Latin
Total number of words is 3599
Total number of unique words is 1721
11.3 of words are in the 2000 most common words
19.2 of words are in the 5000 most common words
25.2 of words are in the 8000 most common words
Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﻫﻪﻡ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﭼﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞە ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺧﻪﻥ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ« ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ ،ﻳﻮﻕ؟ »ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە :ﻳﯜەﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﭼﯘﻳﯜەﻥ ­5ﻳﯩﻠﻰ ،ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﮔﯘ ﺟﯩﻨﻰ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺗﯩﺌﯘﺵ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ
ﺑﺎﺭﯨﻤﺘﺎﻳﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﻪﯞەﺗﻜﻪﻧﺪە ،ﻗﯘﺗﯩﺌﯘﺵ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯞەﺗﺘﻰ .ﺧﻪﻥ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﮔﯘ ﺟﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﺩﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ.
ﻗﻮﻏﯘﺷﺎﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮔﯘ ﺟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺵ ﺳﻪﯞەﺑﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ
ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﺩﻯ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻫﯘﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﮔﻮﺭﯗﻫﻰ ﻗﯘﺗﯩﺌﯘﺵ ﯞە ﻗﻮﻏﯘﺷﺎﺭ ﯞەﻛﯩﻠﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻗﯘﺗﯩﺌﯘﺵ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ.
ﻗﻮﻏﯘﺷﺎﺭ ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺳﯘﻓﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻠﯘ ﻗﻮﺭﯗﻟﻰ )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻨﯩﯔ
ﺧﯧﺘﺎﯞﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﯕﺠﯩﻦ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺧﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﯨﺒﯩﺪە( ﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﮔﯘ ﺟﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻰ
ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ« ﻧﯩﯔ ﻧﻪﺩە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ،ﺧﻪﻥ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﯘﺷﺎﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ ﺩەﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺳﯘﻓﺎﯓ
ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ« ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﮔﯘ ﺟﻰ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ« ﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﯘﺷﯘﻥ
­ ­ 240ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺳﯘﻓﺎﯕﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﻏﯘﺷﺎﺩﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺳﯘﻓﺎﯕﻤﯘ
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻧﯘﺭﯗﻏﻦ
ﻳﯜﺭ ،ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﺨﺎﻧﺎ ،ﻗﯘﺭﯗﻝ ﯞە ﻗﻪﻟﺌﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﺍﻥ .ﻫﯘﻧﻼﺭﻣﯘ ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞە ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ
ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ.
»ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ« ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﯕﮕﯘﺳﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻰ »ﺑﯩﺘﻪﺭەﭖ« ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻧﻰ
ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﯩﻜﻪ ،ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ» .ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە» :ﺟﺎﯞﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜەﻧﻔﯧﯔ ­1ﻳﯩﻠﻰ )ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­80ﻳﯩﻠﻰ( ﺧﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ
ﻫﯘﻧﻼﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺧﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻫﻪﻡ
ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ،ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﺩﺍ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﭼﺘﻰ« ﺩەﭖ
ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺧﺎﻧﻰ« ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺧﺎﻧﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩەﺕ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ
ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە ﻫﯘﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻪﻥ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻫﯘﺟﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ،ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﻡ
ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ» .ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺩﺍ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﭼﺘﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ
ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ« ﺩﺍ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﻳﻪﻧﻪ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻼﺭﻣﯘ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،
ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻫﯘﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﭼﺎﺭﯞﯨﻼﺭﻧﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻐﺎﻥ .ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﻫﯘﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪە
ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ» ،ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﺩﺍ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ
ﺋﯧﭽﯩﺶ« ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﻳﻪﻧﻪ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜ ﭼﻰ ﯞە
ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ« ﻧﯩﯔ ﻫﯘﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
­ ­ 241ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺗﻮﯕﮕﯘﺳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ« ﺑﻪﻟﮕﻠﻪﭘﻠﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻤﯘ
»ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ« ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜﻧﺠﯘﯓ ﻫﻪﻡ ﺳﯘﻓﺎﯓ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ،
»ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ« ﻧﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞە ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺧﺎﻧﻰ
ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
) (5ﺗﯚﺭﯛ
»ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە» :ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺟﻪﺳﻪﺗﻨﻰ ﺩەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﭻ­ ﺗﺎﺵ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺕ
ﺗﺎﯞﯗﺕ ﻳﺎﺳﺎﭖ ،ﺟﻪﺳﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ­ ﻛﯚﻣﯜﺵ ،ﻛﯩﻴﯩﻢ­ ﻛﯧﭽﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﻗﻪﺑﺮە ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩەﺭەﺥ
ﺳﺎﻧﭽﯩﺶ ،ﻫﺎﺯﺍ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﻛﯩﻴﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ» .ﺷﻪﺭﻫﯩﻨﺎﻣﻪ« ﺩە ﺟﺎﯓ ﺧﯘﺍﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ
ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ» ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯚﺭﯛ ﺩەﻳﺘﺘﻰ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ.
