Latin

Elixan torini Elip ketish operatsiyesi 1

Süzlärneñ gomumi sanı 2806
Unikal süzlärneñ gomumi sanı 1149
24.9 süzlär 2000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
34.4 süzlär 5000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
40.9 süzlär 8000 iñ yış oçrıy torgan süzlärgä kerä.
Härber sızık iñ yış oçrıy torgan 1000 süzlärneñ protsentnı kürsätä.
ads place
ستالىننىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەىئسى ەئلىخان تۆرىنى « وئغرىالپ
كېتىش» سىرى()1
(4توملۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى»دىن پارچىالر)
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە -1946يىلى -6ئىيۇن
كۈنى 11ماددىلىق بىتىم رەسمىي ئىمزالىنىش بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي ،غۇلجىدىن
غايىپ بولدى .ئەلىخان تۆرە قانداق شەكىلدە ۋە نېمە ئۈچۈن غايىپ بولدى ۋە
ياكى ستالىن ئادەملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى؟ بۇ ھەقتە تۈرلۈك قاراشالر
ۋە پەرەزلەر تارقىلىپ كەلدى .ئەلىخان تۆرىنىڭ غۇلجىدىن غايىپ بولۇشى
ھەققىدىكى غەيرى رەسمىي مەلۇماتالر ،يەنى ئەسلىمە ۋە كۆرگەن-بىلگەن
ئۇچۇرالر يەنىال بۇ سىرنى ھەقىقىي يېشىپ بېرەلمەيدۇ ،بۇنى پەقەت سوۋېت
ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىال يېشىدۇ
خاالس .يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جەرياننى ئەڭ ئېنىق بىلگۈچى ئەلىخان تۆرىنىڭ
ئۆزىدۇر .لېكىن شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ،موسكۋانىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ
ھەققىدە قانداق قارار ئالغانلىقى ،قانداق پىالنالرنى تۈزگەنلىكى ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ
ئايدىڭ بولۇشى ناتايىن .ئەلىخان تۆرىنىڭ ئېلىپ كېتىلىشى ھەقىقەتەن
موسكۋادىن بىۋاسىتە ئورۇنالشتۇرۇلغان ھەم ستالىن ،مولوتوف،بېرىيا قاتارلىقالر
خەۋەردار بولغان بىر مەخپىي ئوپېراتسىيەسىدىن ئىبارەت ئىدى .قىزىق نۇقتا
شۇكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەينى ۋاقىتتا ئۆز رەئىسى غۇلجىدىن غايىپ

بولسىمۇ ،ھەتتا كېيىنرەك ستالىننىڭ ئۇنى « ئوغرىالپ كەتكەنلىكى»نى
بىلگەن بولسىمۇ ،بىراق بەرىبىر سۈكۈت قىلىپ يۈرىۋەرگەنىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ غۇلجىدىن ئېلىپ
كېتىلگەن كۈن ھەققىدە ئوخشىمىغان چىسالالر مەۋجۇت بولغاندىن تاشقىرى
يەنە ئۇنىڭ قانداق ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىمۇ ھەر خىل ئۇچۇرالر بار.
ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى بۇ كۈننى -1946يىلى-13 ،ئىيۇن كۈنى دەيدۇ).(1
ئەمما غۇلجىدىكى -2دومغا جايالشقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي
تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالى ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچى
گېنېرال مايور ۋالدىمىر يېگناروفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە يوللىغان
مۇتلەق مەخپىي دوكالتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە ،ئەلىخان تۆرە -1946يىلى-16 ،
ئىيۇن كۈنى كەچتە غۇلجىدىن ئايرىلغان بولۇپ ،ئۇ شۇ كۈنى غۇلجىدىن
قورغاسقا ،ئارقىدىن ئالمۇتاغا ۋە تاشكەنتكە بارغان( .)2مەزكۇر ھۆججەت
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت ئارخىپخانىسىدىكى -9401فوند ناملىق
مەخسۇس سوۋېت ئالى رەھبەرلىرى يوسىف ستالىن ،ۋىچېسالۋ مولوتوف،
الۋرېنتىي بېرىيا ۋە باشقىالرنىڭ خەت چەكلىرى ،بۇيرۇقلىرى ،سىياسىي
بىيۇرونىڭ قارارلىرى ۋە باشقىالر ساقلىنىدىغ انمەخسۇس فوندتا ساقالنغان
بولۇپ ،بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى -1994يىلالردىن كېيىن مەخپىيەتلىكى
بىكار قىلىنغان .مەزكۇر فوندتىكى « ستالىننىڭ ئاالھىدە پاپكىسى»« ،
مولوتوفنىڭ ئاالھىدە پاپكىسى» « ،بېرىيانىڭ ئاالھىدە پاپكىسى» ناملىق
مەخسۇس خالتىالردا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت مەخپىي
ھۆججەتلەر جايالشتۇرۇلغان .بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى بىلەن -2016يىلى
ھۆججەتنىڭ رۇسچە نۇسخىسىدىن ئەسلى
تونۇشقانىدىم .تۆۋەندىكىسى
مەزمۇنى ۋە ئۇسلۇبى ساقالنغان ھالدا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىشىمدۇر.

