Latin
Total number of words is 3520
Total number of unique words is 1611
12.0 of words are in the 2000 most common words
21.5 of words are in the 5000 most common words
27.4 of words are in the 8000 most common words
Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
ads place
ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ
ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ­1986ﻳﯩﻠﻰ ­8ﺋﺎﻱ ­1ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ ­1 ،ﺑﺎﺳﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﯞە ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ :ﻟﯩﻦ ﮔﻪﻥ
ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ :ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺠﺎﻥ ﻫﯧﺰﯨﻢ ﻳﺎﯞﯗﺯ
ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻦ
ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ
ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ
ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ
ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺑﯩﺮﻯ
ﺑﻮﻟﯘﭖ،
ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ .ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﯩﺪە ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﻠﻤﯘ­ ﺧﯩﻞ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘﻻﺭ
ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻧﺪە ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺳﯘﺳﻼﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻫﯘﻥ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ،
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ،ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ،
ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ،ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞەﺯﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ
ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
»ﻳﯩﮕﯩﺮﯨﻤﻪ ﺗﯚﺕ ﺗﺎﺭﯨﺦ« ﺗﺎ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮە ﯞە ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻬﺎﻟﻼﺭ
ﻳﯧﺰﯨﻐﺎﻥ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﯩﻼ ﺗﻪﺳﺮﻯ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ،ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­4ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ
ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ،ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﻛﯚﭼﯜﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ
ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪە ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻫﯘﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ
ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ،ﯞﯦﮕﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ،ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩە ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ.
­ ­ 1ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ »ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ،ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ
ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ،ﺗﯜﺭﻛﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻟﻰ ﮔﻪﻧﻨﯩﯔ »ﺗﯜﺭﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« » ،ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« )ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ
ﺋﻪﺳﻪﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ
ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ .ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻫﯘﻥ ،ﺗﯜﺭﻙ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە »ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ
ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﻰ« » ،ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼ« » ،ﺗﯜﺭﻙ ﯞە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻻﺭ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﯞە ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ.
ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩە ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ
ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩە ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ .ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﻳﻮﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ
ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ،ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﯞە ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﻳﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﯧﺮەﻟﻪﻳﺪﯗ .ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﯞە ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ
ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯗ،
ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞە ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ،
ﺗﯚﯞەﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﻗﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
.1ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺶ ﺑﯩﻬﺎﺟﻪﺕ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ.
.2ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞە ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﺩﺍﯞﯗﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ »ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ – ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ« ﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ­ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
.3ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﻟﯘﻏﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ،ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ،ﻳﻪﺭ­ ﺟﺎﻱ ،ﺋﻪﻣﻪﻝ­ ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ
ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ »ﻳﯩﮕﯩﺮﯨﻤﻪ ﺗﯚﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ« » ،ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺭ« » ،ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« » ،ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ«،
»ﺟﯩﻨﻨﺎﻣﻪ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﭘﻼﻣﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
.4ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ
­ ­ 2ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ.
ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞە ﺋﯩﺴﯩﻢ­ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﯞە ﺗﻮﻏﺮﻻﺷﻘﺎ ﻣﻪﺯﻛﯜﺭ
ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﻯ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻤﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﻫﻪﻡ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺑﯘ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺧﻪﺕ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪە ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﻪﻥ.
ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﻢ ﺋﺎﺟﯩﺰ ،ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﻡ ﭼﻪﻛﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﺪە ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﻧﻮﻗﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ
ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ .ﺷﯘﯕﺎ ﺧﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﯞە ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ
ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ­ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
­2003ﻳﯩﻞ ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ
­ ­ 3ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ .ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­3ﺋﻪﺳﯩﺮ )ﻳﯧﻐﯩﻠﻠﯩﻖ
ﺩەﯞﺭﻯ( ﺩە ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ،ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­1ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﺯﺍﯞﺍﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﭼﻮﯓ
ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ ﯞە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 300ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺩەﯞﺭ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ .ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­3ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ
­5ﺋﻪﺭﺷﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﻪ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 200ﻳﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﯞە ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻏﺎﻳﻪﺕ
ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻫﻮﻥ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ­ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﯘﻳﻔﺎﯓ،
ﺷﯩﻴﻪﻧﺸﯜﻥ ﯞە ﺭﯗﯓ ،ﺩﻯ ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﻰ ،ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ،ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﻛﯜﺭەﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞە
ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­4ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ »ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ« ﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﺋﻪﺷﻜﺎﺭﯨﻼﭖ،
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­3ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩەﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ »ﺑﯚﺷﯜﻙ« ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺧﯧﺘﺎﯞ ﯞە ﺩﺍﭼﯩﯖﺸﻪﻥ )ﭼﯘﻏﺎﻱ ﺗﯧﻐﻰ( ﺗﯧﻐﻰ
ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺵ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ .ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ
­3ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ­ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ،ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺟﺎﻣﻪﺋﻪﺳﯩﺪە ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﻫﯘﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪە ﺋﯩﺪﻯ .ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­3ﺋﻪﺳﻪﺭﺩە ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ،ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­209
ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﯜﻣﻪﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ،ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ .ﺑﺎﺗﯘﺭ
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺩەﺭﯞﯨﺪە ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻟﯩﻴﺎﯞ
ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻐﯩﭽﻪ ،ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﭘﺎﻣﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﯩﮕﯩﭽﻪ ،ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﺎ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﭙﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﻧﻰ
­ ­ 4ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﯞە ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ،ﻗﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﯞە ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ،
ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺋﯘ ﻣﻪﻣﯩﻠﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﺷﯩﻤﺎﻟﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﺩﻯ.
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­4 ، ­3
ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﺳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﭼﯩﻦ ﺷﯩﺨﯘﺍﯓ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ
ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­221ﻳﯩﻠﻰ( ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ
ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﻳﯘﻗﻼﺷﺘﻰ .ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪە ،ﻫﯘﻥ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ
ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﭗ ،ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­174 ~ 203ﻳﯩﻠﻼﺭ( ﺭەﻫﺒﻪﺭﻟﯩﮕﯩﺪە ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﯧﺒﯩﻲ ،ﺳﻪﻧﺸﻰ،
ﺷﻪﻧﺸﻰ ﯞە ﺧﯧﺘﺎﯞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﭙﻼ
ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ
ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﯩﭙﯩﺪە ،ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﻫﯘﻥ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﻗﯘﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﯘﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻫﻪﻡ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﻤﺨﺎﭖ­
ﺩﯗﺭﺩﯗﻥ ،ﻣﻪﺷﯘﺕ­ ﺳﻪﺭﻧﺎﻕ ،ﻫﺎﺭﺍﻕ ،ﮔﯜﺭﯛﭺ ،ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺗﺎﻛﻰ ﺧﻪﻥ ﯞﯗﺩﻯ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ
ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­140ﻳﯩﻠﻰ( ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ
ﻗﯩﻠﯩﻠﭗ ،ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ،ﻫﯘﻥ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﻰ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ
ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﺩﻯ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­51ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ،ﻫﯘﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﮔﻮﺭﻭﻫﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺵ ﯞە ﻧﯩﺰﺍ ﻳﯜﺯ
ﺑﯧﺮﯨﭗ» ،ﺑﻪﺵ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ« ،ﻫﯘﻧﻼﻧﺮﯨﯔ ﺋﯩﭽﯩﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻫﺎﻻﻛﻪﺕ
ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﻮﻻﺷﭽﻰ ﻗﻮﻏﯘﺷﺎﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺟﯩﺨﯘﺷﺎﻥ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­31 ~ 58
ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ( ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﯞە ﻳﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ
ﻫﺎﻻﻛﻪﺕ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪە ﻫﯘﻥ ﻗﻮﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﻰ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ
­ ­ 5ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ
ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻞ
ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯛﭖ ﯞە ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ،
ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ،
ﻓﯧﺪﺋﻮﻟﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﻯ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­48ﻳﯩﻠﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻙ ﺋﯘﻛﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﺴﺨﺎﻥ ﺑﻰ
)ﻗﯘﻏﯘﺷﺎﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺭﯞﺭﯨﺴﻰ( ﺧﻪﻥ ﺧﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﯘﺷﺎﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ )ﺑﻪﺵ ﺷﯩﻠﻮﺷﻴﻮﺗﻰ
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ( ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭەﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﺟﻪﻧﯘﭖ­ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻥ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﻰ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﯞە ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪە ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ
ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﯞە ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ­ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­73ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻫﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ .ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ
­89ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻲ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ،
ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺲ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﻰ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻥ
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻫﯘﺟﯘﻣﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﭼﻮﯓ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ­ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞە ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻤﯘ­ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺍﻗﺘﺘﯩﻖ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻫﯘﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­91ﻳﯩﻠﻰ
ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﻫﯘﻥ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ
ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ 100ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻫﺎﻟﻪ ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻼﺭﻏﺎ
ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ..
