Latin

دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 05

Süzlärneñ gomumi sanı 3700
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1998
23.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
43.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
- نىكاھنىڭ شەرتلىرى ئىككى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئۆزئارا رازىلىقى. ئىككىنچىسى، نىكاھ قىلغۇچىدىن باشقا ئىككى مۇسۇلمان ئەر كىشىنىڭ گۇۋاھچى بولۇپ، نىكاھ ئۈستىدە ھازىر بولۇشى. كېيىن نىكاھنى، يەنى توينى كىشىلەرگە ئېلان قىلىش سۈننەتتۇر. نىكاھنى ئۆيدە قىلسۇن، مېچىتتە قىلسۇن ياكى باشقا جايلاردا قىلسۇن نىكاھنىڭ يۇقىرىقى ئىككى شەرتى ھازىر بولغان ئىكەن، ئۇ دۇرۇس بولىدۇ. نىكاھنى مېچىتتە قىلىش ياخشى، ئەمما شەرت ئەمەس.
- ئۆز ئەجىلىدىن بۇرۇن ئېسىلىپ، زەھەرلىك نەرسىلەرنى ئىچىپ ياكى باشقا يوللار بىلەن ئۆلۈۋالغان كىشىلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە ئايرىم جايلاردىكى ئىمام، موللىلار قارشى چىقىدۇ. مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟
- يۇقىرىدا ئېتقىنىمىزدەك، جىنازا نامىزى مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ مېيتكە ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش يۈزىسىدىن ئوقۇيدىغان دۇئاسى، بەس. شۇڭا كاپىر ۋە مۇناپىقلار(ئېغىزىدا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قويۇپ، دىلىدا ئىشەنمىگۈچىلەر)نىڭ نامىزى ئوقۇلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مەغپىرەت تىلەشكە لايىق ئەمەس. ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ نامىزى ئوقۇلىدۇ. قانچىلىك چوڭ ئاسى ۋە گۇناھكار بولۇپ كەتسۇن، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ، مۇسۇلمانچە يۈرگەن كىشىلەرنىڭ نامىزى ئەلۋەتتە ئوقۇلىدۇ. ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان كىشىلەرنىڭ نامىزىمۇ شەرىئەت ۋە مەزھەب ئالىملىرىدىن كۆپ سانلىقىنىڭ رايى بويىچە ئوقۇلىدۇ. ئاز ساندىكى ئالىملار ۋە بەزى مەزھەبلەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان كىشىنىڭ نامىزىنى ئوقۇماسلىقنى قارار قىلىدۇ. بۇلارنىڭ دەلىلى شۇكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكىمىگە ئالدىراپ، ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ. بۇ ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە « ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئادەم دوزاخقا كىرىدۇ ۋە قانداق ئۆلگەن بولسا، شۇنداق ئازاپلىنىدۇ» دەيدۇ.
ئەمما ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان كىشىنىڭ نامىزى ئوقۇلىدۇ دەپ قارايدىغان كۆپ ساندىكى ئالىملار ۋە مەزھەبلەرنىڭ دەلىلى شۇكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئادەم كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ. بەلكى چوڭ گۇناھكار بولىدۇ. گۇناھكار بولسىمۇ، مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ نامىزى ئوقۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئادەم دوزاخقا كىرىدۇ، دېگەن ھەدىسىگە ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇش زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، دوزاخقا پەقەت كاپىرلارلا ئەمەس، مۇسۇلمانلاردىن بولغان گۇناھكارلارمۇ كىرىدۇ. ئۇلار گۇناھى تۈگىگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەن ئىمانىنىڭ يۈزىسىدىن دوزاختىن چىقىرىلىپ، جەننەتكە كىرگۈزىلىدۇ. بۇ قاراش ناھايىتى توغرىدۇر.
- ئاز ساندىكى ئايرىم دىنىي زاتلار بەزى شەخسلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنى « بۇلار ئۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، مۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، بۇلار جەزمەن جەننىتى ئادەملەر» دېسە، بەزىلەرنى « بۇ ئۇنداقچى، ئۇ مۇنداقچى، بۇ جەزمەن دوزىخى ئادەم» دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. موشۇ ھەقتە قىسقىچە ئېيتسىڭىز؟
- ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە جەننەت ئەھلى ۋە دوزاخ ئەھلى بولىدىغانلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« كىمكى (كۇپرىدا، گۇناھتا)چېكىدىن ئاشىدىكەن، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن دوزاخ بولىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا (سوراق قىلىنىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ» (نازىئات سۈرىسى 37-41- ئايەتلەر).
بۇ ئايەتتە جەننەت ۋە دۇزاخ ئەھلى بولىدىغانلارنىڭ سۈپەتلىرى كۆرسىتىلگەن. بۇ ئۇمۇمىي ھۆكۈمدۇر. بۇ ھۆكۈمدە كىشىلەرنىڭ ئىسىم- زاتلىرى بەلگىلەنمىگەن. ئەمما ئىسلام دىندا جەننەتكە كىرىدۇ دەپ ئىسىم- زاتلىرى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن زاتلار قۇرئاندا بايان قىلىنغان 25 پەيغەمبەر ۋە ئۇلاردىن باشقا قۇرئاندا ئىسىملىرى بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ھەق پەيغەمبەرلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەننەتكە كىرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن 10 كىشىدۇر. ئۇلار: ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى، تەلھە، زۇبەير، ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋف، سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس،سەئىد ئىبنى زەيد ئىبنى ئەمر، ئوبەيدە ئىبنى جەرراھ قاتارلىق ساھابىلاردۇر. ئۇلارنى ئىسىم- زاتلىرى بىلەن جەننىتى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشارەت بەرگەن ئىكەن، ئۇلارنىڭ چوقۇم جەننەتكە كىرىدىغانلىقى ئېنىقلانغان بولدى.
ئەمدى دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ئېنىق بولغان شەخسلەرنىڭ ئىسىم- زاتلىرى: ئىبلىس، پىرئەۋن، ھامان، قارۇن، ئەبۇلەھەت، ئەبۇجەھىل قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىسىم- زاتلىرى قۇرئان ۋە ھەدىسلەر بىلەن بايان قىلىنغان. بۇلارنى ئىسىم- زاتلىرى بىلەن دۇزاخ ئەھلى دېيىشكە بولىدۇ.