ئەلىخان تۆرىنىڭ ئېلىپ كېتىلىش جەريانىغا ئائىت مۇتلەق مەخپىي
ھۆججەت
ئەلىخان تۆرىنىڭ ئېلىپ كېتىلىش جەريانى غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى
ئالىي ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىسى ،يەنى « -2دوم»نىڭ باشلىقى گېنېرال
ۋالدىمىر ستېپانوۋىچ يېگناروف)(3تەرىپىدىن موسكۋاغا ،يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى
ئىچكى ئىشالر مىنىستىرى سېرگېي كرۇگلوف ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت
بىخەتەرلىك مىنىستىرى ۋىكتور اباكۇموفقا تولۇق ۋە تەپسىلىي مەلۇم قىلىنغان
بولۇپ ،مەزكۇر مۇتلەق مەخپىي ھۆججەتتىن ئاشكارىلىنىشىچە ،ئەلىخان
تۆرىنى ئەشۇ گېنېرال ۋالدىمىر ستېپانوۋىچ يېگناروف ئۆزى بىۋاسىتە -16ئىيۇن
كۈنى قورغاسقا ئېلىپ بارغان.ئەلىخان تۆرە ئارقىدىن ئالمۇتاغا ،ئالمۇتادىن
تاشكەنتكە ئېلىپ بېرىپ ئورۇنالشتۇرۇلغان .مەخپىي ھۆججەتتىن قارىغاندا
ئەلىخان تۆرىنى تاشكەنتكە ئورۇنالشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقى
ئىچكى ئىشالر مىنىستىرى گېنېرال پولكوۋنىك سېرگېي كرۇگلوف بىلەن
دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى گېنېرال پولكوۋنىك ۋىكتور ئاباكۇموف تۈزۈپ
چىققان پىالن بويىچە ئورۇندالغان بولۇپ ،بۇ ،غۇلجىدىكى گېنېرال مايۇر
يېگناروفنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەرىكىتى ئەمەس .ئەھۋالدىن
قارىغاندا مەزكۇر پىالندىن ھەتتا ستالىن ،مولوتوف ۋە بېرىيا قاتارلىق سوۋېت
ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىرىمۇ خەۋەردار بولغان .ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى ،بۇ
ئوپېراتسىيە بىۋاسىتە ستالىن ،مولوتوف ۋە بېرىيانىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن .ئەنە
شۇ سەۋەبتىن -1946يىلى -17 ،ئىيۇن كۈنى گېنېرال ۋالدىمىر ستېپانوۋىچ
يېگناروف سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشالر مىنىستىرى ،گېنېرال پولكوۋنىك
سېرگېي نىكىفوروۋىچ كرۇگلوف (( 4ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك
مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ،گېنېرال پولكوۋنىك ۋىكتور سېمېيونوۋىچ
ئاباكۇموف ( (5نىڭ نامىغ اھەم شۇالر ئارقىلىق ستالىن ،مولوتوف ۋە بېرىيانىڭ
نامىغا ئەلىخان تۆرىنىڭ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دوكالت قىلىپ مۇنداق
مەلۇمات يوللىغان؛

مۇتلەق مەخپىي .ئالماتادىن ،سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشالر
«
مىنىستىرلىكى ،يولداش كرۇگلوفقا ،يولداش ئاباكۇموفقا:
بۇ يىل -16ئىيۇن كۈنى ئەلىخان تۆرە شاكىرخوجايېف ( سابىق شەرقىي
تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى) بىۋاسىتە مېنىڭ ئۆزۈم تەرىپىدىن قورغاسقا
ئېلىپ كېتىلدى ۋە بۇ يىل -17ئىيۇن كۈنى كېچىدە مۇزىپوفنىڭ ( قىرغىزىستان
سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك
كومىتېتى خادىمى) ھەمراھلىقىدا ئالماتاغا كېتىپ بارماقتا .بۇ ھەقتە قوشۇمچە
تەپسىلىي مەلۇمات يەتكۈزىمەن .قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاق
جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىدىكى يولداش بېزوفغا ۋە
ئوزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىدىكى يولداش
باسكوۋقا كۆرسەتمە بېرىشىڭالرنى ئۆتىنىمەن .00554: .يېگناروف»(( 6
مەزكۇر مەلۇماتنىڭ ئاستىغا«:يولداش ستالىن ،يولداش مولوتوف،يولداش بېرىياغا
ئەۋەتىپ بېرىلدى» (( 7دېگەن سۆز يېزىلغان بولۇپ ،بۇ جۈملە مەزكۇر
مەلۇماتنىڭ يۇقىرىدىكى 3سوۋېت ئالىي رەھبىرىگىمۇ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى
كۆرسىتىدۇ .شۇنىڭدەك بۇ مەلۇمات -17ئىيۇن كۈنى مۇزىپوف ئەلىخان تۆرىگە
ھەمراھ بولۇپ ،قورغاستىن ئالمۇتاغا كېتىۋاتقان ۋاقتىدا يولالنغان ئىدى.
مۇزىپوفنىڭ تولۇق ئىسمى گابىت مۇزىپوف بولۇپ ،ئۇ باشقۇرت مىللىتىدىن
كېلىپ چىققان-1930-1933.يىللىرى ئارىسىدا باشقۇرتىستاندىن قىزىل
ئارمىيەگە قاتنىشىپ ،ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەن ۋە قىرغىزستاننىڭ قاراقول
شەھىرى ،ئوشنىڭ قەشقەر بىلەن چېگرىداش گۈلچە قاراۋۇلخانىسىدا سوۋېت
ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئوفىتسېرى سۈپىتىدە خىزمەت
قىلغان .قاراقولدا ئۆيلىنىپ ،ئىككى پەرزەنتلىك بولغان .ئۇ ،يەرلىك ئۇيغۇر،
قىرغىز ۋە ئۆزبېك تىللىرىنى ياخشى بىلەتتى .مۇزىپوف قىرغىز سوۋېت
سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇريىتى ن ك ۋ د سى ،يەنى ئىچكى ئىشالر
خەلق كومىسسارىياتىنىڭ خادىمى مەزگىلىدە -1937يىلى ئاقسۇغا تاشالنغان
ۋە ئاقسۇدا «ئىستانبۇللۇق ئالى ئەپەندى» دېگەن نام بىلەن -1942يىلالرغىچە
سودىگەر قىياپىتىدە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدە بولغان .ئۇ ،ئىسھاقبەك
كوماندىرلىقىدىكى ئوش-نارىن ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلغان « بۇيگۇ»نامى

