەھرىمانلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاسىم ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامىنى ئالاھىدە خاتىرلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ توغرىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : «كىمكى ئۇرۇشسا ئاسىم ئىبنى سابىت ئۇرۇشقاندەك ئۇرۇشسۇن« دېگەنلىكى ئۇنىڭ ھەقىقى قەھرىمانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
مەككە مۇشرىكلىرى بەدىر غازىتىدا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن يېڭىلگىنىدىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئۆلگەن بالىلىرى، ئاتىلىرى، ئۇرۇق- تۇغقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا قارشى چوڭ كۆلەملىك ھوجۇمغا ئۆتىدۇ. بۇ ئۇرۇشقا قۇرەيش ۋە باشقا كۇففار قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى، ھەتتا ئاياللارمۇ بىرگە جەم بولۇپ قاتنىشىدۇ. ئاياللار مەككە قوشۇنىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۇپ، ئۇلارنى غازاتتا ئىلگىرلەشكە ۋە كەينىگە قايتماسلىققا تەشەببۇس قىلىدۇ. غازاتقا چىققان مۇشرىك ئاياللاردىن ھىند، سولافە ۋە باشقىلار قاتارلىق مەشھۇر ئاياللارمۇ بار ئىدى. غازات باشلاندى. ھىند باشچىلىقىدىكى ئاياللار قوشۇنى ئەر غازاتچىلىرىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، داپلارنى داراڭلىتىپ:
ئىلگىرلىسەڭلار سىلەرگە ھازىرلايمىز گۈلدەستە،
چېكىنسەڭلار بولىمىز ھەممە بىردەك غەزەپتە،
دېگەن غەزەللىرىنى ئېيتىشىش ئارقىلىق ئەرلىرىنى غازاتتا چىدام كۆرسىتىشكە ئۈندەيتتى. غازاتمۇ ئاخىرلاشتى. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ غەلىبىسى مۇشرىكلەر تەرەپكە مەنسۇپ بولدى. بۇ ۋاقىتلىق غەلىبىگە كۆرەڭلىگەن مۇشرىك ئاياللىرى خوشاللىقتىن داپلىرىنى چېلىشىپ، تەنتەنە قىلىشتى، ئاندىن ئۇلار مۇسۇلمان شېھىدلىرىنىڭ كۆزلىرىنى ئويۇش، قۇلاق ۋە بۇرۇنلىرىنى كېسىش ۋە يۈرەكلىرىنى سۇغۇرۇش قاتارلىق ۋەھشىي قىلىقلارغا ئۆتتى. ئۇلار كېسىۋالغان قۇلاق ۋە بۇرۇنلارنى بويۇنلىرىغا ئېسىۋېلىشتى. سۇلافە غازاتقا قاتناشقان ئېرى بىلەن بالىلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشتى. ئۇ ئېرى بىلەن ئىككى ئوغلىنىڭ جەسىدىنى تاپتى. ئەڭ كىچىك ئوغلى يارىلانغان پېتى ياتاتتى. ئانىسى سۇلافە ئۇنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئۇ «بىزنى ئۆلتۈرگەن ئاسىم ئىبنى سابىت»دەپ ئارانلا زۇۋان سۈرەلىدى ۋە جان ئۈزدى.
سولافە قاتتىق غەزەپكە بوغۇلۇپ، لات، ئۇززا بۇتلىرىغا قەسەمياد قىلىپ، ئاسىمنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى قەدەھ قىلىپ ھاراق ئىچىشكە بەل باغلىدى. ئاسىمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە مال- دۇنيادىن قانچىلىك خالىسا، شۇنچىلىك بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندا مۇشرىكلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاسىمنى ئۆلتۈرۈپ، كۆپ مال- دۇنياغا ئىگە بولۇش ئارزۇسى ئاشتى.
