Latin
Total number of words is 3586
Total number of unique words is 1775
23.2 of words are in the 2000 most common words
33.6 of words are in the 5000 most common words
38.8 of words are in the 8000 most common words
Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
ads place
بولدى .ماڭا يېڭى يىللىق سوۋغات قىلىپ بىر يۈرۈش سۇ بوياق ئېلىپ بەردى .فېۋرالدىكى ئىككى
ھەپتىلىك تەتىلدە رەسىم سىزىشنى مەشىق قىلىمەن.

يېڭى يىلدا پۈتۈن ئائىلەڭلەرگە بەخت تىلەيمەن.

ئەخمەت تارباي
-1699يىلى -1يانۋار ،ئىستانبۇل

بولۇمسىز قىز

قەدىرلىك ساۋاقدىشىم ئەخمەت:

ئالدى بىلەن ساڭا ھېكمەت توغرۇلۇق خەۋەر بېرەي .ھېكمەت مەكتەپكە كېلىشكە باشلىدى.
دادىسى ئاپىسى بىلەن يارىشىپ قاپتۇ ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بەكمۇ خۇشال.

يەنە بىر خەۋەرنى ئېيتاي ،ماڭا ئەۋەتكەن خەتلىرىڭنى توپالپ ھەممىسىنى چېسالسى بويىچە
رەتلەپ چىقتىم .بۇ ئىشنى ئۆز ئەقلىم بىلەن قىلغىنىم يوق .قارا ،قانداق بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي.
66


بىزنىڭ ئۆيدە مېنىڭ يەنە بىر ئىسمىم «بولۇمسىز قىز» .ئاپام ،دادام ،ھەدەملەر مېنىڭ رەتسىزلىكىمنى،
بىپەرۋالىقىمنى ئەيىبلەيدۇ .رەتلىك بولۇشقىغۇ قىزىقىمەن ،بىراق قولۇمدىن كەلمەيدۇ.

يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ،تاپشۇرۇق دەپتىرىمنى نەگە قويغىنىمنى بىلمەي ،ئۆينىڭ ئىچىنى
ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋاتاتتىم ،ئاپام« :قىزىم ،ساڭا نېمە بولدى؟ تۇتقانلىكى نەرسەڭنى يوقىتىسەن...
» دەپ كايىپ كەتتى.

ئۆز-ئۆزۈمگە« :مەن نېمىشقا شۇنداق؟ » دەپ بىئارام بولۇپ تۇرسام ،داداممۇ كايىشقا
باشلىدى .بوۋام بىلەن مومام بىزنىڭ ئۆيدە ئىدى ،ئۇالرمۇ چېچىالڭغۇلۇقۇمدىن ئاغرىنىشتى ،ھەدەممۇ
ئۇالردىن قېلىشمىدى .پەقەت مەتىن مەن تەرەپ بولغاچقا ،يېنىمغا كېلىپ:
-بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ئادەم ئۆزىنىمۇ يىتتۈرۈپ قويىدۇ - ...دېدى.

ھەممەيلەننىڭ بەس-بەستە ئەيىبلەپ كېتىشلىرى ماڭا شۇنچىلىك ئېغىر كەلدىكى ...دەرھال
ئۈستىلىمنى ،كىتابلىرىمنى ،ھۇجرامدىكى نەرسە-كېرەكلىرىمنى رەتلەشكە باشلىدىم .ئۈستىلىمنىڭ
تارتمىسىدىن ،كىتابلىرىمنىڭ ئارىسىدىن بىر تال لەۋ گىرىمى ،ئىككى ئاتكىرتكا ۋە ئەرلەرنىڭ بىر پاي
پايپىقى چىقتى .بۇالرنىڭ ئېلىپ مېھمانخانىغا كىردىم .ئۇالر مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ تېخىچە مېنى
ئەيىبلىشىۋاتاتتى.بىر پاي ئەرلەر پايپىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ:
بۇ پايپاق كىتابلىرىمنىڭ ئارىسىدا تۇرىدۇ ،كىمنىڭ؟ -دەپ ۋارقىرىدىم.دادام ئاپامغا:
ھە ...تۈنۈگۈن ئەتىگەندە سەن ئىزدەپ تاپالمىغان پايپىقىم ئەمدى چىقتى -،دېدى. بۇ لەۋ گىرىمى كىمنىڭ؟ -دەپ سورىدىم ئارقىدىنال يەنە. قەيەردىن چىقتى؟ مەنمۇ ئۇنى ئىزدەپ تاپالماي تۇراتتىم -،دېدى ئاپام. بىرى ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇپتۇ... ھە ...ئۆتكەن كۈنى شۇ يەردە ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن-دە -،دېدى ئاپام.مەن ئاتكىرتكىالرنى كۆتۈرۈپ:
بۇالر كىمنىڭ؟ -دېدىم.ھەدەم شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى.
ئۇالرنى قەيەردىن ئالدىڭ؟ -دېدى ئۇ. بىرى كىتابلىرىمنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇپتۇ ،كەينىدىكى خەتلەرنى ئوقۇمىدىم -دەپئاتكىرتكىالرنى ئۇنىڭغا بەردىم.