ئاستىدىكى مەخپىي گۇرۇپپىنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە -1944يىلى،
-12ئاينىڭ ئاخىرى ئىلىغا كېلىپ ،سۈيدۈڭ ،كۈرەدىكى جەڭلەرگە ،ئارقىدىن
ئىلى ئەتراپىدىكى جەڭلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان
جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشالر مىنىستىرلىقىدا مەسلىھەتچى بولۇپ ،بىخەتەرلىك
ئىشلىرىنى تۇتقان .ئۇنىڭ غۇلجىدا قولالنغان ئىسمى ئەلى مەمەدوف ،ئۇيغۇرچە
تاتارچە ئارىالش سۆزلەيدىغان پودپولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى بۇ كىشى ئادەتتە«ئەلى ئەپەندى»دېيىلەتتى .غۇلجىدىكى كىشىلەر ئۇنى ئۇيغۇر دەپ چۈشىنەتتى،
ئۇ غۇلجىدا -2دومدىكى گېنېرال يېگناروفقا بىۋاسىتە بويسۇنىدىغان سوۋېت
ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك خادىمى بولۇپ ،شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ
رازۋېتكا ،ئىچكى ۋە تاشقى بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغانىدى).(8
سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىش مەخپىي
دېمەك ئەلىخان تۆرىنى
ئوپېراتسىيەسىگە گېنېرال يېگناروفنىڭ ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە
يەنە -2دومغا قارايدىغان مۇزىپوف ،يەنى ئەلى ئەپەندى قاتنىشىپ ،ئەلىخان
تۆرىگە ھەمراھ بولۇپ ،ئۇنى قورغاستىن ئالمۇتىغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى
ئورۇندىغان .ۋاھالەنكى ،بۇ ئوپېراتسىيەدە گېنېرال يېگناروفنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە
ئەلىخان تۆرىنى ئۆز ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ،ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ ماڭغان
بولسا ،ئەلىخان تۆرە ھۈسەيىن غازىغا كېيىن سۆزلەپ بەرگەندەك قورغاسقا
ماڭغان يول ئۈستىدە يەنە بىر ماشىنا ئۇالرغا قوشۇلۇپ ماڭغان.ئېھتىمال مانا شۇ
يولدىن قوشۇلغان ماشىنىدا مۇزىپوف ،يەنى ئەلى ئەپەندى ئولتۇرغان ئىدى .يەنە
باشقا ئۇچۇرالرغا قارىغاندا قورغاسقىچە ئەلىخان تۆرە ئولتۇرغان ماشىنىغا
ھەمراھ بولۇپ ماڭغان يەنە بىر ماشىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي
تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشالر مىنسىتىرلىقىدا تۇرىدىغان يەنە بىر
خادىمى ،پودپولكوۋنىك پېتىر ئىۋانوۋىچ ساۋېن ،يەنى « زاكىر تۆرە»مۇ بار ئىدى.
زاكىر قىرغىزىستاننىڭ قاراقول شەھىرى يېنىدىكى پوكروۋكا يېزىسىدا تۇغۇلۇپ
چوڭ بولغان.ئۇيغۇر ،ئۆزبېك ،قىرغىز تىللىرىنى ياخشى بىلگەن-1930 ،يىلالردا
ئافغانىستاندا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا مەخپىي خىزمەت قىلغان ،سوۋېت-گېرمان
ئۇرۇشى مەيدانىدا مەخسۇس ئارقا سەپ رازۋېتكىسى بىلەن شۇغۇلالنغان كىشى
ئىدى). (9