مۇسۇلمانلار مەدىنىگە قايتقاندىن كېيىن، بۇ غازاتتا شېھىد بولغانلارنىڭ روھلىرىنى خاتىرلەپ دۇئالارنى قىلىپ، باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلەرنى مەدھىيىلىدى. شۇ ئاندا ئۇلار ئاسىم ئىبنى سابىتنىڭ كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى توغرىلىق سۆز قىلىپ تۇرغىنىدا، بىرسى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدىر غازىتىغا چىقىشتىن بۇرۇن بىزدىن قانداق غازات قىلىدىغانلىقىمىز ھەققىدە سورىغىنىدا، ئاسىم ئىبنى سابىت ئوقياسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، دۈشمەنلەر ئەگەر يۈز گەز ئۇزاقلىقتا بولسا، ئۇنى ئوقيا بىلەن، ئۇنىڭدىن يېقىندا بولسا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن،- دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:”ئۇرۇش- غازات ئەنە شۇنداق بولىدۇ. كىمكى ئۇرۇشسا ئاسىم ئىبنى سابىت ئۇرۇشقاندەك ئۇرۇشسۇن“ دېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ» دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقى بىلەن بىر نەچچىلىگەن ساھابىلىرى چارلاش گۇرۇپپىسى تەركىبىدە مەككىگە يېقىن بىر جايغا كېلىدۇ. بۇ جايدىكى ھوزەيل قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى بايقاپ قېلىپ، ئەتراپىنى قورشىۋېلىپ ئۇلارغا «سىلەر بىزگە تەڭ كېلەلمەيسىلەر، ياخشىلىقچە تەسلىم بولۇڭلار! ئەگەر بۇ بۇيرىقىمىزنى ئورۇنلىساڭلار بىز سىلەرگە يامانلىق قىلمايمىز« دەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا چارلاش گۇرۇپپىسى بىر- بىرىگە قارىشىپ، مەسلىھەت سوراشقاندەك قىياپەتتە تۇرىشىدۇ. ئاسىم ئىبنى سابىت بولسا قەددىنى رۇسلاپ تۇرۇپ «مەن مۇشرىكلارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمەيمەن» دەپ قىلىچىنى يالىڭاچلاپ جەڭگە كىرىدۇ. لېكىن ئۇ كۈچ جەھەتتىن كۆپلۈكنى تەشكىل قىلغان دۈشمەنلەرگە تەڭ كېلەلمەي، جەڭدە شېھىد بولىدۇ. ئارقىدىن ئۇنىڭ باشقا سەپداش ساھابىلىرىمۇ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. ھوزەيلىلەر دەسلەپتە ئاسىم ئىبنى سابىتنىڭ جەسىدىنى بايقىماي قالغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ ئېلىش ئارقىلىق سولافەگە تاپشۇرۇپ، مال- دۇنياغا غەرق بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ خوشال بولۇشىدۇ-دە، جەسەدنىڭ يېنىغا يېقىنلاپ كېلىشىدۇ. لېكىن جەسەدنىڭ ئەتراپىنى بىر توپ ھېرى قورشىۋالغان بولۇپ، ئۇلار جەسەدنى تۇتۇشقا قەتئىي پېتىنالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزئار مەسلىھەتلىشىپ، جەسەدنى ئەتىسى ئەتىگەندە ئېلىشقا قارار قىلىشىپ قايتىپ كېتىشىدۇ. ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا قاتتىق يامغۇردىن كېيىن چوڭ سەل ھاسىل بولۇپ، ئاسىمنىڭ جەسىدى بۇ سەل بىلەن كۆزدىن غايىپ بولىدۇ. ئاسىم ئىبنى سابىت شېھىد بولۇش ئالدىدىكى دەملىرىدە «ئى ئاللاھ! سەن ئاتا قىلغان دىنىمىزنى قوغداش يولىدا غازات قىلدىم. جەسىدىمنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىغا چۈشۈرمىگىن«دەپ سورىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ جەسىدى خورلانمايدۇ ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ مال –دۇنياغا ئېرىشىش دەسماسى بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
مۇھەممەت يۇسۇف.
«يېڭى ھايات« 1999- يىل،16- يانۋار.



مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم؟

سىرلاۋدېر برونتون ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيىدە مەشھۇر دۆلەت ئەربابى بولغان ۋە ئەدەبىي ماھارىتى بىلەن شۆھرەت قازانغان بىر ئېنگلىز ئالىمىدۇر. تۆۋەندە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرىلىق قىسسىسى ئۆز ئېغىزىدىن بېرىلىدۇ:
مېنىڭ قانداق قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىم توغرىسىدا ھېكايە قىلىشىم ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنىڭ بېرىلگەنلىكىگە ناھايىتى خوشالمەن. مەن خىرىستىان ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم. كىچىكىمدىن باشلاپلا خرىستىئان دىنىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئوقۇشقا ۋە ئۈگىنىشكە كىرىشتىم. ئىنگلىز چىركاۋلىرىغا باغلاندىم، خرىستىئان دىنىغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدىم.