­ ­ 6ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­188ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﭼﺎﻧﭽﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ
ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ .ﭼﺎﻧﭽﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﯜﻓﯘﻟﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﭼﺎﻧﭽﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘﺑﯘ ﺗﯘﻗﯩﻘﯘﺕ
ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻳﯜﻓﯘﻟﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ،ﺷﻪﺧﺴﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻟﻮﻳﺎﯕﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ
ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ،ﺑﯘ ﺩەﻝ ﺧﻪﻥ ﻟﯩﯖﺪﻯ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­1ﻳﯩﻠﻰ( ﻫﻪﻡ
ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﭘﺎﺭﺗﻼﭖ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﭽﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ
ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﭗ ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﯞەﺯﯨﻴﺘﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ
ﺗﯩﺰﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺪﻯ .ﺑﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﺵ ﯞە ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯜﻓﯘﻟﯘ ﻗﻮﯞﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ
ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺧﯧﺪﻭﯓ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﯖﻴﺎﯓ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪە )ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﻪﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﻟﯩﻨﻔﯧﻦ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ( ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ
ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻳﯜﻓﯘﻟﯘ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­195ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺧﯘﭼﯘﭼﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ
ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﯩﺪەﻛﻼ ﭘﯩﯖﻴﺎﯓ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­202ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﯞﺳﺎﯞﻏﺎ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻫﯘﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ­3ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە )ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻖ ﺩەﯞﺭﻯ( ﭼﻮﯓ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﯞە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﺎﺵ
ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ،ﻣﺎﺩﺩﻯ ﻣﻪﺩەﻧﻴﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺩەﯞﺭﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩەﻡ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ .ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ
ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ.
ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﺘﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﻝ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﯩﻤﯘ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ،ﻗﻮﻝ
ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻤﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻣﯩﺴﻜﻪﺭﻟﯩﻚ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺯەﺭﮔﻪﺭﻟﯩﻚ ،ﺳﺎﭘﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﮕﯩﺮﺍ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ،ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﺩﯨﻦ
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﻴﺎﯕﻼﺭ ،ﺋﻮﻏﺎﻧﻼﺭ ﯞە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﻗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺗﺎﻻﺵ­ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯩﺮﻗﻰ
ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﺮﻗﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﻠﯘﻗﻰ ﺗﯧﺨﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﻤﯩﺪﻯ .ﻧﯚﯞەﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺗﯧﺨﯩﻐﯩﭽﻪ
ﺗﯩﺮﻛﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺸﯩﻐﺎ
ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯩﺮﻗﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﭼﻮﯓ.
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺩەﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ
­ ­ 7ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﯧﺨﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﻤﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ
ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ.
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺭﭖ­ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﺴﻪ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ
ﺋﯚﻟﺴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ،ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﺴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﺷﯘﯕﺎ ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ
ﻛﯚﭖ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ.
ﺧﻪﻥ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﮔﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﯞﯦﻲ ،ﺟﯩﻦ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﯞە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ
ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ .ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ»ﺗﻮﻏﺎ« ﯞە ﻟﻮﺷﯜﻱ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ،ﺗﻮﺑﺎ ﻫﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ
ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ­ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻪﻧﺸﻰ ،ﺷﻪﻧﺸﻰ ،ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ،ﮔﻪﻧﺴﯘ ﯞە ﭼﯩﯖﺨﻪﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯞﯦﻲ ،ﺟﯩﻦ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﯞە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻖ ﺩەﯞﺭﻯ،
ﭼﯩﻦ ،ﺧﻪﻥ ﺩەﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻫﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭەﻟﻤﯩﺪﻯ .ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ )ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭ ،ﺗﻮﻏﺎ ،ﻟﻮﺷﯜﻱ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ،ﺗﻮﺑﺎﻻﺭ( ﺑﯩﺮ­ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞە ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ،ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﺪﻯ ،ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﺪﻯ .ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ­ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ
ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺩەﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺩەﻝ
ﻫﯘﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ.
ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯩﺮ »ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ« ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﯩﺪە ﺋﯘﻧﻰ
ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ.
ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ .ﺑﯩﺮ ﻗﻪ ﺩەﺭ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ
ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭ ­18ﺋﻪﺳﺮﯨﺪە ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﯘﻳﮕﯧﻨﯩﺲ ) ( J . Degiogmesﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﻫﯘﻧﻼﺭ ،ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ،
ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﯞە ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« )ﻳﺎﻛﻰ »ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ(
ﺩﯗﺭ ­1917 ① .ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺑﯧﺮﻧﯩﺸﺘﺎﻡ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ« ② ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺰﯨﻢ – ﻟﯧﻨﯩﻨﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺩﺭ
ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﺎﻫﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ »ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﯞە ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻧﻮﻗﺘﯩﺌﯩﻨﻪﺯەﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ« ③ ﺩەﻳﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ
­ ­ 8ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪە ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞە ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ
ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞەﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
– 60ﯞە ­70ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ،ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﮔﯘﻣﯩﻠﯧﻴﯟ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ­ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ
ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ »ﻫﯘﻧﻼﺭ – ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ« ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ »ﻫﯘﻧﻼﺭ – ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ – ­3
ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ­6ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﯞە ﻳﺎﻳﻼﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ« ④ ﺩﯗﺭ .ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴﯩﻐﺎ
ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻖ ﺩەﺭﯞﺭﻯ ،ﭼﯩﻦ ،ﺧﻪﻥ ﺩەﯞﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﺴﯩﺪە ﯞﯦﻲ ،ﺟﯩﻦ ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﯞە
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺩەﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩە ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻮﻝ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﻪﯕﻠﯩﻚ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ
ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻰ ﻛﻮﺯﻟﻮﯞ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ
)ﺋﻮﻻﻧﺒﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ 70ﻣﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ( ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﺘﻰ .ﻛﻮﺯﻟﻮﯞ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ
»ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ« ) ﻧﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ(⑤
ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻫﻪﻝ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﻪ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﻮﺯﻟﻮﯞ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ،
ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ) ­1932ﻳﯩﻠﻰ( ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻧﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ
ﺗﯩﺮﯦﯟﯦﺮ ﻟﯧﻨﯩﻨﮕﯩﺮﺍﺩﺗﺎ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ » ­1925­1924ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ« ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ
ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﻪﻣﺪەﭘﻨﻪ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﻫﻪﻡ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ
ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﻟﯩﻤﯩﺪﻯ .ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ
ﻣﯧﻴﻴﯜەﻥ ﻣﻮﺟﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻧﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺳﯜﺭەﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ» ،ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ
ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ« ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ­1960 ،ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻮﻛﻴﻮﺩﺍ ﻳﺎﭘﯘﻧﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ.
ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻫﯘﻥ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻴﯩﺴﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ
ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ­19 .ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﻰ­ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ
­ ­ 9ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻏﯩﻼ ﺗﺎﻳﯩﻨﺎﺗﺘﻰ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ­19ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ
ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ ﺭﺍﻳﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ ­1924 .ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻮﺯﻟﻮﯞ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ
ﻧﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺱ .ﺩﻭﺭﺟﻰ ﺳﻮﺭﯗﯓ ﯞە ﺥ .ﭘﻪﺭﻟﻪ
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻮﻳﺎﻥ ﺗﯧﻐﻰ ﯞە ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ،ﻫﯘﻥ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ
ﻗﺎﺯﺩﻯ ﯞە ﻗﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺱ .ﺩﻭﺭﺟﻰ ﺳﻮﺭﯗﯓ ­1961ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻻﻧﺒﺎﺗﯘﺭﺩﺍ ﻧﻪﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﺪﺭﯗﻏﺎﻥ »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ
ﻫﯘﻧﻼﺭ« )ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ،ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ
­20ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ­50ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ ﯞە ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺗﯧﺮﺭﻭﺗﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ
ﻳﯜﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻫﯘﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﯞە ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ
ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺥ .ﭘﻪﺭﻟﻪ ­1957ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻻﻧﺒﺎﺗﯘﺭﺩﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﺭﯗﻏﺎﻥ »ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ«
ﯞە »ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩەﺗﺨﺎﻧﯩﺴﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭ­ ﻗﻪﻟﺌﻪﻟﯩﺮﻯ ﯞە
ﺋﯩﺒﺎﺩەﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ.
ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﻛﯧﺮ ) ­E. H. ParKer) 19ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ
ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ⑥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎ ﺩﯗەﻧﻠﯩﻦ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ
»ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ .ﺗﯚﺕ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﭼﺎﻻ
ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻠﻼﺭ
ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ
ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﯧﻜﮕﻮﯞﺭﯨﻦ ) ­W.M. M. cGowern) 1939ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ
ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ⑦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺯﻭﺭ ﺋﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ .ﭼﯜﻧﻜﻰ،
ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﺍ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﯞە ﻳﺎﯞﻭﺭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ
ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ .ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­91ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­371ﻳﯩﻠﻰ ﺩﻭﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ
ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺘﯩﭗ ،ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﻭﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ­ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﯩﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻐﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ .ﺷﯘﯕﺎ،
­ ­ 10ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻣﯧﻜﮕﻮﯞﺭﯨﻨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﻪﻣﻤﺎ
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­374ﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﭖ ،ﮔﻮﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻗﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ
ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺑﯘ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯚﭼﯜﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ­5 ،ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ
ﻫﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﻳﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎﻥ
ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ­ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ،ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ »ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺦ« ﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺑﯘ ﺑﯚﻟﻪﻙ
ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﮕﻪ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﯩﺘﻰ
ﻳﻮﻕ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺟﯔ ﺟﯜﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﯟﯦﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻧﯧﻴﺘﯩﻴﻪﻥ ﺟﯩﻨﻔﯧﯔ ­1975ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻮﻛﻴﻮﺩﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ .ﻫﯘﻧﻼﺭ«
ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ،ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ،ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ،ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ
ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ ﯞە ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﺗﯩﭙﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻨﻐﺎﻥ .ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺑﺎﭖ ﺋﺎﺟﯩﺮﺗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﺎﺋﯧﻨﭽﯧﻦ ﺧﯧﻠﻔﯧﻦ ) (Maenchen HeLJen .Qtto.Jﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ«⑧ ﯞە
ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻓﯩﺮﺍﻧﯩﺰ ﺋﺎﻟﭽﯧﺌﯩﻢ )(Franz Altheimﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﻫﻪﺭﯨﺮﻟﯩﻜﯩﺪە ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ
ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻪﺵ ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ »ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«⑨ ­70ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ )ﻫﻪﻡ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ( ﻫﯘﻥ
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺯﻭﺭ ﻫﻪﺟﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯗﺭ .ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴﻰ 600ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﻪﺕ ،ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﺴﻰ 2000ﺑﻪﺗﻜﻪ
ﻳﯧﻘﯩﻦ ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﻟﯩﻚ .ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﻗﻰ ،ﺋﯩﮕﻠﯩﻜﻰ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ،
ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ،ﺗﯩﻠﻰ ،ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ،ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ،ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ،ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﯞە ﺑﺎﻳﻠﻘﻠﯩﺮﻯ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ
­1ﺗﻮﻣﯩﺪﺍ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻰ ﯞە ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ­2 ،ﺗﻮﻣﯩﺪﺍ ﺋﯩﺮﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻔﺘﺎﻟﺘﻼﺭ)ﺋﺎﻕ ﻫﯘﻧﻼﺭ(،
­3ﺗﻮﻣﯩﺪﺍ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﯞە ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ­4 ،ﺗﻮﻣﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭ­5 ،ﺗﻮﻣﯩﺪﺍ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﯞە ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ
ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩە ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﯩﻨﮕﻮﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ­1983ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺯﮔﯩﭽﻪ
­ ­ 11ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 160ﭘﺎﺭﭼﻪ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە
­1949ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﭘﺎﺭﭼﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ .ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ(1) :ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﯞە ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ؛ )(2ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ؛ )(3ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ ﯞە ﺋﯘﻻﻧﯩﯔ ﯞﯦﻨﮕﯩﺮﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ،
ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ؛ )(4ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻯ ﯞە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ؛ )(5ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻪﺭ؛ )(6ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﻰ ﯞە ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ؛
)(7ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﯘﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞە ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ؛ )(8ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ
ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ .ﻣﺎﭼﺎﯕﺸﯘ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﻼﺭ ﯞە ﻫﯘﻧﻼﺭ« ⑩ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺶ
ﺩﺍﺭﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻫﻪﺟﯩﻤﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﺎﺭ .ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ
ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ .ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯔ ﺧﻪﺕ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،
ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﻗﻰ ،ﺗﯩﻠﻰ ،ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ 30ﻣﯩﯔ ﺧﻪﺗﻜﯩﻤﯘ
ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ .ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻤﯘ 15ﻣﯩﯔ ﺧﻪﺕ ﺋﯚﭘﭽﯚﺭﯨﺴﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺋﯩﺮﻗﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﻰ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﯨﻐﺎ 30ﻣﯩﯔ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪﻫﭙﻪ ﺋﺎﺟﯩﺮﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ .ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻫﯘﻥ
ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺘﻘﯩﻦ ،ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻮﻗﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ
ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞەﻥ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﭼﯜﻧﻜﻰ
ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ،ﻟﯧﻨﯩﻨﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻨﻪﺯەﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ
ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ )ﻣﺎﭼﺎﯕﺸﯘ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ­1954ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ
ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ( .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﻼﺭ ﯞە ﻫﯘﻧﻼﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯨﺖ ﯞە ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ
ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺰﯨﻤﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞە ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻟﮕﻪ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
­ ­ 12ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﯞە ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ
ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺯﻭﺭ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ
ﯞەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩەﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ
ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ،ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ
ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ،ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻏﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞە ﻣﻪﺩەﻧﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞە ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ .ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ
ﺟﻪﻧﯘﭖ­ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ،ﭼﻮﯓ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ،ﻗﺎﻻﻕ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﯞە ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ­ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻴﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺗﯚﻫﭙﯩﺴﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­1ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻮﻏﯘﺷﺎﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ
ﺟﯩﻨﺨﯘﺷﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩەﻡ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺸﯩﺶ ،ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ
ﭼﻮﯓ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ­ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ ،ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ
ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺭەﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ
ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ­ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ
ﻫﻪﻡ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﯞە ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ
ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﯘﯕﮕﯘﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺭﻭﻫﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ
ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ .ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ­1ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﯓ ﺟﺎﯞﺟﯜﻧﻨﯩﯔ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ
ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﯞە ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﯞە ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﺍﯕﻖ
ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﻫﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻟﯩﺸﻰ ﻫﻪﻡ
ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ،ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻴﺎﻟﯩﺸﻰ ،ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﯩﺸﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﯩﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩەﯞﺭﯨﮕﻪ
­ ­ 13ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ،ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﯞە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ .ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ
ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ
ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯨﭻ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻥ ﯞە »ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﺍﻟﯩﻐﺎﻥ« .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ
ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ )ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﻧﺎﻥ ،ﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﺪەﻙ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﻙ
ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ( ﯞە ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﯞە ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ
ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞەﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ
ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺷﻪﺭﻕ ،ﻏﻪﺭﭖ ،ﺟﻪﻧﯘﭖ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ،ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ
ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﯘﺩﺭەﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ،
ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﺳﺎﺩﺩﯨﭙﯩﻴﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻫﯘﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ – ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺸﻰ ﺋﯩﮕﻪ
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﯞە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺸﻰ ﯞە ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﯩﺪﯨﻜﻰ
ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻫﯘﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﯞە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻫﺎﻟﯩﺘﻰ ﻫﻪﻡ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ
ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ،ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞەﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ
ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ،ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ،ﺋﻮﻏﺎﻥ ،ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﻰ ،ﺟﻮﺭﺟﺎﻥ ،ﺗﯜﺭﻙ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ،ﻗﯩﺘﺎﻥ ،ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﯞە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ .ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﻍ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ
ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ،ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻰ ﯞە ﺑﺶ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ
ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ
ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺵ
ﻛﯚﺗﻪﺭﮔﻪﻥ .ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭەﻛﻜﻪﭘﻠﯩﻜﻰ ﯞە ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ
ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ
ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ،ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ،ﺭﺍﯞﺍﺟﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞە
ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﻰ ،ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﯞە ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭ­ ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ
ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﯞە ﺷﻪﺭﺕ­ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ
­ ­ 14ﺑﻪﺕ


ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ
ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،ﺭﯞﺍﺟﺎﻟﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﯩﻜﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ،ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻫﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻤﯘ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﻘﺎﻧﺪﺍ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ
ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﻪﺭﮔﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﯞە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ .ﺷﯘﯕﺎ ،ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ
ﯞە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ
ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ ﺑﻮﻻﻟﯩﺸﻰ ﺷﯚﻫﺒﯩﺴﯩﺰﺩﯗﺭ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ،ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﻫﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ
ﺋﯩﮕﻪ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ،ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ
ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ،ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﯞە ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،ﭼﻮﯓ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻤﯘ ­1921ﻳﯩﻠﻰ
­7ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﯞە ﺋﯩﺪﻯ .ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﺩە
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯘ ﯞەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ .⑾ .ﺷﯘﯕﺎ،ﺋﯩﭽﻜﻰ
ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﯞە ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺨﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﭽﻜﻰ
ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﯞە ­1921ﻳﯩﻠﻰ ­7ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺭﺍﻳﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ­ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ
ﯞە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ،ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻖ ﺩەﯞﺭﻯ ﯞە ﭼﯩﻦ­ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ
You have read 1 text from Uyghur literature.