مىللىي ئىنقىالب قاتناشقۇچىسى ھاكىم جاپپار ئۆزىنىڭ -1980يىلالردا يازغان
ئەلىخان تۆرە ھەققىدىكى مەخسۇس ماقالىسىدە ئەلىخان تۆرىنىڭ -1946
يىلى-13،ئىيۇل كۈنى سوۋېت خادىملىرى -2دومدىن ئېلىپ كەتكەنلىكىنى
يازىدۇ .ۋاھالەنكى ،ئۇ ئەسلىدە -13ئىيۇن دېمەكچى بولۇپ ،بۇ سۆز خاتا ھالدا
ئىيۇل دەپ يېزىلىپ قالغان ،چۈنكى ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە-1946 ،يىلى-12،
ئىيۇن كۈنى كەچتە ئەلىخان تۆرىنىڭ ئىككى مۇھازپىزەتچىسى سۇنۇر مۇنىر
بىلەن ئاالئىدىن ئىمىر ئەلىخان تۆرى بىلەن -2دومغا بارغان.ئۇالر سىرىتتا ساقالپ
تۇرغان ،ئەمما شۇ ۋاقىتتا -2دومدىن بىر خادىم چىقىپ ئەلىخان تۆرىنىڭ مۇشۇ
يەردە قالىدىغانلىقى ،ئۇالرنىڭ قايتىپ كېتىشىنى بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىن ئۇالر
قايتىپ كەتكەن -13 .ئىيۇل كۈنى سوۋېت بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن ئەلى
ھامىدوف ،ئىسكەندەر ،يەنى ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوف زاخار كۇزنېتسوۋتىن
ئىبارەت ئۈچ كىشى ئەلىخان تۆرىنى « قورغاستا ئۆزبېكىستان بىرىنچى
سېكرېتارى ئوسمان يۈسۇپوف سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى» دەپ «زىس
»ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ سوۋېتكە ئېلىپ كەتكەن ).(10
ھاكىم جاپپار ئەلىخان تۆرىنى ئەلى ھامىدوف بىلەن زاخار كۇزنېتسوف ماشىنىغا
ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ كەتكەن دېيىشى تەسسادىپىي ئەمەس .ئۇ ئېيتقان ئەلى
ھامىدوف ،دەل ئەشۇ ئەلى مەمەدوف ،يەنى مۇزىپوفتۇر .زاخار كۈزنېتسوف ،خاتا
ئىسىم بولۇپ ،بۇ دەل پېتىر ساۋېن ،يەنى زاكىر تۆرە ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى ئىچكى ئىشالر مىنىستىرلىقى كونتېررازۋېكا
بۆلۈمىدىكى يەنە باشقا بىر قانچە ئۇيغۇر ئوفىتسېرالرمۇ بۇ ئوپېراتسىيەگە
قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ ،ئۇالر قورغاسقىچە بىرگە بارغان .ئېھتىمال بۇالرنىڭ
ھەممىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ ساق-ساالمەت چېگرادىن ئۆتكۈزۈلۈشتىكى
بىخەتەرلىكنى قوغداشقا ئاجرىتىلغان بولۇشى مۇمكىن.ئەشۇ ھەرىكەتكە
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق
قاتناشقان ،كېيىنكى ۋاقىتالردىكى
ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ،تارىخشۇناس مەرھۇم رىشات سابىتوفنىڭ
ئېيتىشىچە ،ئوپېراتسىيە ھەربىي بۇيرۇق بويىچە ئىنتايىن مەخپىي
ئورۇندىلىدىغان بولغاچقا ئۇالر قانداق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىگەن

ۋە ئۇالردىن مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقالش ھەققىدە تىل خېتى ئېلىنغان ئىدى
).(11
يېگناروف شۇ كۈنى يەنە بۇ مەلۇماتقا قوشۇمچە ئەلىخان تۆرىنىڭ ئېلىپ
كېتىلىشى جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي قوشۇمچە دوكالت يوللىغان بولۇپ ،بۇ
دوكالت ««-554نومۇرلۇق قوشۇمچە» دەپ ئاتالغان .بۇ قوشۇمچە مەلۇماتتىن
ئەلىخان تۆرىنىڭ قانداق كەتكەنلىكى ۋە تاشكەنتكە كېتىشتىن ئىلگىرى
كىملەر بىلەن بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مۇتلەق مەخپىي
ئەھۋالنى چۈشىنىش مۇمكىن .قوشۇمچە دوكالتتا:
« مۇتلەق مەخپى ،ئالماتادىن سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى
ئىچكى ئىشالر مىنىستىرلىكى ،يولداش كرۇگلوفقا ،يولداش ئاباكۇموفقا،
-554نومۇرلۇققا قوشۇمچە.
.1سىلەرنىڭ ئەلىخان تۆرە شاكىرخوجايېفنى ( سابىق شەرقىي تۈركىستان
جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى رەئىسى) ئېلىپ كېتىش ھەققىدىكى كۆرسەتمەڭالرنى
تاپشۇرۇپ ئېلىشىم ئىسھاقبېك مونونوفنىڭ ( شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى)
يولداش يۈسۈپوفنىڭ ۋەكىلى توختابايېفنىڭ ھەمراھلىقىدا ئايروپىالن بىلەن
ياركەنتكە يېتىپ كېلىشىگە توغرا كەلدى .مونۇنوف ۋە توختابايېفنىڭ يېتىپ
كېلىشىنى شاكىرخوجايېفنى سىلەرنىڭ كۆرسەتمەڭالرنىڭ بىرىنچى ۋارىيانتى
بويىچە ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن پايدىلىنىش قارار قىلىندى» )(12دېمەك ،قوشۇمچە
دوكالتنىڭ باش قىسمىدىكى بۇ بايانالردىن مەلۇم بولدىكى ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ
كېتىش ھەققىدىكى كۆرسەتمىنى كرۇگلوف ۋە ئاباكۇموف بەرگەن بولۇپ،
ئەلىخان تۆرە مەسىلىسىگە ئائىت كۆرسەتمىدە بىر قانچە خىل ۋارىيانت
كۆرسىتىلگەن بولۇپ ،بۇ ۋارىيانتنىڭ بىرىنچىسى ئۇنى ئېلىپ كېتىش بولغان.
ئەمما قولىمىزدا مەزكۇر كۆرسەتمەنىڭ نۇسخىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن
كۆرسەتمىدىكى تەپسىلىي پىالنالرنىڭ قانداق ئىكەنلىكى بىزگە نامەلۇم .بۇ
كۆرسەتمە ،يەنى ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىشكە ئائىت كۆرسەتمە دەل -1946
يىلى-16-15 ،ئىيۇندا بېرىلگەن بولۇپ،دېمەك ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىشمۇ
شۇ كۈنلەردە موسكۋا تەرىپىدىن چىقىرىلغان قاراردىن ئىبارەتتۇر.

ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىشكە ئائىت قوشۇمچە تەپسىلىي دوكالتتا داۋاملىق
تۈردە «:مونۇنوف تاشكەنتتە ئۆزىنىڭ يولداش يۈسۈپوف بىلەن بولغان
ئۇچرىشىشىدا يۈسۈپوفنىڭ خەلق پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى ۋە پروگراممىسىغا
ئائىت تەشەببۇسلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن ( مونۇنوف بىلەن) مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى
ھەققىدە ئالدىن ئاگاھالندۇرۇلغان ئىدى .مونۇنوف ئۆزىنىڭ الياقەتسىزلىكىنى
نەقىل كۆرسىتىپ ،يولداش يۈسۈپوفنىڭ تەشەببۇسلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا
ئۆزىنىڭ يېقىن ياردەمچىسىنى بۇ مەسىلىنى شاكىرخوجايېف بىلەن ھەل قىلىش
ئۈچۈن ئەۋەتىشنى تەۋسىيە قىلدى .نەتىجىدە ،يولداش يۈسۈپوف بۇ تەۋسىيەگە
قوشۇلۇپ ،شاكىرخوجايېفنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان تاختابايېفنى
ئايروپىالن بىلەن ياركەنتكە ئەۋەتتى»دېيىلگەن). (13
بۇ باياندىن ئىسھاقبېك مۇنونوفنىڭ بۇ ئارىلىقتا تاشكەنتكە بېرىپ ،يۈسۈپوف،
يەنى ئۆزبېكىستان كومپارتىيەسى بىرىنچى سېكرېتارى ئوسمان يۈسۈپوف بىلەن
كۆرۈشكەنلىكى شۇنىڭدەك بۇ كۆرۈشۈشتە ئوسمان يۈسۈپنىڭ شەرقىي
تۈركىستاندا پائالىيەت قىلىدىغان « خەلق پارتىيەسى»نىڭ نىزامنامىسى ۋە
پروگراممىسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ،ئەمما ئىسھاقبېكنىڭ بۇ
پارتىيە نىزامنامىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتا ئۆزىنىڭ الياقىتى توشمايدىغانلىقى،
بەلكى سىياسىي بىلىمى يەتمەيدىغانلىقى ۋە ياكى بۇ ئىشقا رەھبەرلىك قىلىشقا
الياقەتسىزلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت
قىلغان .ئۇ بۇ مەسىلىنى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئۆزى بىلەن مۇزاكىرە قىلىشنى ،بۇنىڭ
ئۈچۈن ئۆسمان يۈسۈپوفنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرەرنى ئەلىخان تۆرە بىلەن
مەخسۇس سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتىشنى تەۋسىيە قىلغاندىن كېيىن ئوسمان
يۈسۈپوف ئۆز ياردەمچىلىرىدىن بىرى ،يەنى ۋەكىلى توختىبايېفنى ياركەنتكە
ئەۋەتكەن .ئەھۋالدىن قارىغاندا توختىبايېف بىلەن ئىسھاقبېك ئايروپىالن
تاشكەنتتىن ياركەنتكە ،ئارقىدىن قورغاسقا بىرگە كەلگەندىن كېيىن ئۇ
قورغاستا ئەلىخان تۆرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ قالغان ،ئىسھاقبېك -16ئىيۇن
كۈنى غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن .ئۇنداقتا ئىسھاقبېك قانداق بولۇپ ،بۇ ۋاقىتتا
تاشكەنتكە باردى ۋە ئوسمان يۈسۈپوف بىلەن كۆرۈشتى؟ دېگەن سوئال تۇغۇلۇشى
تەبىئىي .شۇ نۇقتا ئېنىقكى ،شۇ ۋاقىتتىكى مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش

قوماندانى ئىسھاقبېك مۇنونوف -1946يىلى-3 ،ئايدا جەنۇبتىكى قوراللىق
پارتىزان قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ مۇنتىزىمالشتۇرۇش ۋە جەنۇبتىكى
ئىنقىالبىي قوراللىق ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان
ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق تاشقورغانغا ئەۋەتىلگەن.ئۇ
تاكى -1946يىلى-13 ،ئىيۇنغىچە تاغارمىدا قوماندانلىق شىتاب قۇرۇپ ،پۈتۈن
جەنۇبتىكى قوراللىق كۈچلەرگە قوماندانلىق قىلغان،ئەمما -1946يىلى-6 ،
ئىيۇن كۈنى بىتىم تولۇق ئىمزاالنغاندىن كېيىن بىتىمگە بويسۇنۇپ ،بۇيرۇق
بويىچە ،ئېنىقراقى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جەنۇبتىكى
قوراللىق قوشۇنالرنى تارقىتىش ،قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ ،مىللىي ئارمىيە
جەڭچىلىرىنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان-13 .ئىيۇن كۈنى ئۇ
بارلىق كوماندىرالرنى يىغىپ،يىغىن ئېچىپ بىتىم ئىمزاالنغانلىقى ۋە جەنۇبتىكى
ئىنقىالبنىڭ ئاخىرالشقانلىقى ،بارلىق قورال ياراقالرنىڭ يىغىۋېلىنىپ،
ئەسكەرلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتۇرىلىدىغانلىقىغا ئائىت ئورۇنالشتۇرۇشالرنى
قىلىپ بولۇپال شۇ كۈنى تاشقورغان ئارقىلىق قايتىپ كەتكەن) .(14ئۇ
تاشقورغاندىن سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسىغا كىرىپ غۇلجىغا قايتىش سەپىرىدە
ئۇدۇل قىرغىزىستان ،قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش
جۇمھۇريەتلىرى تېررىتورىيەسى ئارقىلىق غۇلجىغا قايتىپ كەلمەستىن بەلكى
ئالدى بىلەن ئوزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە بېرىپ ،ستالىن تەرىپىدىن
شەرقى تۈركىستان ئىنقىالبىغا ،جۈملىدىن جەنۇبتىكى قوراللىق كۈرەشلەرگە
سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم كۆرسىتىشكە مەسئۇل قىلىنغان
ئوسمان
سېكرىتارى
بىرىنچى
كومپارتىيەسىنىڭ
ئوزبېكىستان
يۈسۈپوف)(15بىلەن كۆرۈشكەن .بۇ ئېھتىمال -16-15ئىيۇن كۈنلىرى بولۇپ،
ئەنە شۇ كۆرىشىشتىن كېيىنال ئۇ ئىلىغا چېگرىلىنىدىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ
ياركەنت شەھىرىگە ئايروپىالن بىلەن كەلگەن ئىدى.شۇ كۈنى يەنە غۇلجا
شەھىرى كومېندانتى پودپولكوۋنىك ھۈسەيىن غازىمۇ گېنېرال يېگناروفنىڭ
ئەلىخان تۆرىنى ئۆز ماشىنىسىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە -2دومدىن
كەتكەنلىكىنى كۆرگەن(16).

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ
كېتىش مەخپىي ھەرىكىتىنىڭ تۆت رەھبىرى
.1ۋالدىمىر ستېپانوۋىچ يېگناروف ( .)1976-1903سوۋېت ئىتتىپاقى
دۆلەت ئىچكى ئىشالر كومىسسارىياتى ۋە كېيىنكى دۆلەت ئىچكى ئىشالر
مىنىستىرلىقى گېنېرال مايورى ،باكۇدا تۇغۇلغان ،مىللىتى رۇس-1922 ،
يىلىدىن ئېتىبارەن قىزىل ئارمىيەدە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىدە
خىزمەت قىلغان .ئۇ تاكى -1938يىلىغىچە تاشكەنتتە تۇرۇپ خىزمەت
قىلغان ۋە كوماندىرلىق ۋەزىپىسىدە بولغان .ئۆزبېك تىلىنى ياخشى
بىلگەن-1944-1943 .يىللىرى سوۋېت دۆلەت ئىچكى ئىشالر
كومىسسارىياتىغا قاراشلىق قوشۇنالرنىڭ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارشى
رازۋېتكا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە -1944يىلى-12 ،
ئايدا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ مەخسۇس شەرقىي
تۈركىستان ئىنقىالبىغا قول تىقىدىغان ۋە ياردەم كۆرسىتىدىغان « ئاالھىدە
ھەرىكەت گۇرۇپپىسى»نىڭ باشلىقى سۈپىتىدە غۇلجىغا كېلىپ-2 ،دومغا
ئورۇنالشقان .ئۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا قول تىققان شەخستۇر.

(ۋالدىمىر ستېپانوۋىچ يېگناروف)
يېگناروف ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىشنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلغۇچى گېنېرال
ئىدى .ئۇ- 1946يىلى-6 ،ئاينىڭ -17كۈنى ،يەنى ئەلىخان تۆرە ئېلىپ

كېتىلىپ ئەتىسىال غۇلجىدىن كېتىپ ،تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتى ئىچكى
ئىشالر مىنىستىرى بولغان-1947 .يىلى -9ئايدا يەنە قورغاستا تۇرۇپ ،تاكى
-1949يىلى-9 ،ئايغىچە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىالبىغا ئارىالشقان-1954 ،
يىلى نىكىتا خرۇشېف تەرىپىدىن جازالىنىپ ،گېنېراللىق ئۇنۋانى بىكار
قىلىنىپ ،بېسىم ئىچىدە ئۆتكەن ۋە -1976يىلى موسكۋادا ئۆلگەن.
.2سېرگېي نىكىفوروۋىچ كرۇگلوف ( .)1977-1907رۇس ،سوۋېت
ئىتتىپاقى دۆلەت ئىچكى ئىشالر مىنىستىرى ،گېنېرال پولكوۋنىك ،
-1945يىلى-12 ،ئايدا بېرىيانىڭ ئورنىغا دۆلەت ئىچكى ئىشالر
كومىسسارى بولغان ۋە -1946يىلى-3 ،ئايدىن -1953يىلىغىچە سوۋېت
ئىتتىپاقى دۆلەت ئىچكى ئىشالر مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان .ئۇ
-1945يىلى -12ئايدىن -1949يىلى-10،ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىالبىنىڭ ھەربىي-سىياسىي تەقدىرىگە بېرىيادىن
كېيىن بىۋاسىتە چېتىشلىق بولۇپ-2 ،دومدىكى بارلىق دوكالتالرنى
كرۇگلوفقا يولاليتتى .ئۇ ،ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقالرنىڭ ئاخىرقى
تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەربابالرنىڭ بىرى ئىدى.