ئۆزگەرگەن خرىستىئان دىنىنىڭ تۈپ ئاساسى بولغان «ئىسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى ۋە ئۇ ئۆزىنى ئىنسانىيەتنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن پىدا قىلغان دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلاردىن باشقا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازاپقا دۇچار بولىدۇ« دەيدىغان ئەقىسىدىگە ھەيرانلىقىم بىلەن قارايتتىم، توغرىسى بۇ ئەقىدىگە شەك قىلاتتىم. شۇنداق تەسەۋۋۇرلارنى قىلاتتىمكى، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياراتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئالدىن بۇرۇن بىلىدىغان بىر كاتتا ئىلاھ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئوغلى ئىسانى قۇربان قىلماستىنمۇ كەچۈرۈم قىلالمامدۇ؟ ئىسانىڭ ئۆلىمى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئىسانى ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازاپقا قالىدۇ دېيىلىدۇ؟ بۇ ئاشكارا زىتلىق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئىلاھ خىرىستىئانلار تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئىلاھ بولىدىغان بولسا، ئۇ ئادالەتلىك ئىلاھ ئەمەس، ئۇ بەندىلىرىگە شەپقەتلىك ئىلاھ ئەمەس، ئۇ ئادەتتىكى ئىنسانلاردىنمۇ ئەقىلسىز ئىلاھتۇر. شۇنداق تەسەۋۋۇرلاردا بولساممۇ، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا بولغان ئەقىدەم چىن ئىدى. ئەمما خرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش (يەنى ئاللاھ تائالا، ئىسا، مۇقەددەس روھ ئۈچى بىر ئىلاھتۇر دېيىش)ئېتىقادىنى قوبۇل قىلمىدىم. بۇ ھەقتە دىنلار تارىخىدىن ۋە دىنلار تەتقىقاتىدىن كۆپلىگەن ماتېرىئاللارنى ئوقۇدۇم. بۇلاردىنمۇ قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم. مەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقى توغرا دىنىنى بىلىش ئۈچۈن قاتتىق بەل باغلاپ، چىن ئىرادە تىكلىدىم. كىشىلەر خرىستىئان دىنىنىڭ ئېتىقادلىرى ئىنجىلغا يۆلىنىدۇ، دېيىشىدۇ. لېكىن مەن بۇ ئىنجىللارنى قايتا- قايتا ئوقۇدۇم. ئاخىرى بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرىگە ئىشەنچ قىلالمىدىم. ئىساغا ئاللاھ تائالادىن كەلگەن بىرلا ئىنجىل بار دەپ ئاڭلايمىز، لېكىن ھازىر خىرىستىئانلارنىڭ قولىدا ئىنجىل مەتتا، ئىنجىل لوقا، ئىنجىل ماركۇس ۋە ئىنجىل يۇھەننا دەپ تۆت ئىنجىل بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر- بىرىگە زىت كىتابلار، ئىسانىڭ ئىنجىلى قايسى؟ ئۇنى كىم بىلىدۇ؟ خىرىستىئانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىنجىلنى ئۆزگەرتىپ، بۇزغاندىن كېيىن خرىستىئان پوپلىرى تەرىپىدىن بۇ تۆت ئىنجىل يېزىلغان. بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھ تائالانىڭ ياكى ئىسانىڭ سۆزى ئەمەس. بەلكى بۇلار، بۇ ئىنجىللار مەنسۇپ قىلىنغان مەتتا، لوقا، ماركۇس، يۇھەننا دېگەن ئادەملەرنىڭ كىتابلىرىدۇر. بۇ ئادەملەر ئىسانىڭ ئۆلۈمىدىن خېلىلا كېيىن دۇنياغا كەلگەن ئادەملەردۇر. شۇڭا بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرى ئەسلى ئىنجىل بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيدۇرما ئىنجىللاردۇر.