ئەمما يۇقىرىقىلادىن باشقىلارنى «پالانى جەننەتكە كىرىدۇ»، «پالانى دوزاخقا كىرىدۇ» دەپ، ئىسىملىرى بىلەن ئاتاشقا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «بەزى كىشىلەر پۈتكۈل ئۆمرىدە دۇزاخ ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىنى قىلىدۇ، ئۆلەر ۋاقتىدا جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ ئۆلىدۇ. بەزى كىشىلەر پۈتكۈل ئۆمرىدە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىنى قىلىدۇ، ئۆلەر ۋاقتىدا دۇزاخ ئەھلىنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ ئۆلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بىز پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان، ھاراملاردىن يىراق تۇرىدىغان مۆمىن مۇسۇلمانلارنى ئۇمۇمەن جەننەت ئەھلى دىيەلەيمىز. ئەمما پالانچى، پالانچىلار چوقۇم جەننىتى، ئۇلار ئۆلگەندە چوقۇم جەننەتكە كىرىدۇ، دەپ بەلگىلىيەلمەيمىز. شۇنىڭدەك كاپىرلارنى ۋە ئاسى، گۇناھكار مۇسۇلمانلارنى ئۇمۇمەن دۇزاخ ئەھلى دەپ ئېيتالىساقمۇ، ئۇلارنى ئىسىم – زاتلىرى بىلەن دوزىخى دەپ بەلگۈليەلمەيمىز ۋە ھۆكۈم قىلالمايمىز. بۇ پەقەت بىر ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا خاس ئىش.
- ئاخىرقى سوئال: بەزى ھاجىملىرىمىزنى « ھاجىم، ھاجىكا » دەپ ئاتىمىسا خاپا بولغاندەك، رەنجىگەندەك قىلىپ، ئوچۇق چىراي ئاچمىغاندەك ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. زادى ھاجىملارنى «ھاجىم» دېيىش شەرتمۇ، ئېنىقراق ئېيتقاندا، ھاجىلىق ئاتاقمۇ؟
- ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى.»(ئال ئىمران سۈرىسى 97- ئايەت)دەپ ئەمر قىلىدۇ. بۇ ئايەتتىن شۇ ئوچۇقلىنىدۇكى، ھەج پەقەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈنلا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ھەج قىلغانلارنى ھاجىم دېسۇن ياكى دېمىسۇن، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىردۇر. ئەڭ مۇھىمى، ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ھەججىسى قوبۇل بولسا يېتەرلىك. ئەمما ئايرىم كىشىلەر ھاجىلىق ئاتاقنى ئېلىپ، ھۆرمەت تېپىش ئۈچۈن ھەج قىلغانلىقتىن، ئۆزلىرىنى «ھاجىم» دەپ ئاتىمىسا خاپا بولۇشىدۇ. خۇددى « پۇل خەجلەپ، ئۇلۇغ جايلارنى بېسىپ كەلدۇق، نېمىشكە بىزنى ھاجىم دېمەيكەن» دېگەندەك، ئاچچىق قىلىدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلەر ئۈچۈن ھاجىم بولغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : « ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى پەقەت نىيەتلەرگە باغلىقتۇر. ھەر كىشى ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسىگە يېتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.(بۇخارىي رىۋايىتى).
بەزى ھاجىملىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى تەن ئالمايدۇ. گويا ئۇلار ھەج قىلىپ پاك بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆلگىچە شۇنداق ئاق سانىلىدۇ. بۇ خاتا چۈشەنچە. كىشى ھەج قىلىپ تەكەببۇر، يالغانچى، جازانىخور بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ھەججىسى ساياھەتتىن پەرقى قالمىغان بىر ھەج بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ھاجى بولۇپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى، تەقۋالىقى ۋە مۇسۇلمانچىلىقى بۇرۇنقىسىدىنمۇ، ئەلۋەتتە، كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئۇلار كەمتەر، ئالىيجاناپ، مېھرى- شەپقەتلىك ۋە خەير –ساخاۋەتلىك بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. مانا بۇ، قوبۇل بولغان ھەجنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى ھەج ئىبادىتى كىشىلەرنى تەربىيلەپ، ياخشىلىققا ئۆزگەرتىدۇ. مۇنداق ھاجىلار كۆپتۇر. ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ھەج قىلغان ھاجىملارنىڭ نىيىتىگە قاراپ ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ياخشى كۆرگەندىن كېيىن، بەندىلەرنىڭ قەلبىگە شۇ سۆيگۈنى سالىدۇ - دە، ئىنسانلارمۇ ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدۇ، قەدىرلەيدۇ، سۆيىدۇ.
سۆھبەتلەشكەن ئالىمجان باۋدىنوۋ.
«يېڭى ھايات» 1998- يىل 18- ئاپرېل سانى.













مىللىي قەدىرياتىمىزنىڭ بەلگىسى

تىل – ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قىلىش قۇرالى. جەمئىيەتتە ئىنسانلار پەقەت شۇ تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا بىر- بىرىنى چۈشىنىپ، تەرەققىيات باسقۇچىغا ئىلگىرلەيدۇ. تىلدىن باشقا ھەر قانداق ۋاسىتە بۇ ۋەزىپىنىڭ ھوددىسىدىن تولۇق چىقالمايدۇ. تىل بولمىسا جەمئىيەتمۇ جەمئىيەت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭدەك تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا، ياكى ئەكسىنچە دۇنيا يۈزىدىن غايىپ بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر. ئىنگلىزلار ئۆز تىلىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنياغا تارقىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن بۇ كۈنلەردە ئۇ دۇنيا يۈزلۈك تىلغا ئايلىنىپ قالدى. خىتاي دۆلىتىنى بىر نەچچە ئەسىر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدارە قىلغان مانجۇر مىللىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش خەۋەپىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ۋە تىلىنى كۆزقارچۇغىدەك ساقلاپ قالالمىغانلىقىدىن ئاخىرى ئۇلار قۇملۇق يەرگە سىڭىپ كەتكەن سۇدەكلا دۇنيادىن غايىپ بولۇپ كەتتى. تىل ئەنە شۇنداق مىللەت تەقدىرى بىلەن تۇتاش مۇھىم ئامىلدۇر.