) (6ﺟﯩﯖﻠﯘ ،ﻓﯘﻧﻰ
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﭽﻨﻰ »ﺟﯩﯖﻠﯘ« ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ» .ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە » :ﻗﻮﻏﯘﺷﺎﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ
ﺟﯩﯖﻠﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﺷﺎﺭﺍﺑﻘﺎ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺧﻪﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﻪﺳﻪﻡ
ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﻰ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻳﻪﻥ ﺷﯩﮕﯘ ﻳﯩﯔ ﭼﺎﯞﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ » :ﺟﯩﯖﻠﯘ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﺪﯗﺭ« ﺩەﭖ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻐﺎﻥ ­1958 .ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻨﯩﯔ ﺧﻮﻟﯩﻨﮕﯩﺮ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﻓﻪﻧﺠﯩﻴﺎﻳﺎﯞ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻻﻥ
ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻖ ﺩەﯞﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻛﯧﭙﯩﻨﻪﻙ ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﻗﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ][21
ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻼﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﺴﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺩەﻝ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻣﺸﯩﺮﻯ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺧﯘﻣﺮﯨﻨﻰ »ﻓﯘﻧﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ» .ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺳﯘ ﯞﯗﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ» :ﺱ ﯞﯗ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﯩﺪە
ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯜﻛﻪﻥ ﺧﺎﻥ ﺳﯘ ﯞﯗﻏﺎ ﺧﯘﻣﺮﺍ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻳﻪﻥ ﺷﯩﮕﯘ
­ ­ 242ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻣﯧﯔ ﻛﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ» :ﻓﯘﻧﻰ ﺷﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ .ﺋﺎﻏﯩﺰﻯ ﻛﯩﭽﻚ ،ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﭼﻮﯓ ،ﺗﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ﺗﯜﺯ،
ﻫﺎﺭﺍﻕ ،ﻗﯧﺘﯩﻖ ﻗﺎﭼﯩﻼﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ« ﺩەﭖ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻐﺎﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯧﻦ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ» :ﺧﯧﺪﯗﯕﻨﯩﯔ
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﺭە ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﯩﻐﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﻛﯜﻣﺰەﻛﻨﻰ ﻓﯘﻧﻰ ﺩەﻳﺪﯗ« ﺩەﭖ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺧﯘﻣﺮﯨﻼﺭ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻛﯚﭖ
ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ.
) (7ﻣﯩﻠﻰ ،ﺟﯘﯕﻠﻰ
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﭘﯩﺸﻼﻗﻨﻰ »ﻣﯩﻠﻰ« ،ﻗﺎﻳﻤﺎﻗﻨﻰ »ﺟﯘﯕﻠﯘ« ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ» .ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­87ﺟﯩﻠﺪ »ﻳﺎﯓ ﺷﯩﻴﯘﯕﻨﯩﯔ
ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ »ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭘﯩﺸﻼﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﺩﯗﻕ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ .ﻳﻪﻥ ﺷﯩﮕﯘ ﺟﺎﯓ ﻳﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ
ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ» :ﻣﯩﻠﻰ ﭘﯩﺸﻼﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﯘ ﺳﯜﺯﯛﻣﺪﯛﺭ ،ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯞﯦﺘﯩﺶ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« ﺩەﭖ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻐﺎﻥ.
»ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە ،ﺟﯘﯓ ﺧﺎﻳﯖﻴﯚ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻘﺎ :ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺧﻪﻥ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﯧﺮﯨﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ« ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ» ،ﺧﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺳﯜﺕ­
ﻗﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﺩەﻙ ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ« ﺩﯦﺪﻯ ،ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ» .ﺷﻪﺭﻫﯩﻨﺎﻣﻪ« ﺩە ﻳﻪﻧﺌﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ
ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ» :ﺟﻮﯕﻠﯘ ﻗﺎﻳﻤﺎﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﯘ ﺳﯜﺗﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﻧﯩﺴﻰ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﻫﯘﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻳﻪﻧﻪ
»ﻣﻮﺩﯗ« » ،ﺗﯜﻣﻪﻥ« )ﺗﯜﻣﻪﻥ ،ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ(» ،ﺟﯩﻴﯘ« )ﻛﯩﺌﻮﻙ ،ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ(» ،ﻟﯘ ﻟﻰ« )ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ،ﺋﻮﯓ
ﻗﻮﻝ ﺧﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﻝ( ......ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﺮەﻙ ،ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﺮﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻛﯚﭖ
ﻣﯘﻻﻫﯩﺰە ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺪﻯ ] .[22ﻧﯚﯞەﺗﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﯞە ﭼﻪﺗﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺗﯧﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ
ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻫﯘﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯘﺳﯘﻝ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ .ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ­ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻮﯕﮕﯘﺱ ،ﺩﯨﯖﻠﯩﯔ،
­ ­ 243ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻳﺎﯞﭼﻰ ،ﺋﯘﻳﺴﯘﻥ ،ﺋﯘﻏﯘﺯ ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﯞە ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ .ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻟﯘﺳﻼﺭﻧﯩﯔ
ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻼ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻧﯚﯞەﺗﺖ ،ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺗﻮﯕﮕﯘﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ
ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ،ﺩﯨﯖﻠﯩﯔ ،ﺋﯘﻏﯘﺯ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ،ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﻳﺎﯞﭼﻰ،ﺋﯘﻳﺴﯘﻥ ﯞە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ­ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻞ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺶ ﯞە ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪە ،ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﻥ ﺋﻮﻥ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺗﯜﺗﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﯗﻕ ﻫﯘﻥ ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻠﺮﻏﺎ
ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﭼﻮﯓ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ
ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﭗ ،ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­5ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﺗﻮﯕﮕﯘﺱ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻮﺭﺟﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ
ﻗﯘﺷﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺟﻮﺭﺟﺎﻧﻼﺭ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻗﺎﯕﻘﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﻮﺭﺟﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭەﺯ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘ ﺳﻪﯞەﺑﺘﯩﻦ ﻫﯘﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﯕﮕﯘﺱ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﻤﯘ ﺋﻪﺟﻪﭘﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ
ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻫﯩﺴﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﯚﯞەﺗﺘﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻫﯘﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ
ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭙﻼ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯩﻞ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﻰ
ﺑﻪﺯﻯ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ )ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ،ﻳﺎﭘﻮﻧﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﻳﻨﻴﺎﯞ ﻛﯘﺟﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ( ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺩەﻡ
ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﯨﺴﻪ ،ﺑﯩﺮ ﺩەﻡ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ
].[23
ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﺭ:
][1ﺱ .ﺩﻭﺭﺟﻰ ﺳﻮﺭﯗﯓ» :ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ« ­1 ،ﺑﺎﭖ »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﻯ« .ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻮﯕﺎﻳﻦ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ
­5ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻫﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﭼﯩﻘﺎﻥ .ﺑﯘ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﻗﯩﻨﻰ
­ ­ 244ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺋﯩﺮﯨﻘﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ،
ﺋﺎﯕﻼﺷﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯘ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻗﻮﻏﺪﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻣﯘﺯﯦﻴﺪﺍ
ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
] [2ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ »ﻓﯧﯖﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ«
)ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ­1963ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ( ­140 ~ 138 ،ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
] [3ﺱ .ﺩﻭﺭﺟﻰ ﺳﻮﺭﯗﯓ» :ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ« ­1 ،ﺑﺎﭖ »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﻯ«.