( سېرگېي نىكىفوروۋىچ كرۇگلوف)
بېرىيا يوقىتىلىپ،خرۇشېف ھوقۇقنى ئالغاندىن كېيىن -1953يىلى ئۇ
بېرىيانىڭ قولچوماقلىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىسىدىن ھەيدەلگەن شۇنىڭدەك

خرۇشېف ھەتتا -1959يىلى ئۇنىڭ گېنېراللىق ئۇنۋانىنىمۇ بىكار قىلىۋەتكەن
ھەم پارتىيەدىن قوغالپ چىقىرىلغان ،تۇرمۇشى قىيىن ئۆتكەن-1977 ،يىلى
پويىز يولىغا يىقىلىپ ئېچىنىشلىق ئۆلگەن.
.3ۋىكتور سېمېيونوۋىچ ئاباكۇموف ( .)1954-1908سوۋېت ئىتتىپاقى
دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ،گېنېرال پولكوۋنىك ،رۇس .ئۇ سوۋېت
ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ھەربىي رازۋېتكىسىنىڭ باشلىقى شۇنىڭدەك
-1951-1946يىلى دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىدى.

(ۋىكتور سېمېيونوۋىچ ئاباكۇموف)
ئاباكۇموف -1949-1946يىللىرى ئارىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىالبىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھەربىي-سىياسىي
ئوپېراتسىيەلەر ،مەخپىي قارارالردىكى ھەل قىلغۇچ شەخس بولۇپ ،ئۇنىڭ
رۇخسىتىسىز ھېچقانداق ئىش ئەمەلگە ئاشمايتتى .ئاباكۇموف ئەلىخان
تۆرىنى ئېلىپ كېتىش ،ئوسمان ئىسالمغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىش،
ئاخىرىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقالرنىڭ تەقدىرى بىلەن چېتىشلىق
قارارالرنى چىقىرىشتا باش رولچى ئىدى .ئۇنىڭ پىالنلىرى ستالىن تەرىپىدىن
تەستىقلىناتتى ۋە ياكى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە دوكالت قىلىناتتى .ئۇ ،نۇرغۇن
ئاتاقلىق سوۋېت گېنېراللىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش بىلەن داڭلىقتۇر.
ئاباكۇموف -1951يىلى ستالىننىڭ ئۆزى تەرىپىدىن « چەتئەل جاسۇسى
»سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ-1954،يىلى ،لېنىنگرادتا ھەربىي سوت تەرىپىدىن
ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ 46 ،يېشىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

.4ئوسمان يۈسۈپوف ( .)1966-1901ئۆزبېك ،تاشكەنتنىڭ يېڭى يول
يېزىسىدا تۇغۇلغان-1950-1937 ،يىلى ئۆزبېكىستان كومپارتىيەسىنىڭ
بىرىنچى سېكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەن.

(ئوسمان يۈسۈپوف)
ئۇ -1938يىلى ئۇيغۇر يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ ئورنىغا ئۆزبېكىستان ئالى
كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولغان .ئۇ -1937يىلى ،ئۆزبېك كوممۇنىست
رەھبەرلىرى ستالىن تەرىپىدى تازىالنغاندىن كېيىن بىرىنچى سېكرىتار بولۇپ
ئەڭ ئۇزۇن تۇرغان كىشى ئىدى-1950 ،يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پاختىكارلىق
مىنىستىر بولغان ۋە -1954-1953يىللىرى ئۆزبېكىستان مىنىستىرالر
كابىنېتىنىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن خرۇشېف تەرىپىدىن ستالىن ۋە
بېرىيانىڭ ئادەملىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان .كېيىنكى ھاياتى
تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدە ،يەنى كولخوز ۋە سوفخوز رەئىسى بولۇپ،
ئېتىبارسىز ھالدا ئىشلەپ-1966 ،يىلى سىقىلىش ئىچىدە ئۆلگەن.
ئوسمان يۈسۈپوف -1949-1944يىللىرىغىچە شەرقىي تۈركىستان مىللىي
ئازادلىق ئىنقىالبىنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيە خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش،
-1946-1945يىللىرى جەنۇبتىكى ،قەشقەر-يەكەندىكى ئۇرۇشالرغا