ئۇيغۇر خەلقى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا، يۈكسەك مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ساھىپ بولغان مۇنەۋۋەر بىر مىللەتتۇر. ئۆتمۈشتە ئەجداتلىرىمىزنىڭ تىلى ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرىگىچە تاراپ كەڭ دائىرىدە قوللىنىشقا ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىدى. مىسىرنىڭ يەرلىك شېۋىلىرىدە ئۇيغۇر(ئەسلى تۈرك)تىلىدىكى بەزى ئاتالغۇلار ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىن يېتىلىپ چىققان ئەللامىلىرىمىز تىلىمىز بايلىقىنى ئەكسى ئەتتۈرۈپ چوڭ ھەجىمدىكى قامۇسلارنى يېزىپ قالدۇرغانلىقى ئۆتمۈش تارىخىمىزدىن مەلۇم: مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىك» ئەسەرلىرى شۇنىڭ ئەمەلىي مىسالىدۇر. بۇ ئارقىلىق ئالىملىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى تەرغىپ قىلىشتا چوڭ رول ئوينىغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسلام دىنى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا يېڭىدىن تارقىلىپ، ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىش ھەۋەسى خەلق ئارىسىدا كەڭ قانات يايغان مەزگىل ئىدى. ئىسلام دىنى مەملىكىتىمىزگە ئىران تەرەپتىن كىرىپ كەلگەچكە شۇ قاتاردا پارىس تىلىنىڭمۇ تەسىرى ئاز بولمىدى. نەتىجىدە تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان، ھەتتا ئەرەب، پارىس تىللىرىدىن بەزى ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە، ئۆز تىلىدىكى شۇ ئاتالغۇلارنى قوللانمايدىغان ھالەتلەر پەيدا بولۇشقا ئۆتكەن. دەل شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ مىللەتپەرۋەر، دانىشمەن بوۋىمىز مەھمۇت قەشقەرىي كىشىلەرنىڭ ئەرەب، پارىس تىللىرىغىلا بېرىلىپ كېتىپ ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا خەلقلەرنىڭمۇ تۈرك (ئۇيغۇر) تىلىنى ئۈگىنىشلىرىگە ياردەمچى قوللانما بولۇشى مەقسىتىدە مەزكۇر دىۋاننى يېزىپ چىقىدۇ.
بۇ دەۋردە شۇنداق بىر چۈشەنچە بولۇشقا ئۆتكەنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدىپلەرنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدە ئەرەب ياكى پارىس تىللىرى ئارىلاش بولمىسا ئۇ ئەسەر ھەقىقىي بەدىىئي ئەسەر سۈپىتىدە باھالانمايدىغان بولغان ئىدى. شۇنداق بىر شارائىتقا ئەمەل قىلماي يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق « قۇتادغۇ بىلىك» ئەسىرىنى خالىس ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىقتى. «قۇتادغۇ بىلىك»نى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئالىملار شۇنى ئېنىق ئىپادىلىدىكى، بۇ ئەسەردە تۈرك تىلىدىن باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر يوقنىڭ ئورنىدا، بېرەن- سارانلا ئۈچرىشىپ قالىدۇ. شۇ يۆنىلىش تەسىرىدە 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ماۋەرائۇننەھرىدە ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان لۇتفىي، ئاتائىي ۋە سەككاكىيلارنىڭ غەزەللىرىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان. دېمەك، شۇ دەۋر شارائىتىدىمۇ ئەجداتلىرىمىز ئانا تىلىمىزنى كۆز قارچۇغىدەك قوغداپ كەلدى.
مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى ئىككىنچى قېتىم ئىستىلا قىلغىنىدا، ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئۆز تىلىنى خەلقىمىزگە زورلاپ تېڭىپ، يېزا- قىشلاقلاردا مانجۇر تىلىدا مەكتەپلەرنى ئاچقان بولسىمۇ، خەلقىمىز ئارىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك ئۆلۈمالار ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇشىدىن توساپ كەلدى. بۇ پەقەت تىلىمىز ئارقىلىق دىنىي ۋە مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا قارىتىلغان ئىش ئىدى. ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتقان كۆپچىلىك ئاتا- ئانىلىرىمىز ھېلىمۇ تىلىمىزنى سىرتقى تەسىرلەردىن ساقلاپ كەلمەكتە. ئەگەر سىز ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا بارسىڭىز، خىتاي تىلىنى بىلمەيدىغان، ئۆز تىلىنى تولۇق ساقلاپ كېلىۋاتقان ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغانلىقىڭىزنى بىردىن ھېس قىلىسىز. ئۇيەردە ئۆز تىلىنى بىلمەيدىغان بىرەرمۇ ئۇيغۇر تېپىلمايدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىگە خاس بولغان مىللىي ئۇرپى – ئادەتلەرنى شۇ جايدا كۆرىسىز.
شۇنىسى ئېچىنارلىقكى، قازاقستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە گەپ قىلساق، بۇ يەردە ئۆتكەنكى يىللار مابەينىدە رۇس تىلى ھۆكۈمرانلىق دەرىجىگە كۆتىرىلىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇشقا ئۆتكەنلىكى، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرگە ھەيران قالغىدەك بىلىنىپ كېتىدىكەن. بىز ئالمۇتىغا كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمىزدا رۇس تىلىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بېرەر نەرسىنى سوراشقا توغرا كەلگىنىدە، چىرايىغا قاراپ ئۇيغۇرغا ئوخشىغان بىرىدىن سوراشقا مەجبۇر بولاتتۇق. بىز مۇراجىئەت قىلغانلار، خۇسۇسەن ياشلار ئۆزلىرى ئۇيغۇر بولسىمۇ، بىزگە رۇسچە جاۋاپ بېرەتتى. بىز ئۇلارنىڭ رۇسچە جاۋاپلىرىغا چۈشەنمىگەچكە « سىز ئۇيغۇر ئىكەنسىز، بىز رۇس تىلىنى بىلمىگەچكە سىزدىن سوراۋاتىمىز، بىزگە ئۇيغۇرچە ئېيتىپ بەرسىڭىز» دېگىنىمىزدىن كېيىنلا ئۇيغۇرچە دۇدۇقلاپ سۆزلەپ، ئامالسىزلىقتىن بىزنى ياقتۇرمىغاندەك قىياپەتتە سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرەتتى. ئۇيغۇر پەرزەندىنىڭ ئۆز تىلىدا شۇنچىلىك قىينىلىپ سوزلەۋاتقانلىقى بىزنى ھەيران قالدۇراتتى. بىر خوش بولارلىق ھالەت، كېيىنكى يىللاردا بۇ ئەھۋال ئۆزگەرتىلىپ، ياشلارنىڭ ئانا تىلىدا ئەركىن سۆزلىشىشى قانات يېيىۋاتىدۇ. شۇندىمۇ بەزى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئەھۋالنىڭ شۇ پېتىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى بايقىلىدۇ. ئۇ ئائىلىلەرنىڭ بەزىلىرىدە ھەتتا بۇۋاقلارنىڭ تىلىمۇ رۇس تىلى بىلەن چىقىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان
تىل- مىللەت دېمەكتۇر. مىللىي ئۆرپى- ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىمۇ تىل ۋاستىسىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان بالىنىڭ مىجەز- خۇلقىمۇ ئۆزى سۆزلىشىپ يۈرگەن تىلدىكى غەيرى مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ماس شەكىللىنىدۇ. دېمەك، ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىگەن بالا خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپى- ئادەتلىرى، مۇزىكا، سەنئىتىگە يۇقۇشمايدىغان بولۇپ ئۆسىدىغانلىقى مۇقەررەر. كىچىك - چوڭغا بولغان ھۆرمەت – ئىززەت قائىدە يوسۇنلىرىمىزدىنمۇ ئۇلارنىڭ پەرۋاسىز ئۆسىدىغانلىقىمۇ ئەنە شۇنىڭدىن. بۇ ئىشتىكى چوڭ مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىق ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.