] [4ﻥ .ﻳﯩﺸﻰ ﺟﺎﻣﺴﯘ» :ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﯞە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ« ­196 ،ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻻﻧﺒﺎﺗﻮﺭ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ
ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ« ­1 ،ﺳﺎﻥ.
] [5ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﯞ .ﻡ .ﻣﯧﻜﮕﻮﯞﯦﺮﯨﻨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ
ﺋﺎﺑﺰﺍﺱ ﺳﯚﺯﻯ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ .ﺋﯘ» :ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﭼﻘﺎ ﻫﻪﻡ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ
ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭ ﯞە ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯧﺮﻗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﻜﺎﻫﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﻐﺎ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯧﺮﻗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﻗﯧﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ،ﮔﻮﺗﻼﺭ ﯞە ﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﯘﻻﺭ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﺎﭖ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯧﺮﻗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺪە ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،ﻫﯩﻨﺪﻯ­
ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺮﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻧﻼﺭ ﯞە ﻓﯩﻦ­ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﻜﺎﻫﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺋﯧﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ
ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﯞﯦﻨﮕﯧﺮﯨﻴﻪ ﯞە ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻜﯩﺘﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻜﯩﻠﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﭖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ­4 ،
­5ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ
ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ) »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ
ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ« ­6 ،ﺑﺎﺏ »ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ« ،ﺟﺎﯓ ﺟﯜەﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ،
ﺟﯘﯕﮕﯘ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ­1958ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ ­169 ،ﺑﻪﺕ(.
]» [6ﯞﯦﻴﻨﺎﻣﻪ« ­95ﺟﯩﻠﺪ »ﺗﻮﺑﺎ ﻟﻴﯘﺧﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
] [7ﺷﯧﻦ ﺯﯦﯖﺦ» :ﺧﻪﻳﺮﻯ ﺭﺍﯞﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ« ­2،ﺟﯩﻠﺪ »ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﻰ ﺗﯩﻠﻰ ﯞە ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻰ«.
] » [8ﻧﯘﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ .ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﻫﭙﯩﺴﻰ« ­1980ﻳﯩﻠﻰ ­11ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ­25ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻰ 202ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻰ
­ ­ 245ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﯞﯦﻨﭙﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﭼﻮﯓ ﻫﯩﻨﮕﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺵ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ.
] [9ﯞ .ﻡ .ﻣﯧﻜﮕﻮﯞﯦﺮﯨﻦ »ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺗﺎﻻﺵ­ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ
ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ...ﻧﯚﯞەﺗﺘﻪ ﻙ ﯙﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ،
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪﻳﻠﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ
ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗﺭﻛﻰ ،ﻫﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­91ﻳﯩﻠﻰ( ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻼ
ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ .ﺑﯘ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﻧﯘﻗﯘﻝ ﻫﺎﻟﺪﺍ
ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﯩﻤﯘ ﻣﺎﺱ
ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰﻛﻰ ،ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯧﺮﻕ ﯞە ﺗﯩﻞ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە ﺗﯜﺭﻙ
ﺋﯧﺮﻗﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ )»ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ« ­4 ،ﺑﺎﭖ »ﻫﯘﻥ
ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﻳﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ« ،ﺟﺎﯓ ﺟﯜەﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ( .ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﯞﺳﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﺎﺋﯧﻨﭽﯧﯩﻦ ﺧﯧﻠﻔﯧﻦ »ﺗﺎﻛﻰ
­20ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ­49ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻻ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺑﯩﺮﺩەﻛﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ«» ،ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﻣﯘﻗﻪﺭﺭەﺭﻛﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ) »ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ« ­8 ،ﺑﺎﭖ »ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ« ­9 ،ﺑﺎﭖ »ﺗﯩﻠﻰ«،
ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﻛﻠﯩﻔﻮﺭﻧﻴﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ­1973ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ(.
] [10ﯞﺍﯓ ﮔﻮﯞﯦﻲ» :ﮔﯘەﻧﺘﺎﯓ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ« ­13ﺟﯩﻠﺪ »ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻏﯘﺯﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ«.