ئۈستىلىمدە

ئاندىن دەرس تەكرارالش ئۈچۈن
تاپالمىغانىدىم ،ئاپام سەل ئاچچىقالپ:
يەنە نېمىنى ئىزدەۋاتىسەن؟ نېمەڭ يوق تۇرىدۇ؟ -دېدى. قەلىمىمنى كۆردۈڭالرمۇ؟ -دېدىم. بىر تال قەلىمىڭگە ئىگە بواللمايسەن -،دەپ ،ئاپامنىڭ ئېچىلدى ئاغزى ،يۇمۇلدى كۆزى. ھەي قىز ،سەن بولۇمسىزلىقىڭنى قاچان تاشاليسەن؟ -دېدى موماممۇ كايىپ. قىزىم ،ساڭا ھەممە نەرسەڭنى جاي-جايىغا قوي دەپ قانچە قېتىم ئېيتتىم؟ سەن زادى گەپئاڭلىمامسەن؟ -دېدى دادام.
ھەدەممۇ ئۇالرغا يان بېسىپ چىشىمغا تەگدى.
67

ئولتۇردۇم،

قېرىشقاندەك

قەلىمىمنى


ھازىرچە مېنىڭ قەلىمىمنى ئىشلىتىپ تۇر ،لېكىن بۇنىمۇ يوقىتىپ قويما يەنە! -دېدى ئۇ.ھەدەم قەلىمىنى ئاچىقىپ بېرىش ئۈچۈن ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىپ ،ئۇ يەردىن ۋارقىرىدى:
-مېنىڭ قەلىمىمنى كىم ئالدى؟ كۆرگەن كىشى بارمۇ؟

پەرىشان بولۇپ كەتكىنىمنى كۆرگەن مومام چاچلىرىمنى سىالپ:
قىزىم ،سەن دېمەتلىك قىزالر چوڭ بىر ئۆينى چۆرۈۋاتىدۇ .سەن بولساڭ تېخىچەدەپتەر-قەلىمىڭنىمۇ جايالشتۇرالماي يۈرىسەن ...چېچىالڭغۇلۇق ياخشى ئىش ئەمەس -،دېدى.
بىر ياقتىن ئاپام كوتۇلدىغىلى تۇردى:
-ئائىلىمىز بويىچە ھېچكىم بىپەرۋا ئەمەس ئىدى ،توۋا خۇدايىم ،بۇ قىز كىمنى دورىدىكىنتاڭ...

بۇالر بىزنىڭ ئۆيدە ھەمىشە ئاڭالپ كېلىۋاتقان سۆزلەر ئىدى ،ھازىر ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدىم .مەن
ھەممىدىن بەك بوۋامدىن تەپ تارتاتتىم ،مەنال ئەمەس ،ھەممەيلەن تەپ تارتاتتۇق .پېنسىيىگە چىققان
پولكوۋنىڭ بوۋام ناھايىتى قوپال ئادەم ئىدى ،ئاپام ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقاتتى ،داداممۇ تەپ
تارتاتتى.
-ھاياتلىقتا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەرتى تەرتىپلىك بولۇش -،دېدى بوۋام.