بەزى كىشىلەر ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلىپ تۇرسىمۇ، خۇددى ئۆزىنى شۇ ئارقىلىق بىر كۆرسەتكۈسى كەلگەندەك، ئۇنىڭدىن شۆھرەتكە ئېرىشىدىغاندەك رۇس تىلىدا سۆزلىشىدۇ. بۇ دورامچىلىقنىڭ نېمە ھاجىتى بار ئىكەنلىكى چۈشىنىكسىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆز مىللىتىنى، مىللىي تىلىنى خورلىغانلىقتۇر. راست، بۇ تەۋەدە رۇس تىلىنىڭ تەسىرى بېسىم بولغىنى بىلەن ئۇلارنى ھېچبىر رۇس بېسىمدارلىقىنىڭ رۇسچە سۆزلىشىشىگە زورلىمىغانلىقىمۇ ئېنىق. ھەتتا بۇ تەرەپتە ئازسانلىق مىللەت ھېسابىدا تەبىئي ھالدا ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنىشقا ئۈچراۋاتقان تۇڭگان خەلقىنىڭ ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مىللىي غۇرۇرىغا قايىل بولىسىز.
يات ئەلدە يۈرۇپ مىللىي تىل ۋە غۇرۇرىدىن ئايرىلىشقا ئۆتكەن بەزى شەخسلەرنىڭ ئاغىزىدىن «بولدى، بىز ئەمدى تۈگەشتۇق» دېگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ يۈرىمىز. ھۆرمەتلىك قېرىنداش! شۇنداقتا بىز ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تۈگىشىشگە يول باشلاپ بەرگەن بولدۇقمۇ؟ّ! « ئۈمىتسىز- شەيتان» دەپ ئېيتىلغان. ياق! ھېچقاچان ئۇنداق ئۈمىتسىزلىك چاڭگىلىغا چۈشۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەتكەن ئۇلۇغ غايىلەرنى ئەگەر ئۆز ئەسلىنى يوقاتمىغان بولسا ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى مۇقەررەر. يات ئەلدە ياشاپ شۇ خەلقنىڭ تىلىنى بىلمەسلىك ئۇيات ئەمەس، بىراق ھازىر دۇنيانىڭ قايسىبىر يېرىدە ياشىمايلى ئۆز ئانا تىلىمىزنى بىلمەسلىكىمىز ئېچىنىشلىق ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئالدىدىكى جىنايىتىمىزدۇر. قىسقىسى، ئۆز تىلىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى شۇ مىللەت قاتارىغا قويالايمىز.
كۆپ تىل بىلىش كىشىنىڭ بىلىم- سەۋىيەسىنىڭ يوقىرى بولىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەقىقەت. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش، ياكى ئۇنى ئۈگەنمەسلىك نومۇسسىزلىق ۋە شەرمەندىچىلىكتۇر.
ھەر بىر مىللەتنىڭ قەدىر- قىممىتى تىلى ئارقىلىق تونۇلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە، ئۆز تىلىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپ، باشقا مىللەتنىڭ تىلىغا بېقىنغان ئادەم ئۆز ئانا تىلىنى ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. مۇنداقلار ئۆز مىللىتىدىن يۈز ئورۈگەن ۋە ئەۋلاتلارنىڭ كېلىچىكىنى دەپسەندە قىلغان بولىدۇ. دېمەك، تىل مىللەتنى ساقلاپ قالىدىغان مۇھىم ئامىل.
« يېڭى ھايات » 1997- يىل 16- ئاۋغۇست سانى.


بايلىقنى ھېچ كىم ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتەلمەيدۇ

دۇنيادا مەرتلىكنى ۋە سېخىيلىقنى ماختىمايدىغان بىرمۇ مىللەت بولمىسا كېرەك. ئەرەبلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ھاتەم ئىسىملىك بىر ئادەم مەرتلىك ۋە سېخىلىقنىڭ بىردىنبىر ئۆلگىسى ۋە نەمۇنىسى بولۇپ كەلمەكتە. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى شائىرلاردىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ھەر قانداق شائىر شېىرلىرىدا ھاتەمنى سېخىلىق ۋە مەرتلىكنىڭ ئابىدىسى قىلىپ ماختايدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ سېخى بىر ئادەمنى كۆرسە، « ھاتەمدەك ئادەم ئىكەن » دەيدىغان تەمسىللەرمۇ بار.