]» [11ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­55ﺟﯩﻠﺪ »ﺧﯘ ﭼﯜﺑﯩﯖﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ» :ﻳﯜەﻧﺸﯘ ­2ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺧﯘ ﭼﯜﺑﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ
ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﺗﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻐﯩﻐﯩﭽﻪ )ﭼﯩﻠﻴﻪﻧﺸﻪﻥ ﺗﯧﻐﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﻰ ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﻠﻐﺎﻥ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ،ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ( ﺑﺎﺭﺩﻯ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻳﻪﻥ ﺷﯩﮕﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﭖ» :ﺗﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻐﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ
ﺗﯧﻐﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻥ ﺩەﻳﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ» ،ﺗﯩﻠﻪﻥ« ﺑﯩﻠﻪﻥ
»ﺗﻪﯕﺮﻯ« ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻫﺎﯓ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.
]» [12ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺭ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [13ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­2ﺟﯩﻠﺪ »ﺧﯘﻳﺪﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە«.
­ ­ 246ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
]» [14ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«.
]» [15ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ­70ﺟﯩﻠﺪ »ﭼﯧﻦ ﺗﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«.
]» [16ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە» :ﺋﯘﻟﺠﯘﺕ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺷﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺗﯘﻍ
ﺋﺎﻟﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺭﯗﻗﯘﻧﻨﻰ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻍ ﺋﺎﻟﭽﻰ
ﺗﯘﻍ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﭽﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ.
] [17ﻳﯘﻗﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ­ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺷﻪﺭﻫﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ »ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﮔﻪ
ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞە ﻳﻪﻥ ﺷﯩﮕﯘﯕﻨﯩﯔ »ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺰﺍﻫﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯓ،
]› » [18ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ‹ ﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻫﺴﯩﻠﻰ« ،ﺟﯧﺠﯩﻴﺎﯓ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ.
]» [19ﺍﺭﻛﯩﺲ­ ﺋﯧﻨﮕﯧﻠﯧﺲ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ« ­4 ،ﺗﻮﻡ ،ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﻳﺎﺗﻰ ­1972ﻳﯩﻠﻰ ­5ﺋﺎﻱ ­1ﻧﻪﺷﺮﻯ.
] [20ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ
ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞە ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »ﺑﯩﺘﻪﺭەﭖ
ﺭﺍﻳﻮﻥ« ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﯧﻨﮕﯧﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
] ­1963 [21ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﺮﻳﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ )ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ
ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ« ­40ﺳﯜﺭەﺕ.
] [22ﻫﯘﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯩﻞ
ﺋﺎﺩەﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ )ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻦ(» .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ« ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ 13 ~ 12ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﻳﺎﺗﻰ ­1987ﻳﯩﻠﻰ ­9ﺋﺎﻱ ­1ﻧﻪﺷﯩﺮ.
] ­1923 [23ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﻴﯩﺪە ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ »ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ« ﻧﯩﯔ ­18ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻳﻨﯩﻴﺎﯞ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ
»ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﯓ.
­10ﺑﺎﭖ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ
.1ﻳﯧﺰﯨﻖ ،ﻗﻮﺷﺎﻕ ،ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ،ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ
­ ­ 247ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ­ﻳﻮﻕ؟ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﺪﻯ» .ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ »ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﻪﻫﺪﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ» .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ
ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩﯨﻤﯘ .ﻗﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭ »ﺩەﯞﺍﻻﺭﻏﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ
ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﻫﯚﻛﯜﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﯩﺴﻨﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻘﺎ ﺋﺎﻏﯩﺰﺍﻛﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞە ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﻫﯘﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻟﯘ ﺧﺎﻧﯩﺶ ﯞە ﺧﻪﻥ
ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ» .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە» :ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺋﯜﻛﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﺲ ﺧﺎﻧﻰ ﺑﻰ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮔﻮ ﺧﯧﯔ
ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻧﯚﻛﯩﺮﻯ ﻟﻰ
ﻣﺎﯞﻏﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺗﻪﺑﺌﯩﻴﻜﻰ ،ﺑﯘ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ )ﻳﺎﻛﻰ ﮔﻮ ﺧﯧﯔ( ﺳﯩﺰﻏﺎﻥ .ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ،
»ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«ﺩە» :ﺋﯘﻳﺴﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺳﺎﻛﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﻰ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﻫﯘﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭﺳﯩﻼ ،ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ
ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﺋﯘﺯﯗﻕ­ ﺗﯜﻟﯜﻙ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ،
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﯘﻳﺴﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﯞە ﻏﻪﺭﭘﺘﯩﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﻪﺕ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ؟ ﻧﯚﯞەﺗﺘﻪ
ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ­ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﺸﻪﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﻨﯩﭽﯩﺮەﻙ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ،ﻳﻮﻕ؟ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﻟﯩﻘﻤﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ
ﻫﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯘﺗﯘﻕ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﺎﻟﺪﺍﻣﯩﻼﺭ
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ­1941 .ﻳﯩﻠﻰ ﯞە ­1945 ~ 1944ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻰ
ﻛﯧﺴﻠﯩﻴﯧﯟ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﯚﻟﻜﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺑﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ
ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ­ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ .ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ
ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە » » « « ʎ ،«S» ،«Ρ» ،Yﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ،ﺑﯘ
­ ­ 248ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﯩﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪە ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ
ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ1924 .