Next - Uy - 131 - 02
  • Parts
  • Uy - 131 - 01
    Total number of words is 3520
    Total number of unique words is 1611
    12.0 of words are in the 2000 most common words
    21.5 of words are in the 5000 most common words
    27.4 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 02
    Total number of words is 3469
    Total number of unique words is 1600
    12.8 of words are in the 2000 most common words
    21.5 of words are in the 5000 most common words
    27.1 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 03
    Total number of words is 3594
    Total number of unique words is 1477
    13.6 of words are in the 2000 most common words
    22.5 of words are in the 5000 most common words
    28.4 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 04
    Total number of words is 3589
    Total number of unique words is 1656
    12.6 of words are in the 2000 most common words
    21.0 of words are in the 5000 most common words
    27.6 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 05
    Total number of words is 3611
    Total number of unique words is 1453
    11.9 of words are in the 2000 most common words
    20.7 of words are in the 5000 most common words
    26.5 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 06
    Total number of words is 3640
    Total number of unique words is 1607
    11.8 of words are in the 2000 most common words
    20.4 of words are in the 5000 most common words
    26.4 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 07
    Total number of words is 3736
    Total number of unique words is 1688
    11.8 of words are in the 2000 most common words
    19.1 of words are in the 5000 most common words
    23.9 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 08
    Total number of words is 3577
    Total number of unique words is 1681
    12.1 of words are in the 2000 most common words
    20.8 of words are in the 5000 most common words
    27.7 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 09
    Total number of words is 3490
    Total number of unique words is 1537
    12.7 of words are in the 2000 most common words
    21.5 of words are in the 5000 most common words
    27.4 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 10
    Total number of words is 3600
    Total number of unique words is 1647
    11.7 of words are in the 2000 most common words
    19.9 of words are in the 5000 most common words
    25.6 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 11
    Total number of words is 3540
    Total number of unique words is 1574
    11.8 of words are in the 2000 most common words
    19.5 of words are in the 5000 most common words
    25.7 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 12
    Total number of words is 3693
    Total number of unique words is 1400
    13.9 of words are in the 2000 most common words
    22.1 of words are in the 5000 most common words
    27.6 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 13
    Total number of words is 3653
    Total number of unique words is 1500
    12.3 of words are in the 2000 most common words
    22.3 of words are in the 5000 most common words
    28.3 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 14
    Total number of words is 3516
    Total number of unique words is 1627
    12.1 of words are in the 2000 most common words
    20.2 of words are in the 5000 most common words
    25.9 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 15
    Total number of words is 3529
    Total number of unique words is 1573
    11.2 of words are in the 2000 most common words
    18.9 of words are in the 5000 most common words
    24.3 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 16
    Total number of words is 3541
    Total number of unique words is 1603
    11.1 of words are in the 2000 most common words
    18.8 of words are in the 5000 most common words
    24.1 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 17
    Total number of words is 3683
    Total number of unique words is 1576
    13.3 of words are in the 2000 most common words
    21.7 of words are in the 5000 most common words
    28.1 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 18
    Total number of words is 3599
    Total number of unique words is 1721
    11.3 of words are in the 2000 most common words
    19.2 of words are in the 5000 most common words
    25.2 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 19
    Total number of words is 3641
    Total number of unique words is 1699
    11.8 of words are in the 2000 most common words
    20.7 of words are in the 5000 most common words
    26.1 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 20
    Total number of words is 3505
    Total number of unique words is 1668
    12.6 of words are in the 2000 most common words
    20.4 of words are in the 5000 most common words
    25.5 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 131 - 21
    Total number of words is 1056
    Total number of unique words is 615
    19.7 of words are in the 2000 most common words
    29.9 of words are in the 5000 most common words
    36.2 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.