دۇنيادا توننىلاپ ئالتۇن ۋە مىلياردلاپ دوللار تاپقان مىلياردېرلارنىڭ نام- شوھرىتى قالماستىن، پەقەت ئاز بايلىقى بولسىمۇ شۇ بايلىقىدىن ئىنسانىيەتكە، خۇسۇسەن، ئۆز مىللىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە ياردەم قىلغان جانكۆيەر، سېخى كىشىلەرنىڭ نام- نىشانىسى خەلقنىڭ ئېغىزىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ھاتەمنىڭ ئەكسىچە، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئۆتكەن بېخىل باي قارۇن بولسا، بېخىللىقنىڭ ۋە نامەرتلىكنىڭ بىردىنبىر سەلبىي ئۆلگىسى بولۇپ، دۇنيادىكى پۈتۈن مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ قەلبىدە قارۇن لەنەتكار بولۇپ ساقلىنىپ كەلمەكتە.
تارىخلارغا ئاساسلانغاندا، قارۇن ئىنتايىن چوڭ باي ئىكەن، ئۇنىڭ خەزىنلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى 40 تۆگە ئاران توشۇيدىكەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا « ئازراق بولسىمۇ ئاللاھ تائالا بۇيرىغان زاكاتنى ئادا قىلساڭكەن » دەپ تەلەب قويغاندا، ئۇ: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» (قەسەس سۈرىسى78- ئايەت) دەپ بۇ بايلىقلارنىڭ ئاللاھ تائالادىن بېرىلگەن ئىنئام ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، زاكات بېرىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنى تىرىك تۇرغۇزۇپ يەرگە چۆكتۈرۈۋەتكەن.
دۇنيادا ھەر قانداق كىشى نام- نىشانىسىنىڭ مەڭگۈلىشىشىنى، ھاتەمدەك ياخشىلىققا ئۈلگە بولۇپ ئەۋلاتلىرىنىڭ تىللىرىدا ماختىنىشىنى ياقتۇرىدۇ، ئەلۋەتتە! ھېچقانداق كىشى ئۆزىنىڭ نام- نىشانىسىنىڭ قارۇندەك نامەرتلىككە ئۈلگە بولۇپ قېلىشىنى ۋە خەلقنىڭ ئېغىزىدا لەنەتكار بولۇشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ھەر قانداق جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىدە شۇ جەمئىيەتتىكى بايلار يەنى مەرت بايلار ئالاھىدە سالماق ئورۇن تۇتىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە « بايلىرىڭلار بېخىللىشىپ كەتكەندە سىلەرگە يەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇنىڭ ئاستى ياخشىراق بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.
بۇ ھەدىسىنىڭ مەنىسى: «جەمئىيەتتىكى بايلىرىڭلار بېخىللىق قىلىپ ئاللاھ تائالا بەرگەن بايلىقلاردىن باشقا بېچارىلەرگىمۇ بېرىپ ئۇلارنى قۇتقازمىسا، ئىلىم- پەن كەشپىياتلارنى قوللاپ- قۇۋەتلەپ، پۇل- ماللىرىدىن سەرپ قىلمىسا، ئۇنداقلارنىڭ ئۆلگىنى ياخشىراق، ۋە سىلەرنىڭمۇ ھاياتىڭلار مەنىسىزدۇر، چۈنكى بۇنداق ھاياتتىن مەنپەئەت يوق، دېگەنلىكتۇر. دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئىلىم- پەن، كەشپىياتلار ئەڭ ئاۋۋال بايلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردەم قىلىشى ئارقىسىدا ئۆز مېۋىلىرىنى بېرەلىگەن.
ئىلىم - دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك، بەخىت - سائادەتنىڭ ئاچقۇچىسىدۇر. كۆپ ھاللاردا بۇ ئىلىمنى تارقىتىش ۋە ئېلىش ئىشلىرى ئىقتىساتقا ئېھتىياجلىق. ئادەتتە ئىلىم بىلەن بايلىق بىر شەخستە جەم بولمايدۇ. شۇڭا ئالىم ئىلىمى بىلەن، باي پۇل - مېلى بىلەن جەمئىيەتكە خىزمەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر ئادەمگە بايلىقنى بەرسە ئۇنى ئىككى مەقسەت بىلەن بېرىدۇ: بىرى، ئۇ ئادەمگە ئىنئام يۈزىسىدىن، يەنە بىرى، ئۇئادەمنى سىناش ئۈچۈن، يەنى بۇ بايلىقنى سېخىيلىق بىلەن ئۆز يولىدا ئىشلىتەمدۇ ياكى بېخىللىق قىلىپ ئۇنى بېسىپ ياتامدۇ دەپ ئېمتىھان قىلىش ئۈچۈن بېرىدۇ. بايلىقنىڭ ئاللاھ تائالادىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئېھتىياجلىق بەندىلىرىگە ئازراق بولسىمۇ سەرپ قىلىپ بەرگەنلەرنىڭ بايلىقى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، ئۇنىڭ يۈزى يورۇق بولىدۇ. كىمكى بايلىقىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنئامى دەپ بىلمەستىن، ئۆز كۈچۈم بىلەن تاپتىمغۇ، دەپ مەغرۇرلىنىپ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بېرىشتىن باش تارتىپ بېخىللىق قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى قارۇننى پاتۇرغاندەك يەرگە پاتۇرۇۋېتىدۇ. يىققان بايلىقى ئۇنى قۇتقۇزالمايدۇ، بەلكى ئۆزىگە دۈشمەن بولىدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە پۈتۈن مۈلكى ئاللاھ تائالانىڭدۇر. ئاللاھ تائالا باي ۋە يوقسۇلنى ياراتتى. ئوخشاش دىپلومغا ئىگە ئوخشاش ئىشتا ئىشلەيدىغان، ئوخشاش ئەقىل- پاراسەتلىك ئىككى كىشىنىڭ بىرىنى ئاللاھ تائالا باي قىلسا، يەنە بىرىنى يوقسۇل ياكى بايدىن تۆۋەنرەك قىلىدۇ.
بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا ئاللاھ تائالا بايلارغا زاكاتنى پەرز قىلغاننىڭ سىرتىدا ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدىغان سەدىقە، خەير – ئېھسان ۋە ساخاۋەت ناملىرى بىلەن ئاتالغان ياردەم ۋاسىتىلىرىنىمۇ ئەمر قىلغان. ھەتتا ئاللاھ تائالانىڭ بىر تەڭگە سەدىقە قىلغان كىشىگە يەتتە يۈز ھەسسە، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بېرىدىغانلىقىنى قۇرئان كەرىم ۋەدە قىلىپ: »خالىغان كىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بېرىدۇ« دېگەن. مانا بۇلار سەدىقە ۋە ياردەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى پايدىسى. ئاخىرەتتىكى پايدىسى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ماللىرىنى كېچە- كۈندۈز (يەنى ھەممە ۋاقىت) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالدا خەير- ئىھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم- قايغۇ بولمايدۇ». (بەقەرە سۈرىسى 274- ئايەت) يەنى دۇنيادىكى قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ، پۇشايمان قىلمايدۇ دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا بېخىللارغا قارىتىپ: « زالىملار (يەنى زاكاتنى مەنئى قىلغۇچىلار) ياكى پۇل- مېلىنى يېتىم- يېسىرلارغا ياردەم قىلماستىن گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلغانلارغا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ». (بەقەرە سۈرىسى 270- ئايەت).
رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە: بۇرۇنقى زاماندا قابۇس دېگەن بىر باي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ئۆلىدىغان ۋاقتىدا: « مېنى تاۋۇتقا سالغاندا ئىككى قولۇمنى تاۋۇتتىن چىقىرىپ قويۇڭلار» دەپ ۋەسىيەت قىلىپتۇ. بۇ ئۇنىڭ «مەن ئۆلمەيدىغاندەك دۇنيا يىغدىم. ئەمدى ئۆلگىنىمدە مال- دۇنيالىرىم شۇنداقلا قالدى. ئاخىرەتكە ئۇنى ئېلىپ كېتەلمىدىم. شۇڭا مېنىڭ قۇرۇق قول كەتكىنىمنى كىشىلەر كۆرسۇن» دېگىنى ئىكەن.
ئىسلام تارىخلىرىدا ئېيتىلىشىچە: چىڭگىزخان باغداتنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، باغدات پادىشاھىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئۆز ئالتۇنلىرىنى ئېرىتىپ ئاغزىغا قۇيۇپ ئۇنى ئازاپلاپ ئۆلتۈرگەن ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراشقانلارغا چىڭگىزخان: « بۇ پادىشاھ شۇنچە ئالتۇننى يىغىپ ياتقىچە ئۇنى سەرپ قىلىپ ئەسكەر توپلاپ بىزگە قارشى تۇرغان بولسا، بەلكى مەملىكىتىنى ساقلاپ قالغان بولاتتى. سىلەرنىڭ بېخىللىقىڭلارنىڭ سەۋەبىدىن ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە جازا ئورنىدا ئەۋەتتى » دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.
ھازىر جەمئىيېتىمىزدە نۇرغۇنلىغان مىليونېرلارنىڭ رېكىيوتىرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ جېىنىدىن ۋە پۈتۈن مال - مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمۇ بۇ ئېيتقانلىرىمىزنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. پۇل- ماللىرىنى مەكتەپ، مەسچىت ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ياردەم ئورنىدا بېرىۋاتقانلار ئامان، خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ.
بىز ئەزەلدىن تىرىشچان، پائالىيەتچان بىر مىللەت بولغاچقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولساقمۇ، باشقىلارغا قارىغاندا خېلىلا ياخشى ياشاۋاتىمىز. بىراق، بىزدىكى مەرتلىك، سېخىيلىق، ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە مېھماندوستلۇقتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مىللىي ئەنئەنىمىز ۋە مۇقەددەس ئىسلامىي ئەخلاقىمىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇزۇلغاندىن كېيىن، بېغەم، ھېسسىياتسىز، ئۆزىمىزنىلا ئويلاپ ياشايدىغان بولۇپ قالغانمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، ئەۋلاتلىرىمىز سەرسان، بېچارە، خورلۇقتا ياشاۋاتسىمۇ بىز ئۇلارنى ئېسىمىزگىمۇ ئېلىپ قويمايمىز. بۇرۇن بىزدىن ھاتەملەرنى تۇغقان ئۇيغۇر ئانىلىرى ئەمدى قارۇنلارنىلا تۇغمىغان بولۇشى كېرەك.
تۈركىيەنىڭ پەقەت قازاقستاندىلا 30 مەكتىبى، 480 ئوقۇتقۇچىسى بار. مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى تۈركىيەدىكى بايلار كۆتىرىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ بايلارنىڭ بايلىقى ھەسسىلەپ ئاشماقتا.
ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشى، گۈللىشى ۋە ئۆز دۆلىتىگە ئۆزى خوجا بولۇپ تۇرالىشى ۋە قەد كۆتىرىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى شۇ مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلارچە مېھرىبانلىقى، بىر- بىرىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشى ۋە خالىسانە ياردەملىشىشى بولسا كېرەك. ئۆزئارا بىر- بىرىنى قۇتقۇزۇپ، ياردەم قىلىشمىغان بىر مىللەتنى باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىپ قۇتقۇزىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بايلىرىمىز يوقسۇللارغا قېرىنداشلارچە ياردەم قىلىپ، ئوقىيالمىغان بالىلىرىنى ئوقۇشقا كىرگۈزۈپ، ھەر خىل ماددىي قىيىنچىلىقلىرىنى تەڭ كۆتىرىپ، پۈتۈنلىشىدىغان بولساق بەختلىك بىر مىللەت بولغان بولار ئېدۇق.
« يېڭى ھايات » 1988- يىل 7- مارت











ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم بىلەن جىپسىلىقى

ئۆمرىدە بېرەر قېتىم مەن كىم؟ قانداق ياشىشىم كېرەك؟ يارىتىلىش ۋە ھاياتلىقنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ دېگەن سوئاللارنى ئۆزىگە قويۇپ كورمىگەن كىشىلەرنى چىن مەنىدىكى ئىنسانىي ھاياتلىق ئېگىلىرى دەپ ئېيتىش قىيىن. كېمدەكىم ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي، ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىكىگە شەك كەلتۈرۈپ، ئىماندىن ئايرىلىدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرى بىمەنىلىك بىلەن ئاياقلىشىدۇ. ھاياتلىقنى پەيدا قىلىپ، ئۇنى پەرۋىش قىلىپ تۇرغۇچى پەقەت بىر ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلۇقى كائىنات ئۈچۈن تەبىي زۆرۈرىيەتتۇر.