ياردەمچىلەرنى ئەۋەتىش-1947 ،يىلى ،يەنە غۇلجىغا مەخسۇس خادىمالرنى
ئەۋەتىش ئىشلىرىغا مەسۇل بولغان .ئوسمان يۈسۈپوف-1944 ،يىلى
تاشكەنت ئەتراپىدا تەييارالنغان 300كىشىلىك قوشۇندىكى ئۇيغۇر
كوماندىرالرنى ئۆزى قوبۇل قىلىپ ،ئۇالرغا ئۇيغۇرالرنىڭ ۋەتىنىنى ئازاد قىلىش
ھەققىدە تاپشۇرۇق بەرگەن .ئوسمان يۈسۈپوف ئەلىخان تۆرىنى تاشكەنتكە
ئورۇنالشتۇرۇشقا ۋە « شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىالبى پارتىيەسى»نى
قۇرۇشقىمۇ بىۋاسىتە قول تىققان ئىدى .ئوسمان يۈسۈپوفنىڭ تېگى ئۇيغۇر
ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ ئېيتىلىدۇ ،ئەمما پاكىت يوق ،لېكىن ئۇ ئۇيغۇر
خەلقىنىڭ ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن
ئىجابىي ياردەملەرنى كۆرسەتكەن دەپ باھا بېرىلىدۇ.
______________________________
ئىزاھاتالر:
( )1ئەلىخان تۆرە ساغۇنى ،ئاسىلخان ئەلىخان تۆرە ئوغلى .تۈركىستان قايغۇسى-2 .
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى .ئىستانبۇل-2016 .يىلى-547-546 .
قىسىم
بەتلەر،ئەسەرنىڭ ئۆزبېكچە ئىستانبۇل نەشىرى-2012 ،يىلى .ئىستانبۇل.
( )2گ ئا ر ف .ف .ر.9401-س/چ .ئوپ ( D.137.L.208-211 ،2.رۇسىيە
فېدېراتسىيەسى دۆلەت ئارخىپى .فوند .ر .9401-ئاالھىدە پاپكا .2دېلو .137ياپراق
.) 211-208
( )3ۋالدىمىر ستېپانوۋىچ يېگناروف ( .)1976-1903سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت ئىچكى
ئىشالر كومىسسارىياتى ۋە كېيىنكى دۆلەت ئىچكى ئىشالر مىنىستىرلىقى گېنېرال
مايورى .سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي-
سىياسىي مەسلىھەتچى ۋەكىلى ئىدى( 1946-1944ۋە .)1949-1947
( )4سېرگېي نىكىفوروۋىچ كرۇگلوف ( .)1977-1907رۇس ،سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت
ئىچكى ئىشالر مىنىستىرى ،گېنېرال پولكوۋنىك -1945 ،يىلى-12 ،ئايدا بېرىيانىڭ
ئورنىغا دۆلەت ئىچكى ئىشالر كومىسسارى بولغانىدى.

( )5ۋىكتور سېمېيونوۋىچ ئاباكۇموف .)1954-1908( ،شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى
دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ،گېنېرال پولكوۋنىك ،رۇس .ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى
ئارمىيەسى ھەربىي رازۋېتكىسىنىڭ باشلىقىئىدى-.
( )6گارف .ف .ر.9401-س/چ .ئوپ (D.137.L.208-211 ،2.شۇ ئارخىپ ھۆججىتى)
( )7گ ئا ر ف .ف .ر.9401-س/چ .ئوپ (D.137.L.208-211 ،2.شۇ ئارخىپ ھۆججىتى)
( )8گابىت مۇزىپوف ،يەنى ئەلى ئەپەندى كېيىن ئوشتا ياشاپ-1980 ،يىلى ۋاپات بولغان
ۋە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان ئىنقىالبى ھەققىدە كىتاب يازغان .مەن ئوغلى رېم
مۇزىپوف بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋە خەت-
چەكلىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغانىدىم.ئوغلى رېم مۇزىپوف كىچىك ۋاقتىدا
ئاقسۇدا تۇرغانىدى .ئۇ كىشى رۇسىيەنىڭ ياروسالۋ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە
تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ۋە دادىسىنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان-2005 .
يىلى ۋاپات بولغان.
( )9پېتىر ساۋېن ،يەنى زاكىر تۆرىنىڭ شەخسىي تەرجىمھالىغا ئۇچۇرالر ئەلى ئەپەندىنىڭ
ئەسلىمىسىدىن ئورۇن ئالغان .كەسپىي سوۋېت رازۋېدكا خادىمى زاكىر تۆرە -1907
يىلى تۇغۇلۇپ-1981 ،يىلى رۇسىيەنىڭ كراسنادار شەھىرىدە ئۆلگەن.
( )10ھاكىم جاپپار .ئەلىخان تۆرە شاكىرخوجا .تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا .شىنجاڭ خەلق
نەشرىياتى-2001.يىلى ،ئۈرۈمچى-188-187 .بەت.
( )11رىشات سابىتوف بىلەن سۆھبەت-2003 .يىلى-12 ،ئاي.
( )12گ ئا ر ف .ف .ر.9401-س/چ .ئوپ ( D.68.L.242-245 ،2.رۇسىيە
فېدېراتسىيەسى دۆلەت ئارخىپى .فوند .ر .9401-ئاالھىدە پاپكا،2دېلو .68ياپراق
.245-242
( )13گ ئا ر ف .ف .ر.9401-س/چ .ئوپ ( D.68.L.242-245 ،2.رۇسىيە
فېدېراتسىيەسى دۆلەت ئارخىپى .فوند .پ.9401-ئاالھىدە پاپكا .2 .ياپراق -242
.)245
( )14سەيپىدىن ئەزىز« .ئۆمۈر داستانى »-1.توم-161-158 .بەتلەر

( )15ئوسمان يۈسۈپوف ( .)1966-1901ئۆزبېك ،شۇ ۋاقىتتا
كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئۆزبېكىستان

( )16ھۈسەيىن غازى .مەنزىلگە يېتەلمىگەن سەپەرلەر .بىشكەك-196 ،بەت
Sez Uygur ädäbiyättän 1 tekst ukıdıgız.