بوۋامنىڭ مىجەز-خۇيىنى ئۆتكەن قېتىمقى خېتىمدە ساڭا يازغانىدىم .ئۇ بىرىگە گەپ قىلدىمۇ،
جاۋابىنى ئالماي قويمايدۇ.

دەپ باققىنا ،مۇۋەپپەقىيەتنىڭ شەرتى نېمىكەن؟ -دەپ سورىدى ئۇ مېنىڭدىن. تەرتىپلىك بولۇش ،بوۋا. ئاپىرىن! ھەر نەرسىنىڭ قويىدىغان ئايرىم ئورنى بولۇشى كېرەك .قېنى ،نېمىسى بولۇشىكېرەك؟
ھەر نەرسىنىڭ ئورنى بولۇشى كېرەك. ئاپىرىن! قولۇڭنى ئۇزاتتىڭمۇ ،ئىزدىگەن نەرسەڭنى «شارتتىدە» قولۇڭغا ئالىسەن .قېنى ،دەپباققىنا ،قانداق قىلىدىكەنسەن؟
-قولۇڭنى ئۇزاتقان ھامان ئىزدىگەن نەرسەڭنى ئۆز جايىدىن ئاالاليسەن...

دادامنىڭ دېيىشىچە ،بوۋامنىڭ دېگەن ھەربىر سۆزىنى قايتۇرۇپ سورىشى ھەربىيلىكتە قېلىپ
قالغان ئادىتى ئىكەن .ئەرلەرگە دەرس بەرگەندەك گەپ قىلىشى ھەربىيلىكتە ئادەت بولۇپ قالغانمىش.

راست ئېيتىسىز -،دېدى دادام بوۋامغا -،مەن بىرەر نەرسەمنىڭ نەدىلىكىنى كۆزۈمنى يۇمۇپتۇرۇپ تاپااليمەن ،چۈنكى ھەممە نەرسەمنى بەلگىلىك يەرگە قويىمەن .قولياغلىقىمنىڭ ،چاقمىقىمنىڭ
قايسى يانچۇقۇمدا ئىكەنلىكىنى يادا بىلىمەن .پۇل قاپچۇقۇم ھەر دائىم بىر يانچۇقۇمدا تۇرىدۇ.
-ناھايىتى ياخشى ،مانا شۇنداق بولۇش كېرەك -،دېدى بوۋام.

مەتىن بىلەن ماڭا تەلىم بېرىش ۋە ئۈلگە بولۇشنى ئوياليدىغان دادام:
68


قاراڭالر ،ھازىر سىناپ باقايلى -،دېدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ كۆزلىرىنى يۇمدى -،ياخشىقاراڭالر ،كۆزلىرىم يۇمۇقلۇق ،نېمەمنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى تاپىمەن .چاقمىقىم ھەر دائىم پىنجىكىمنىڭ
سول تەرەپ پەستىكى يانچۇقىدا تۇرىدۇ ...ئىشەنمىسەڭالر قاراپ بېقىڭالر.

ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇپ ،سول قولىنى ئۆزى ئېيتقان يانچۇقىغا سالدى ،خېلى ئاختۇرۇپ چاقمىقىنى
تاپالمىدى.
بۇ قانداق گەپ؟ -دېدى بىر چاغدا ئۇ ئاچچىقالپ -،ھەيران قاالرلىق ئىشقۇ -...يانچۇقلىرىنىيەنە بىر ھازاغىچە ئاختۇرۇپ چاقمىقىنى تاپالمىدى ،ئاخىر چاندۇرماسلىق ئۈچۈن سۆزىنى
ئۆزگەرتتى -،مەسىلەن ،قەلىمىمنى ھەر دائىم قويىدىغان يېرىمدىن كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ
تاپااليمەن ...قەلىمىم كاستۇمۇمنىڭ سول تەرەپ قويۇن يانچۇقىدا تۇرىدۇ .ئىشەنمىسەڭالر قاراپ
بېقىڭالر...