~ ­1925ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮ ﻛﻮﺯﻟﻮﯞ ﻧﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ­16ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ » «Mﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ
ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﻫﻪﻡ ﺗﯧﮕﯩﺪە »؟ « ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺮﻻﻧﻐﺎﻥ ﻛﻮﺯﺍ ﻗﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ­1955 .ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻰ
ﭘﻪﺭﻟﻪ ﺑﺎﻟﻮﯕﺪﻭﺭﻭﺩﯨﻜﻰ ﻫﯘﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﮕﯩﺪە »؟ « ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﺗﺎﯞﺍﻕ ﻗﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ .ﻧﻮﻳﺎﻥ
ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺗﯧﮕﯩﺪە » ؟« ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﺗﺎﯞﺍﻗﻼﺭ ﻗﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ].[1
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ،ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﻪﺷﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﻧﯚﯞەﺗﺘﻪ ﻗﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ
ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﻪﻝ ﺗﻪﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ].[2
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻫﻪﻡ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
»ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە »ﺷﯩﺨﯧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ« ﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ» :ﺗﯩﻠﻪﻥ
ﺗﯧﻐﻰ )ﭼﯩﻠﻴﯩﺸﻪﻥ ﺗﯧﻐﻰ( ﺟﺎﯕﻴﯥ ،ﺟﻴﯘﭼﯜەﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﯨﻘﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯ
ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ،ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﯩﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﯩﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ .ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩەﺭەﺧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺳﻪﺗﺘﻰ .ﺋﻮﺕ­ﺳﯜﻳﻰ ﻣﻮﻝ،
ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ،ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﭼﺎﺭﯞﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺑﺎﭖ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ
)ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﭽﻰ ﺗﯧﻐﻰ ﺑﺎﺭ( ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ:
ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ،
ﺋﺎﯞﯗﻣﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﭼﺎﺭﯞﺍ­ ﻣﯧﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﭽﻰ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ،
ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﺪﻯ ﻗﯩﺰ­ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.
ﺩەﭖ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺗﻮﻗﯘﺷﺘﻰ« ﺑﯘ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﺪﯨﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­121ﻳﯩﻠﻰ )ﺧﻪﻥ ﯞﯗﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜەﻧﺸﯘ ­2ﻳﯩﻠﻰ( ﺧﻪﻥ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺗﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻐﻰ ﯞە ﺋﺎﻟﭽﻰ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ )ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﺎﻕ
ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻗﻮﺷﺎﻗﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞە ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ
­ ­ 249ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﻪﻡ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻫﻪﺳﺮەﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ
ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻗﻮﺷﺎﻕ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻗﯘﻳﯘﻕ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ
ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﯞە ﺭﯦﺌﺎﻝ ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ
ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.
ﺑﯘ ﻗﻮﺷﺎﻗﺘﯩﻜﻰ »ﺋﺎﻟﭽﻰ ﺗﯧﻐﻰ« ﺑﻠﻪﻥ »ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﺪﻯ ﻗﯩﺰ­ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﺋﺎﻟﭽﻰ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﭽﻰ ﺋﻪﯕﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪە
ﺋﯩﺪﻯ .ﻗﻮﺷﺎﻗﺘﺎ ،ﺋﺎﻟﭽﻰ ﺗﯧﻐﻰ ﺋﺎﻟﭽﻰ ﯞە ﺗﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻪ ﺳﯩﻤﻮﯞﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ »ﻗﯩﺰﻏﯘﭺ« ﮔﯜﻝ
ﭼﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯕﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ .ﻗﻮﺷﺎﻗﺘﺎ ،ﺋﺎﻟﭽﻰ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﮔﯜﺯەﻝ ﺋﺎﻟﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ
ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ» ،ﻗﯩﺰ­ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ« ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻰ ﯞە
ﺷﯚﻫﺮﯨﺘﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ .ﻗﻮﺷﺎﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﭘﺎﺳﺎﻫﻪﺗﻠﯩﻚ ،ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ
ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﺎﻫﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ
ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻼ ﺧﺎﻻﺱ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺟﻪﻧﯘﭖ ،ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭ­ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﺎﺯﻣﺎ
ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﯞە ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻫﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻳﻮﻕ .ﺟﻪﻧﯘﭖ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ
ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻤﯘ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ »ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە ،ﺟﯩﻴﻪﻧﯟﯗ
­26ﻳﯩﻠﻰ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­50ﻳﯩﻠﻰ( ﮔﯘﺍﯕﯟﯗﺩﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺑﯩﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﻮﯞﻏﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭼﺎﻟﻐﯘ
ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻫﻪﻡ ﺟﻴﻪﻧﯟﯗ ­28ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﯞەﺗﯩﭗ ﻗﯘﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﮔﯘﺍﯕﯟﯗﺩﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻘﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺧﯧﺘﯩﺪە:
»ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﻮﻏﯘﺷﺎﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻘﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻤﺎﻥ ،ﭼﺎﯓ،
ﻏﯘﯕﻘﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭼﯩﺮﯨﭗ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﯖﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﻼ،
ﻣﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﻯ .ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ،ﺟﻪﯕﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ
ﯞەﺯﯨﭙﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﭼﺎﯓ ،ﻗﯘﯕﻘﺎ ،ﺑﺎﻟﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻮﻗﺘﺎ ،ﻗﯩﻠﯩﭽﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ
ﺋﻪﯞەﺗﻤﯩﺪﯨﻢ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻫﯘﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻥ
­ ­ 250ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ،ﺑﯘ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭ­ ﻳﻮﻗﻠﯘﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ،ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮ­ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭ­ ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ
ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮەﻟﻪﻳﺪﯗ .ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ ﭼﯚﺭﻯ )ﻧﻪﻳﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭼﺎﻟﻐﯘ
ﺋﻪﺳﯟﺍﺏ ـ ـ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻦ( ﯞە ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺳﻪﻱ ﯞﯦﻨﺠﻰ )ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﺩەﻥ( »ﭼﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﯘﺩﺍﺭﻯ«
] [3ﺩﯦﮕﻪﻥ ،ﻳﻪﻧﻪ» :ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﻛﯧﭽﯩﭽﻪ ﻳﺎﯕﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ« ﺩەﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ .ﺳﻪﻱ ﯞﯦﻨﺠﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ
ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ» ،ﻫﯘﻥ ﭼﻪﯞەﻧﺪﺍﺯﻟﯩﺮﻯ« ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ،
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ].[4
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﯚﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﻨﯩﯔ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺏ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ،
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻛﻪﺷﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﭘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺟﻪﻧﯘﭖ ،ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ
ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ» ،ﻛﯧﻴﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺩﯗ ﺷﻴﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ«
ﺩﺍ؛ »ﺩﯗ ﺷﻴﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﻏﻘﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﭼﯚﺭﻯ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﻯ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯚﺭﯨﺴﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺟﯩﻦ
ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻟﻴﯘ ﺷﺎﯞ ﯞە ﺟﯩﯖﺠﯘ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﮕﻰ ﻟﻴﯘ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﭼﯚﺭﻯ ﭼﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﻫﻪﻡ »ﻗﯘﺭﯗﻝ ﺋﯩﭽﻰ­ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ« ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ »ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ« ،ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ].[5
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩەﺗﻠﯩﻚ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞە ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ
ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ
ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ .ﻧﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞە ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺕ ،ﻛﺎﻻ ،ﺑﯘﻏﯩﻨﯩﯔ
ﺑﯧﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ­ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﭘﺎﻻﺯ ،ﻣﯩﺲ ﺑﯧﺰەﻙ،
ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﯞە ﻛﯜﻣﯜﺵ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﭽﯩﻼﺭ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻧﻪﭘﯩﺲ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﻧﻮﻳﺎﻥ ﻳﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺑﺎﺭﻭﻟﺪ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ« ﺩﯨﻦ ﻻﻳﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺕ ﯞە ﺗﯚﮔﻪ ،ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ
ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺕ ،ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﻫﺮﯨﯟﺍ ﺷﺎﺭﭼﻪ؛ ­1ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﺴﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ
­ ­ 251ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺑﯧﺸﻰ؛ ­6ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻏﺎﭼﺘﯩﻦ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺕ ﯞە ﺑﯘﻏﺎ ﻫﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ،ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺕ ،ﻛﺎﻻ ،ﯞە
ﺑﻮﻏﺎ ﻫﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ،ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﻫﻪﻳﻜﯩﻠﻰ؛ ­12ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ
ﺗﺎﯞﺍﺕ ﺋﯚﺗﯜﻙ؛ ­23ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺑﯧﺸﻰ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯩﺲ ﺗﺎﯞﺍﻕ ،ﺗﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﻮﻳﯘﭖ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﺎﻝ
ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﺎﻻﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯜﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺭەﻛﻜﻪﭖ ،ﺭەﯕﮕﻰ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ
ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﻳﯩﭙﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ­6ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ
ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﭘﺎﻻﺯﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ 2.6ﻣﯧﺘﯩﺮ ،ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 1.59ﻣﯧﺘﯩﺮ ،ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺗﻮﻕ ﻗﻮﯕﯜﺭ ﺭەﯕﻠﯩﻚ
ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺟﯩﻴﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺗﻮﻕ ﻗﻮﯕﯘﺭ ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﺟﯩﻴﻪﻛﻨﯩﯔ ﭼﯚﺭﯨﺴﻰ ﻳﯧﺸﯩﻞ،
ﺳﯧﺮﯨﻖ ،ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﻳﯩﭙﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺟﯩﻴﻪﻛﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 28~24ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ
ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﺎﺗﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻪﺷﺘﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ .ﻛﻪﺷﺘﯩﺪە ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﻳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯜﭖ ﺩەﺭەﺥ،
ﺩەﺭەﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﻳﯩﭙﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ
ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺟﯜﭘﻰ ﺑﯘﻏﺎ ﺑﻠﻪﻥ ﻗﯘﺵ ،ﺑﻪﺵ ﺟﯜﭘﻰ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻛﯜﺯ ،ﻛﻪﺷﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ
ﻳﯧﺸﯩﻞ ،ﺳﯧﺮﯨﻖ ،ﺑﯧﻐﯩﺮﺭەﯓ ﯞە ﺗﻮﻕ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﻳﯩﭙﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﺕ ﭼﺎﺳﺎ ،ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﯞە ﻛﯩﺮﺳﯩﺖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ
ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .ﺗﺎﯞﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﻐﺎ ﻳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­3ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻗﺴﯚﻛﻪﯕﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞە
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ،ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﻪﺧﺴﻰ
ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ .ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ،ﺑﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ­6ﯞە ­23ﻧﻮﯗﺭﻟﯘﻕ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ
ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﻫﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ،ﻛﯜﻟﺮەﯓ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞە ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺋﺎﺩەﻡ ﻫﻪﻳﻜﯩﻠﻰ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺋﺎﻻﻫﯩﺪە ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ­25 ،ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯧﭽﻰ ﻗﯘﻳﯘﻕ،