دىن بىلەن ئىلىمنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچىلار بىر پۈتۈن ھەقىقەتنى كىچىك پارچىلارغا بۆلۈپ ھەر بىر پارچىغا ئايرىم- ئايرىم كىيىم كىيگۈزمەكچى بولۇشىدۇر. شۇڭا ئۇلار دىن بىلەن ئىلىمنى بىر – بىرى بىلەن ماسلىشالمايدىغان باشقا نەرسىلەر دەپ تەسەۋۇر قىلىشىدۇ. ئۇلار شۇنى ئەسلىرىگە ئالمايدۇكى، دىننىڭ ئۆزى ئىلىمدۇر. يەنى دىننىڭ جەۋھىرى ئاللاھ تائالانى تونۇشتۇر. ئاللاھ تائالانى بىلىش، ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى بىلىشتىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى مەخلۇقاتلارنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ئىلىمدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەخلۇقاتلار ئارقىلىق ئۇنىڭ ياراتقۇچى ۋە پەرۋىش قىلغۇچىسى ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئىلىم دېمەكلىكتۇر. ئىجاتكارنىڭ ماھىرلىقى ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئارقىلىق تونۇلىدۇ. كائىناتتىكى پۈتكۈل جانلىق، جانسىز شەيئىلەر ۋە ئۇنىڭدىكى ئىنچىكە نىزام قائىدە- قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا، بىرلىكىگە ۋە چەكسىز قۇدرەت كامالىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىمانى بولغان ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى كائىناتتىكى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ئارقىلىق ئۇنى تونىيالايدۇ. ئەمما ئىمانسىز كىشىلەرنىڭ كۆرۈش دائىرىسى مىكروسكوپ ۋە تېلىسكوپ بىلەنلا چەكلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار پەقەت ماددىغىلا ئىشىنىدۇ مۇسۇلمانلار بولسا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان شەيئىلەرنى ئويغاق دىللىرى بىلەن كۆرەلەيدۇ. باشقىلارنىڭ بىلمىگەن ئىلىملىرىنى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى قۇۋۋىتى بىلەن بىلەلەيدۇ.
ئاللاھ تائالانى تونۇش ھەر قانداق ئىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئىسلام دىنى ئۈچۈن ئىلىم خۇددى بېلىق ئۈچۈن سۇ بولغانغا ئوخشاشتۇر. شۇڭلاشقا پەيغەمبىرىمىزگە ئەڭ ئاۋۋال قىلىنغان ۋەھى «ئوقۇ» بىلەن باشلانغان. ئىلىم پەقەت ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ھەمىشەم ئوقۇشقا ئۈندەيتتى. ھەتتا مۇشرىكلەردىن ئەسىرگە چۈشكەن ساۋاتلىقلىرىنىڭ ھەر بىرى مۇسۇلمانلاردىن 10 كىشىنىڭ ساۋادىنى چىقارسا، ئۇلارنى ئەركىنلىككە قويۇپ بېرىش سىياسىتىنى قوللانغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ئەسىرلەردىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئىسلامنىڭ بۇ خىل ئەۋزەللىكلىرىنى ياخشى چۈشەنگەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھۈنەر- بىلىمگە ئىنتىلىشى تۈپەيلى ئۆزگە ئىقلىملارغا ئۈلگە بولۇپ ياشىغان. شۇ سەۋەبلىك دۇنيانى سورىغان. مەسىلەن: ئىبن سىنا دۇنياغا مەشھۇر دوختۇر، شائىر، ئالىم ۋە پەيلاسوپ ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىمام رازى، ئىبن روشدى، ئىبن ھەيسەم قاتارلىقلارمۇ دىننى بىر تەرەپكە، ئىلىم – پەننى بىر تەرەپكە ئايرىپ قارىماستىن، ھەر ئىككىلا تەرەپتىن ئەتراپلىق يېتىشكەن كىشىلەر بولغان. ھەتتا بۇرۇنقى مۇپەسسىرلەرمۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈشتە دىنىي بىلىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، شۇ زاماندىكى پەلەسەپە، لوگىكا، ئاسترونومىيە قاتارلىق ھەر ساھە بىلىملىرىدىن ئەتراپلىق پايدىلانغان. مۇسۇلمان ئەھلى ئارىسىدىن بۇ ساھەلەردە تونۇلغان ئالىملار ئاز ئەمەس.
ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم ئەھلىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقۇرى باھالايدىغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى شۇكى، ھەتتا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بىرلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشتە ئۆزىنىڭ مۇبارەك ئىسمىغا ئىلىم ئەھلى بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قوشۇپ ئاتاپ كېلىدۇ. « ئاللاھ تائالا ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ بىر مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇنىڭغا پىرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ، شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[ئال ئىمران سۈرىسى 18- ئايەت]. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرنى بىر قانچە دەرىجە كۆتىرىدۇ »[مۇجادىلە سۈرىسى 11- ئايەت]، ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: « بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار تەڭ بولالامدۇ؟» [ زۇمەر سۈرىسى 9- ئايەت]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلىم ئەھلىنىڭ تۆھپىسىنى مەدھىيلەپ مۇنداق دەيدۇ: « قىيامەت كۈنى شېھىتلارنىڭ ئاللاھ تائالا يولىدا ئاققۇزغان قېنى بىلەن ئالىملارنىڭ كىتاب يېزىپ سەرپ قىلغان دوۋاتلىرى تارازىغا قويۇلىدۇ. ئالىملارنىڭ دوۋاتلىرى شېھىتلارنىڭ قېنىدىن ئېغىر كېلىدۇ». يۇقىرىقى ئايەتلەر ۋە ھەدىستا تىلغا ئېلىنغان «ئىلىم» دىنىي ئىلىملەرگىلا قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان جىمى ئىلىم – پەنگە قارىتىلغان.
«يېڭى ھايات» 1997- يىل 27- سېنتەبر سانى.