لېكىن ،دادام ئوڭ قولىنى كاستۇمىنىڭ سول تەرەپ قويۇن يانچۇقىغا سېلىپال قەلىمىنى ئەمەس،
تېرمومېتىرنى ئالدى ۋە:
مانا دېمىدىممۇ -...دېگىنىچە كۆزلىرىنى ئاچتى-دە ،قولىدىكى تېرمومېتىرنى كۆرۈپ ھەيرانبولغىنىدىن ئاچچىق كۈلۈپ قويدى -،ئۆتكەندە مەتىن ئاغرىپ قالغانىدى ،ئەتىگەنلىكى ئىشقا
ماڭغۇچە قىزىتمىسىنى كۆرۈپ باققانىدىم .شۇ چاغدا تېرمومېتىر يانچۇقۇمدا قاپتۇ .ئەمدى خاتىرە
دەپتىرىمنى تاپاي ...خاتىرە دەپتىرىم ھەر دائىم كاستۇمۇمنىڭ مەيدە يانچۇقىدا تۇرىدۇ...

ئۇ يەنە كۆزلىرىنى يۇمۇپ قولىنى يانچۇقىغا سالدى-دە:
مەيدە يانچۇقۇم نەدە قالدى؟ -دەپ كۆزلىرىنى ئاچتى. ئۇ كاستۇمىڭىزنى ماشىنىچىغا ئۆرۈتكەنىدىڭىزغۇ -،دېدى ئاپام -،سول تەرەپتىكى مەيدەيانچۇق ئوڭ تەرەپكە ئۆتۈپ قالغىنىنى تېخىچە بىلمەيدىكەنسىز-دە؟

دادام ئۆزىنىڭ قىيىن ئەھۋالىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىرەر نەرسىنى بولسىمۇ ئۆز جايىدىن ئېلىپ
كۆرسەتمەكچى بولدى:
توغرا ،كىچىك خاتىرە دەپتىرىم ھەمىشە كاستۇمۇمنىڭ قولياغلىق سالىدىغان يانچۇقىدا ،يەنىمانا بۇ يەردە...

ئۇ ئۆرۈتۈپ تىكتۈرگەن كاستۇمۇمنىڭ ئوڭ تەرەپكە ئۆتۈپ قالغان مەيدە يانچۇقىدىن بىر غالتەك
يىپنى ئالدى.

چاقچاقچى بوۋام:
ئېيتىڭالرچۇ ،داداڭالرنىڭ خاتىرە دەپتىرى قەيەردىن چىقىپتۇ؟ -دېدى .بىز گەپ قىلغۇچە،ئاپام:
بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا كاستۇمۇمنىڭ سۆكۈلۈپ كەتكەن ئەستىرىنى تىككەنىدىم ،شۇچاغدا يىپنى يانچۇقىدا ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن-دە -،دېدى.

69


قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن دادام نېمىال بولسۇن يانچۇقىدىن بىر نەرسە تېپىش ئۈچۈن قولىنى
كاستۇمىنىڭ قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ سىنچىالپ ئاختۇرۇشقا باشلىدى .بوۋام:

-نېمانچە كواليسەن ،يانچۇقۇڭ تېشىلىپ كەتمىسۇن يەنە؟ -دېدى چاقچاق قىلىپ.

بوۋام قاتتىق كۈلگىنىدىن ئاخىر يۆتىلىپ ۋە ئۆزىنى ئاران بېسىۋېلىپ:
-پەلتويۇمنىڭ يانچۇقىدىن قولياغلىقىمنى ئېلىۋېتىڭالر ،ئوڭ يانچۇقىدا -،دېدى.

يۈگۈرۈپ بېرىپ كىيىم ئاسقۇچتىكى پەلتوسىنىڭ ئوڭ يانچۇقىغا قارىدىم ،قولياغلىق يوق ئىدى.
بوۋا ،ئوڭ يانچۇقىڭىزدا يوق ئىكەن... دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىمايسىلەر ...مەن ئوڭ يانچۇقتا دېمىدىم ،سول يانچۇققا قارا! سول يانچۇقىڭىزدىمۇ يوق... -يوق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ...پەلتونى ئەپكەل! قىرىق يىلدىن بېرى قولياغلىق شۇ يەردە...