مەن ئىنجىللارنى ئوقۇپ، ئۆزەمگە قانائەت ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن، باشقا دىنلار ھەققىدە تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم. كۆڭلۈمدە ”ھەقىقىي ئىلاھ بار بولىدىغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خالىسا تەۋبىسىز، خالىسا تەۋبىسى بىلەن ئەپۇ قىلىدىغان رەھىم- شەپقەتلىك، ئېسىل ئىلاھ بولىدۇ“، دەپ ھېس قىلدىم. بۇ ھەقتە چوقۇم بىر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم. پۈتۈن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ، ئىسلام دىنى توغرىلىق ئىزدىنىشكە باشلىدىم. ئىسلام دىنىدا مەن ئىزدىگەن ۋە ئارزۇ قىلغان ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپتىم، كۆڭلۈم راھەتلەندى، ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى يوقلىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ شېرىكسىز يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بۇ دىندا تونۇدۇم. ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ناھايتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ۋە بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى خالىسا تەۋبىسىز، خالىسا تەۋبىسى بىلەن كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخىنى ئۈگىنىشكە كىرىشتىم، بۇ زاتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەتلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىدىن ئازراق بىر قىسمىنى ئۈگىنىپلا، شۇنداق قانائەتلەندىمكى، خىرىستىئانلارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقىشقا ۋە ئۇنى ئېتراپ قىلماسلىقتا قارغۇلارچە دىنىي تەئەسسۇبلۇقى بىلەن تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنى ئىزدىنىپ ئۈگەندىم. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن بۇ دىننىڭ ھەقلىقىدە ھېچقانداق شەك- شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم ۋە دۇنيادا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىنكار قىلىشتىن ئېغىر چوڭ گۇناھ بولمىسا كېرەك دېگەن قانائەتكە كەلدىم. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇتقا چوقۇنىدىغان، بىر- بىرىنى ئۆلتۈرىشىدىغان، قىز تۇغۇلغان بالىلىرىنى تىرىك كۆمۈدىغان، مەدەنىيەت، ئەخلاق ۋە ئىلىمدىن ھېچنەرسە بىلمەيدىغان، قالاق ۋە جاھىل ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. پۈتۈن دۇنياغا ئادالەت، راستچىللىق، ھەقىقەتپەرۋەرلىك، رەھىم- شەپقەت، ئىلىم- مەرىپەت، ئەدەت- ئەخلاقنىڭ ئۇرۇغىنى چاچتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بىر ياخشى زاتنىڭ شەنىگە خىرىستىئانلارنىڭ داغ قوندۇرماقچى بولۇشلىرى ھەقسىزلىك ئەمەسمۇ؟
مەن شۇنداق ئوي- پىكىر ۋە خىياللاردا بولغان بىر كۈنى مېنى ھىندىستانلىق بىر دوستۇم ميان ئەمرىددىن زىيارەت قىلىشقا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرى توغرىلىق ئوچۇق بىر مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق. ئاخىرىدا مەن ھەقىقىي مەنىدە چىن مۇسۇلمان بولۇپ، ئۆزەمنى ئېلان قىلدىم. چۈنكى ئىسلام دىنى ھەقىقەت، راستچىللىق، ئوڭايلىق، مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق دىنى ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنى ئىسلام دىنىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېغىشلايدىغانلىقمغا قەسەم بېرىمەن.
مۇھەممەت يۈسۈپ.
«يېڭى ھايات» 1999- يىل، 1- ماي.












بالىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا- ئانىلاردىكى ئامانەتلىرىدۇر

ئاتا ـ ئانىلار ئەڭ ئاۋۋال بالىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى 4 تۈرلۈك تەربىيسىدىن مەسئۇلدۇر.
1- بالىلارنى ئېتىقادىي جەھەتتىن تەربىيىلەپ چىقىشتىن مەسئۇل.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 10
  • Büleklär
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3563
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1787
    27.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3781
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1707
    27.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3465
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1612
    27.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3794
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1774
    26.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3700
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1998
    23.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3691
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1999
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3620
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1744
    24.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3675
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1628
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3692
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1887
    24.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3639
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1703
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 322
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 234
    48.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    58.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    62.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.