ھەج سەپىرى تەسىراتلىرى

مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ئىبارەت مۇقەددەس جايلارنى كۆرۈپ، زىيارەت قىلىش ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ كۆڭلىدىكى ئارمىنى بولغىنىدەك، ئۇ يەرلەرگە بېرىپ قايتىدىن تاۋاپ قىلىپ قايتىش ئىستىكى مېنىڭمۇ ئويۇمدىن كەتمەي يۈردى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەلىيىمگە يارىشا تۈركىيەدىكى بىر دوستۇمدىن تېلىفون كىلىپ، مېنىڭ ھەج سەپىرىگە چاقىرتىلغانلىقىمنى، دەررۇ يولغا چىقىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. شۇ يەردىن ۋىزا ئاچتۇرۇپ كېتىشىم كېرەك ئىكەن. شۇ بويىچە يولغا چىقىپ، تۈركىيىدە ماڭا ئوخشاش سەپەرگە ئاتلانغان بىر نەچچە ۋەتەنداشلىرىم بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرىدە بۇ ئۇلۇغ سەپەرگە بولغان قىزغىنلىق بايقالسىمۇ، لېكىن چىرايلىرى سولغۇن، پەرىشانلىق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. بىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ كۈتۈش زالىدا ۋىزا كۈتۈپ ئولتۇرىشاتتۇق. يېنىمدا تۇرغان تۈركىيىلىك ئۇيغۇر ھەمشەھەرلەرنىڭ بىرى ئۇلارغا سىنچلاپ قاراپ چىقىپ، ماڭا سوئال قىلىپ،« بۇ ئادەملەر مىڭبىر مۇشەققەتتە تاپقان پۇللىرىنى ئەرەبلەرگە ئاپىرىپ خەجلەپ بېرىمىز دەپ مۇنداق ئۆزلىرىنى قىينىغىچە ئۈستىلىرىدىكى كىيىملىرىنى بولسىمۇ بىر قۇر تۈزەپ كىيىۋالسا بوپتىكەن. سىز ئېيتىڭا، مۇشۇنداق ئەھۋالدىكى كىشىلەرگە ھەج قىلىش پەرزمۇ؟» دەپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا « بۇ ئادەملەرگە ئۇنداق كەمسىتىش بىلەن قارىماڭ. بۇلارنىڭ تارتقان جاپالىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا چوقۇم ساۋاب بېرىدۇ. بۇ بېچارىلەرنىڭ تولىسى دېخان. بۇلار سىزگە، ماڭا ئوخشاشلارغا نان بېرىپ بېقىۋاتقان مېھنەتكەشلەر، ئەمما ئاللاھ تائالا نەزىرىدە ھۆرمەتلىك كىشىلەردۇر. سىزدەك، مەندەك چىرايلىق كىيىنىپ، بوينىغا گالستۇك تاقاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالمىسىمۇ ئۇلارنىڭ قەلبى پاك. سىز ۋەتىنىمىزدىكى دېخانلارنىڭ ھالىنى بىلمەيسىز. ئەگەر سىزمۇ ئۇ يەردە ياشىغان بولسىڭىز، ئۇلاردىن ھېچ پەرقلەنمەنمىگەن بولاتتىڭىز. مېنىڭچە، باشقىلاردىن كۆرە بۇ خىل ھالال ئەمگىكى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ پەرزىنى ئادا قىلىشقا بەل باغلىغان بۇ تەۋەرۇك ئادەملەرنىڭ نىيەتلىرىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئەجرىنى تولىقى بىلەن بېرىدۇ» دەپ رەددىيە بەردىم ۋە ھېسىياتقا چۆكتۈم:
تەلمۈرۈپ يىل بويى ئىنتىزار بولغان،
ئاتلىنىپ چىقتىم بۇ شانلىق سەپەرگە.
كىممۇ يۈرەكتىن كۆيۈپ كۈل بولمىسۇن،
مۇقەددەس قىبلىگاھ- شۇ ئۇلۇغ يەرگە.

كۆرمىگەن ئارماندا، كۆرگەنگە تىلەك،
يانىدۇ دىللاردا ۋىسالنىڭ ئوتى.
قانداقمۇ كۆيمىسۇن دىللار تۇرسا ئۇ-
ۋەھىينىڭ بۆشىگى،پەيغەمبەر يۇرتى.

ئىلاھىم نەسىپ ئەتكىن مۇرادىمنى،
ۋىسالىم قۇچاغلاپ كۆڭلۈم ياشارسۇن.
يۇيۇلۇپ تاغدەك بۈيۈك گۇناھلىرىم،
قارايغان كۆمۈردەك دىلىم ئاقارسۇن.
ئاقىۋەت ئارمىنىمىز ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇ مۇقەددەس جايلاردا يۈرىشىمىزنى ئاللاھ تائالا نەسىپ قىلدى. ھەج سەپىرىنى ئادا قىلىشتىن ئالدىدىكى كۈنلەردە قىلغان زىيارەتلىرىمىزدە بىز ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇ يەرلەردە قالدۇرغان خەيرلىك ئىشلىرىدىن مەغرۇرلاندۇق. بۇرۇن ۋەتىنىمىزدىن ھەجگە كەلگەن پۇلدار كىشىلەر مەككىنىڭ مەسچىت ھەرەمگە، مەدىنىنىڭ پەيغەمبەر مەسچىتىگە يېقىن بولغان جايلىرىدىن بىر نەچچە قەۋەتلىك، شۇ زامانلارغا نىسبەتەن ئەڭ ھەشەمەتلىك چوڭ بىنالارنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنى ئۆز شەھەرلىرىنىڭ نامىدا ئاتاپ، ۋەتەندىن ھەجگە كەلگۈچىلەرنىڭ يېتىپ - قوپۇشلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا يولىدا ۋەقىپ قىلىپ قالدۇرغان ئىكەن.
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.
Çirattagı - دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 06
  • Büleklär
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 01
    Süzlärneñ gomumi sanı 3563
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1787
    27.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.7 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 02
    Süzlärneñ gomumi sanı 3781
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1707
    27.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    40.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    47.2 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 03
    Süzlärneñ gomumi sanı 3465
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1612
    27.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.9 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 04
    Süzlärneñ gomumi sanı 3794
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1774
    26.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.8 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.6 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 05
    Süzlärneñ gomumi sanı 3700
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1998
    23.4 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 06
    Süzlärneñ gomumi sanı 3691
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1999
    25.1 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    36.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.5 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 07
    Süzlärneñ gomumi sanı 3620
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1744
    24.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    44.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 08
    Süzlärneñ gomumi sanı 3675
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1628
    26.6 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    39.5 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    46.8 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 09
    Süzlärneñ gomumi sanı 3692
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1887
    24.3 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    38.0 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    45.0 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 10
    Süzlärneñ gomumi sanı 3639
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1703
    25.5 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    37.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    43.4 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
  • دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى - 11
    Süzlärneñ gomumi sanı 322
    Unikal süzlärneñ gomumi sanı 234
    48.2 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    58.3 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    62.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
    Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.