پەلتوسىنى ئەپكەلدىم .ئىككىال يانچۇقىغا قاراپ قولياغلىقنى تاپالماي:
-بىرى قولياغلىقىمنى يانچۇقۇمدىن ئېلىۋاپتۇ -،دېدى.

بۇ چاغدا ئاپام يۈگۈرۈپ چىقىپ ،بىر پاكىزە قولياغلىقنى بوۋامنىڭ پەلتوسىنىڭ ئوڭ يانچۇقىغا
سېلىپ قويغانىدى ،بوۋام:
-ھە ،مەن دېدىممۇ ،مانا بۇ يەردە ئىكەن -،دېدى.

يۆتىلى توختىغان بوۋام ئۇ يەر-بۇ يېرىنى ئاختۇرۇپ تاماكا قۇتىسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن:
-ئەمدى تاماكا قۇتام يوققۇ؟ تاماكامنى كىم ئالدى؟ چاپسان تېپىڭالر! -دەپ ۋارقىرىدى.

بوۋامنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ،ھەممىمىز ئۆينىڭ ئىچىگە تارقىلىپ
تاماكا قۇتىسىنى ئىزدەشكە باشلىدۇق .شۇ ئەسنادا ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىنىپ ،دادامنىڭ قوشنىسى
ئەر-ئايال ئىككىسى كىرىپ كەلدى .ئۇالر بىزنىڭ ناھايىتى جىددىي ھالدا تاماكا قۇتىسىنى
ئىزدەۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ ،بىز بىلەن تەڭ تاماكا قۇتىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.

بىر چاغدا بوۋام غەزەپلەنگەن ھالدا:
-چاپسان تېپىڭالر تاماكامنى ،بولمىسا ئارىالشمايمەن-ھە! -دەپ ۋارقىرىدى.

دادامنىڭ دوستى ئۆز تاماكىسىنى سۇنۇپ:
-ھازىرچە بۇنى چېكىپ تۇرامسىز؟ -دېدى .لېكىن دېگىنىگە تويدى.

70


بوۋام تېخىمۇ ئاچچىقالپ ۋارقىراپ كەتتى:
-تاماكامنى چاپسان تېپىش!

مەتىن ئايالالرنىڭ بىر چۈپ پايپىقىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ:
بۇالر كىمنىڭ؟ -دەپ سورىدى. ۋىيەي ،ئۇزۇندىن بېرى ئۇنى ئىزدەپ يۈرەتتىم ،نەدىن تاپتىڭ؟ -دېدى ئاپام. بوۋامنىڭ تاماكا قۇتىسىنى ئىزدەۋاتسام ،ئاشخانىدىكى توڭالتقۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپتۇ -،دېدىمەتىن.

بوۋامنىڭ تاماكا قۇتىسىنى ئىزدەۋاتقاندا ،ئويلىمىغان يەردىن مۇھىم نەرسىلەر تېپىلىپ قالدى.

مېھمان خانىم سافانىڭ تېگىدىن رادىئونىڭ ئىسچوتىنى تېپىۋالدى.
-بىر ئايدىن بېرى بۇ ئىسچوتنى ئىزدەپ يۈرەتتىم -،دېدى دادام.

دادامنىڭ قەلىمى چىنە-قاچا جاۋىنىدىن چىقتى ،ئەخلەت ساندۇقىدىن خاتا تاشلىنىپ قالغان
پىچاق تېپىلدى.

كىم بىر نەرسىنى تاپسا« ،بۇ كىمنىڭ؟ بۇ كىمنىڭ» دەپ سورايتتى.

شۇ ئارىدا بوۋام:
يائالال ،بۇ قۇتىنى مېنىڭ تېگىمگە كىم تىقىپ قويغاندۇ؟ قۇتىنى مېنىڭ تېگىمگە تىقىپ قويغانقايسى ئەخالقسىز؟ -دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.

بوۋام بىز باياتىن ئىزدەۋاتقان قۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغانىكەن.