ﻛﯚﺯﻯ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﯞە ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﻫﯘﻧﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪﺳﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻨﯩﯔ
ﻫﻪﻳﯟﯨﺴﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ].[6
ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﻯ ­1958ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﯩﻨﮕﯩﺮ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﻓﻪﻧﺠﯩﻴﺎﻳﺎﯞ ﻛﻪﻧﺘﺪﯨﺪﯨﻜﻰ
ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻖ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﯞە ﻫﺎﻟﻘﯩﺴﻤﺎﻥ ،ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮﺳﯩﻤﺎﻥ ﻣﯩﺲ
­ ­ 252ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ .ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺯﻭﯕﺰﯨﻴﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﯩﺪە
ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﭘﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ .ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﮔﯜﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺑﯩﺮ
ﺗﻮﭘﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ .ﻫﺎﻟﻘﯩﺴﻤﺎﻥ ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺯﯨﺮ ﮔﯩﺮەﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﮔﻤﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ
ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ .ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮﺳﯩﻤﺎﻥ ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﻧﻪﻳﭽﯩﺴﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﮔﯧﺌﻮﻣﯧﺘﯩﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻚ
ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ .ﻫﺎﻟﻘﯩﺴﻤﺎﻥ ﯞە ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮﺳﯩﻤﺎﻥ ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ »ﭼﺎﺗﻘﯘﺕ« ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﺗﻨﻰ
ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞە ﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﺑﻮﻳﯘﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ].[7
ﻳﻪﻧﻪ ­1962ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﺠﺎﯞ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺟﻰ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻥ ﺩەﯞﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﯩﺮ
ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻫﯘﻥ ﻣﯩﺲ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﻗﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﯩﺴﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻟﯜﻙ ﺑﯩﺮ
ﺑﯘﻏﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ .ﺋﯘﺩﯗﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ،ﺟﯜﻡ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻯ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺷﺎﺧﭽﯩﻼﺭﻏﺎ
ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ ،ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺑﯚﻟﻪﻛﭽﻪ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ،ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 16.7ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ،ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﻰ 9.5ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ
ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻟﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻏﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ .ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﯔ ،ﻛﯚﻛﺮﯨﻜﻰ
ﯞە ﺳﺎﻏﺮﯨﺴﻰ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 12.4ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ،،ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻘﻰ 10.3ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﻗﻮﻱ ﺑﯧﺸﻰ
ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ،ﺑﯚﺭە ﺑﯧﺸﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ،ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﯞە ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪﺭﻣﯘ
ﻗﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ].[8
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ­1950 ،ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻨﯩﯔ ﭼﺎﺧﺎﺭ ﺋﻮﯓ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺧﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﻧﺨﻮ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻥ
ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەﯞﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺟﯜﻡ ﺑﯘﻏﺎ ،ﺋﯜﭺ ﺑﯘﻏﺎ ،ﻗﻮﺵ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻚ ﯞە
ﺗﻮﺭﺳﯩﻤﺎﻥ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯩﺲ ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪﺭ ﻗﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻣﯩﺲ ﺑﯧﺰەﻛﻠﻪﺭ ﺗﯩﻚ ﺗﯚﺗﺒﯘﻟﯘﯓ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە
ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﺭ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ .ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ].[9
.2ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﯞە ﺩﺍﺧﺎﻧﻠﯩﻖ
»ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە » :ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ ­1 .ﺋﺎﻳﺪﺍ
­ ­ 253ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﻟﯩﻖ ﻧﻪﺯﯨﺮ­ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ­5 .ﺋﺎﻳﺪﺍ
ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺟﺪەﺭ ﺑﺎﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ،ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ­ ﺯﯨﻤﯩﻦ ،ﺟﯩﻦ­ ﺋﻪﺭﯞﺍﻫﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻧﻪﺯﯨﺮ­
ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ .ﻛﯜﺯﺩە ﺋﺎﺗﻼﺭ ﯞە ﭼﺎﺭﯞﺍ­ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮ­ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﻟﯧﻜﯩﻦ» ،ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺮﻯ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻥ
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ» :ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ،ﻧﻪﺯﯨﺮ­ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ
ﻫﻪﻡ ﺋﺎﺕ ،ﺗﯚﮔﻪ ﺑﻪﻳﮕﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﭼﺎﺗﺘﻰ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ» .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩﯨﻤﯘ» :ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ­1ﺋﺎﻱ ﯞە ­5ﯞە ­9ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ
ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ،ﻛﯚﻙ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻧﻪﺯﯨﺮ­ ﭼﯩﺮﺍﺩ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ
ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻧﻪﺯﯨﺮ­ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻫﻪﻡ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ
ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ،ﺋﺎﺕ ﯞە ﺗﯚﮔﻪ ﺑﻪﻳﮕﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﭼﺎﺗﺘﻰ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻼ ﻧﻪﺯﯨﺮ­ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻧﻪﺯﯨﺮ­
ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻼﺭ ،ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ­ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﯞە ﺟﯩﻦ­ ﺋﻪﺭﯞﺍﻫﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﺶ
ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﻪﺗﻨﻰ ﺩەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞە ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻼﺭ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﻛﺲ
ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ» .ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە» :ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺟﻪﺳﻪﺗﻨﻰ ﺩەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﭻ­ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺵ
ﻗﻪﯞەﺕ ﺗﺎﯞﯗﺕ ﻳﺎﺳﺎﭖ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯜﻟﯜﻛﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ­ ﻛﯜﻣﯜﺵ ،ﻛﯧﻴﯩﻢ­ﻛﯧﭽﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﻗﻪﺑﺮە
ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩەﺭەﺥ ﺳﺎﻧﺠﯩﺶ ،ﻫﺎﺯﺍ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﻛﯩﻴﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﯘﻝ­ ﺩﯦﺪەﻛﻠﯩﺮﻯ
ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟﻪﺗﺘﻰ .ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯚﻟﯜﻣﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ،ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﻳﯧﺘﻪﺗﺘﻰ« ﺩەﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﻧﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞە ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ
ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ­ ﻛﯚﻣﯜﺵ ،ﻛﯧﻴﯩﻢ­ﻛﯧﭽﻪﻙ ،ﺋﯚﺭﯛﻣﻪ ﭼﺎﭺ ﯞە ﺗﺎﯞﯗﺗﻼﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ
ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ .ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯧﻴﯩﻢ­ ﻛﯧﭽﻪﻙ ﯞە ﻗﻮﺭﺍﻝ­ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﺭﻭﻫﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ .ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﯟﯨﻨﯩﺶ ﺩەﻝ ﺭﻭﻫﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ
ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﺎﺷﺎﭖ ،ﻛﯧﻴﯩﻢ­ ﻛﯧﭽﻪﻙ ﯞە ﻗﻮﺭﺍﻝ­
ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯘﻝ­ ﺩﯦﺪەﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﻛﯧﻴﯩﻢ­
­ ­ 254ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻛﯧﭽﻪﻙ ،ﻗﻮﺭﺍﻝ­ ﺳﺎﻳﻤﺎﻥ ﯞە ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﯘﻝ­ ﺩﯦﺪەﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺩەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ» .ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ .ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭ ﯞە
You have read 1 text from Uyghur literature.
Next - Uy - 131 - 19
  • Parts
  • Uy - 131 - 01
    Total number of words is 3520
    Total number of unique words is 1611
    12.0 of words are in the 2000 most common words
    21.5 of words are in the 5000 most common words
    27.4 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 02
    Total number of words is 3469
    Total number of unique words is 1600
    12.8 of words are in the 2000 most common words
    21.5 of words are in the 5000 most common words
    27.1 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 03
    Total number of words is 3594
    Total number of unique words is 1477
    13.6 of words are in the 2000 most common words
    22.5 of words are in the 5000 most common words
    28.4 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 04
    Total number of words is 3589
    Total number of unique words is 1656
    12.6 of words are in the 2000 most common words
    21.0 of words are in the 5000 most common words
    27.6 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 05
    Total number of words is 3611
    Total number of unique words is 1453
    11.9 of words are in the 2000 most common words
    20.7 of words are in the 5000 most common words
    26.5 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 06
    Total number of words is 3640
    Total number of unique words is 1607
    11.8 of words are in the 2000 most common words
    20.4 of words are in the 5000 most common words
    26.4 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 07
    Total number of words is 3736
    Total number of unique words is 1688
    11.8 of words are in the 2000 most common words
    19.1 of words are in the 5000 most common words
    23.9 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 08
    Total number of words is 3577
    Total number of unique words is 1681
    12.1 of words are in the 2000 most common words
    20.8 of words are in the 5000 most common words
    27.7 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 09
    Total number of words is 3490
    Total number of unique words is 1537
    12.7 of words are in the 2000 most common words
    21.5 of words are in the 5000 most common words
    27.4 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 10
    Total number of words is 3600
    Total number of unique words is 1647
    11.7 of words are in the 2000 most common words
    19.9 of words are in the 5000 most common words
    25.6 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 11
    Total number of words is 3540
    Total number of unique words is 1574
    11.8 of words are in the 2000 most common words
    19.5 of words are in the 5000 most common words
    25.7 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 12
    Total number of words is 3693
    Total number of unique words is 1400
    13.9 of words are in the 2000 most common words
    22.1 of words are in the 5000 most common words
    27.6 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 13
    Total number of words is 3653
    Total number of unique words is 1500
    12.3 of words are in the 2000 most common words
    22.3 of words are in the 5000 most common words
    28.3 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 14
    Total number of words is 3516
    Total number of unique words is 1627
    12.1 of words are in the 2000 most common words
    20.2 of words are in the 5000 most common words
    25.9 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 15
    Total number of words is 3529
    Total number of unique words is 1573
    11.2 of words are in the 2000 most common words
    18.9 of words are in the 5000 most common words
    24.3 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 16
    Total number of words is 3541
    Total number of unique words is 1603
    11.1 of words are in the 2000 most common words
    18.8 of words are in the 5000 most common words
    24.1 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 17
    Total number of words is 3683
    Total number of unique words is 1576
    13.3 of words are in the 2000 most common words
    21.7 of words are in the 5000 most common words
    28.1 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 18
    Total number of words is 3599
    Total number of unique words is 1721
    11.3 of words are in the 2000 most common words
    19.2 of words are in the 5000 most common words
    25.2 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 19
    Total number of words is 3641
    Total number of unique words is 1699
    11.8 of words are in the 2000 most common words
    20.7 of words are in the 5000 most common words
    26.1 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 20
    Total number of words is 3505
    Total number of unique words is 1668
    12.6 of words are in the 2000 most common words
    20.4 of words are in the 5000 most common words
    25.5 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 21
    Total number of words is 1056
    Total number of unique words is 615
    19.7 of words are in the 2000 most common words
    29.9 of words are in the 5000 most common words
    36.2 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.