بوۋام ئاچچىقالپ بىر ھازا كوتۇلدىدى ،ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى...

مانا شۇ كۈندىكى گەپلەر ماڭا ئېغىر كېلىپ ،ھۇجرامنى باشتىن-ئاياغ رەتلىۋالدىم .راستىمنى
ئېيتسام ،ھەممە نەرسەم قااليمىقان ئىكەن .ئەمدى «بولۇمسىز قىز» دەپ ئەيىپلىنىشتىن
قۇتۇلماقچىمەن .سېنىڭ خەتلىرىڭمۇ ئۇيەر-بۇيەردە چېچىلىپ يېتىپتىكەن ،ئۇالرنىمۇ يىغىشتۇرۇپ
چىسالسى بويىچە بىر ئارخىپقا سالدىم.

ئۇ يەردىكى ساۋاقداشلىرىم ئىچىدە باشقىالرغا قارىغاندا سەندىن كۆپ خەت تاپشۇرۇۋالىمەن.
دېمىر بىلەن ياشارمۇ بىردىن ئاتكرىتكا ئەۋەتىپتىكەن ،ھەممىسىگە جاۋاب يازدىم.
71



پات-پات خەت يېزىپ تۇرغىن.

ساڭا مۇۋەپپەقىيەت تىلەپ:

زەينەب يالقىر
-1699يىل -2يانۋار ،ئەنقەرە

بىر سەت گەپ

قەدىرلىك ساۋاقدىشىم زەينەب:

بىز سېنى تۆت يىللىق ساۋاقداشلىقىمىز جەريانىدا سىنىپىمىزنىڭ ئەڭ تەرتىپلىك
ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى دەپ تونۇيتتۇق .شۇنداق تۇرۇقلۇق« ،بولۇمسىز» دېگىنىگە ھەيران بولدۇم.
بىزنىڭ ئۆيدە مېنىڭ ئىسمىممۇ «ئىقتىدارسىز» غا ئايلىنىپ قالدى .لېكىن ،مېنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىم
راست .ھەر كۈنى ناشتا قىلغاندا ،چاي ئىستاكىنىنى ئۆرۈۋەتمەي ئورنۇمدىن تۇرغان ۋاقتىم ناھايىتى
ئاز .لېكىن ،شۇنداق دىققەت قىلىمەنكى...

ئاپاڭنىڭ مەتىنگە ھەمىشە «ئاغزىڭغا ئوت ياقىمەن» دەيدىغانلىقىنى يازغانىدىڭ .ھەممە
ئانىالرنىڭ سۆزى شۇ ...مېنىڭ ئاپاممۇ سىڭلىم پاتوشقا ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىال شۇنداق دەيدۇ.
پاتوش تېخى مەكتەپكە كىرمىدى ،ئىككى يىلدىن كېيىن كىرىدۇ .مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ماڭىمۇ:
«ئاغزىڭغا ئوت ياقىمەن» دەيتتى .لېكىن ،ھېچقاچان بۇنداق قىلىپ باقمىدى .ئۆتكەندە ئاپام پاتوشقا
ناھايىتى خاپا بولۇپ« :ھېلى ئاغزىڭغا ئوت ياقىمەن» دەپ ۋارقىرىغانىدى ،پاتوش ،راستتىنال ئاغزىمغا
ئوت ياقىدىغان ئوخشايدۇ ،دەپ قاپتۇ .بۇ ئەھۋالنى ساڭا باشتىن سۆزلەپ بېرەي.

دادامنىڭ ئاغزى ئۆگىنىپ قالغان بولسا كېرەك ،ھەر قانداق گەپنىڭ بېشىغا «ئەبلەخ»،
«ھارىمى»« ،ۋاي ئانىسىنى» دېگەن سەت تىلالرنى قوشۇۋالىدۇ .پاتوشمۇ كىمدىن نېمە ئاڭلىۋالغان
بولسا ،تۇتى قۇشتەك شۇنى تەكراراليدۇ ،نېمە كۆرسە شۇنى قىلىدۇ .پاتوش دادامنى دوراپ «ئەبلەخ»،
«ۋاي ئانىسىنى!» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا ،بىزنىڭ ئۆيدە ھەممەيلەننىڭ مەستلىكى كېلىدۇ .ئۇنى
بەك تاتلىق دەپ قارايدىغانالر« :گويا چوڭ ئادەمنى كىچىك قىلىپ قويغاندەك» دېيىشىدۇ.

72


بىر كۈنى كەچتە بىزنىڭكىگە بىر قوشنىمىز مېھمان بولۇپ كىردى .ئۇ ناھايىتى قىزىقچى ئادەم
ئىدى ،نېمىال گەپ قىلسا كىشىنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇۋېتەتتى .ھەممىدىن بەكرەك كۈلىدىغىنى يەنە شۇ
پاتوش ئىدى .ئۇ دېيىلگەن گەپلەرنى ئانچە چۈشەنمىسىمۇ ،ھەممەيلەن كۈلۈۋاتىدۇ ،دەپ،
ھەممىمىزدىن كۆپرەك كۈلەتتى .كۆزەينەكلىك ئۇ مېھمان بىزگە ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن بىر ۋەقەنى
سۆزلەپ بەردى .ئۇالر ئىشلەيدىغان يەرگەن بىر گېرمانىيە مۇتەخەسسىسى كەپتۇ .بىر كۈنى
مۇتەخەسسىس نېمىسچە شۇنداق دەپتۇ:
بۇ يەردە ھەممە كىشى بىر-بىرىنى ھەمىشە «ئەبلەخ» دەيدىكەن .كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى«ئەبلەخ» دەپ چاقىرىشى مېنى ھەيران قالدۇردى .تىلىڭالردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆز
«ئەبلەخ» بولسا كېرەك .لېكىن ،مەنىسىنى كىمدىنال سورىسام چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى« .ئەبلەخ»
نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

كۆزەينەكلىك قوشنىمىز ئۇ مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزلىرىدىن ناھايىتى خىجالەت بوپتۇ .راستىنى
ئېيتسا ،چەت ئەللىكنىڭ ئالدىدا سەت بولىدۇ ،شۇڭا ئۇ باشقىچە چۈشەندۈرۈپتۇ.
شۇنداق -،دەپتۇ ئۇ -،بىزدە «ئەبلەخ»سىز گەپ بولمايدۇ .دېھقىنى ،ئىشچىسى ،كادىرىبولسۇن ،ھەممىسى «ئەبلەخ» دەيدۇ .تىلىمىزدا «ئەبلەخ» دېگەن سۆز «ھۆرمەتلىك» دېگەنگە
ماڭىدۇ .بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئىسمىنىال ئاتىمايمىز ،ئىسمىمىزنىڭ ئالدىغا «ئەبلەخ»نى قوشۇپ
ئاتايمىز.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ كارخانىدا باش رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ يىغىنى بوپتۇ .كەنان
ئىسىملىك باش مۇدىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپتۇ .نېمىس مۇتەخەسسىس ئۇ يىغىندا رەھبەرلىك
ھەيئىتى ئەزالىرىغا ئىزاھات خاراكتېرلىك سۆز سۆزلەپتۇ.

نېمىس مۇتەخەسسىسى يىغىندىكى تۈركلەرگە يېقىنلىق ئىزھار قىلىش مەقسىتىدە نېمىسچە
سۆزلەۋېتىپ ،يېڭى ئۆگىنىۋالغان بىر قانچە تۈركچە سۆزنى ئارىغا قىستۇرۇۋاپتۇ .ئۇنىڭ ئۆگىنىۋالغان
تۈركچە سۆزلىرى «مەرھابا»« ،بەگ»« ،بەك گۈزەل» ۋە ئاخىرىدا ئۆگەنگەن «ئەبلەخ» دېگەن سۆزلەر
ئىكەن.

مۇتەخەسسىس سۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېرىگە كەلگەندە ،بىردىن:
-ئەبلەخ كەنان بەگ -...دېگىنىدە ،ئۇ يەردىكىلەر ھاڭ-تاڭ قاپتۇ.

مۇتەخەسسىس پات-پات« :ئەبلەخ كەنان بەگ» دەۋېرىپتۇ .باش مۇدىر ئۆزىنى «ئەبلەخ»
دېگىنىگە خاپا بوپتۇ ،لېكىن چاندۇرماپتۇ .ئۇ بىرەيلەننىڭ مۇتەخەسسىسكە خاتا بىر سۆزنى ئۆگىتىپ
قويغانلىقىنى سېزىپتۇ .مۇتەخەسسىس ھە دېسىال «ئەبلەخ كەنان بەگ» دەۋېرىپتۇ ،ئەزاالرمۇ خىرىلداپ
كۈلگىلى باشالپتۇ .شۇنىڭدىن ئېتىبارەن باش مۇدىرنىڭ ئىسمى «ئەبلەخ كەنان بەگ» بولۇپ قاپتۇ.

كۆزەينەكلىك مېھمان بۇ ۋەقەنى شۇنداق قىزىق ئېيتىپ بەردىكى ،ھەممىمىز قاقاقالپ كۈلۈپ،
ئۈچىيىمىز ئۈزۈلەي دەپ قالدى .بۇ قېتىممۇ ھەممىدىن قاتتىق كۈلگىنى يەنە پاتوش ئىدى .ئۇ بىر
نەرسىنى چۈشەنگەنلىكىدىن ئەمەس ،ھەممەيلەن كۈلدى دەپ ،ھەممىدىن بەكرەك كۈلەتتى.
73



شۇ كۈنى يەنە بىر مېھمانمۇ بار ئىدى ،ئۇ:
بىز شۇنداق ئادەتلىنىپ كېتىپتۇقكى ...مەسىلەن ،مەنمۇ «ئەبلەخ»« ،ھەي»سىز گەپقىاللمايمەن -...دېدى.

دادام ئۇ مېھماننىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ ،بېشىدىن ئۆتكەن بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى :دادام
ئىشلەيدىغان زاۋۇتقا يېڭى ئەكەلگەن ماشىنىالرنى قوراشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ئامېرىكىلىق ئىنژېنېرنى
تەكلىپ قىلىپتۇ .زاۋۇتتىكىلەر بىر-بىرىگە ھەمىشە سەت بىر سۆزنى قىلىشىدىكەن .دادام بۇ سەت
گەپنىمۇ ئەينى بويىچە دېدى ،بۇ ئادەتتىكى بىر سەت گەپ ئىدى.

ئامېرىكىلىق ئىنژېنېر دادامدىن ھەممە يەردە كىشىلەردىن ئاڭاليدىغان بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى
سوراپتۇ .دادام راستىنى ئېيتىشتىن خىجىل بولۇپتۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،بۇ سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسىنى
بىلمەيدىكەن ،شۇڭا:
بۇ سۆز «رەھمەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ -،دەپ قويۇپتۇ.ئامېرىكىلىق بۇ گەپكە ئىنتايىن ھەيران بوپتۇ.
پاھ -،دەپتۇ ئۇ -،سىلەر ئىنتايىن تەربىيە كۆرگەن ئادەملەر ئىكەنسىلەر .بىز يەر يۈزىدىكى ئەڭقائىدە-يوسۇنلۇق ئادەملەر دەپ جۇڭگولۇقالرنى بىلەتتۇق .ئىنگلىزالرنى ياۋروپانىڭ ئەڭ
قائىدە-يوسۇنلۇق ئادەملىرى دەپ بىلىمىز .ئۇالرمۇ ھەمىشە بىر-بىرىگە ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن
رەھمەت ئېيتىدۇ .لېكىن ،سىلەر بىر-بىرىڭالرغا تېخىمۇ ياخشى رەھمەت ئېيتىدىكەنسىلەر .مەن كۆپ
يەرلەرگە باردىم ،لېكىن ھېچ يەردە سىلەردەك رەھمەت ئېيتىدىغان كىشىلەرنى ئۇچراتمىدىم .بۇنىڭدىن
كېيىن نەگىال بارسام سىلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلۇق ئىكەنلىكىڭالرنى سۆزلەپ بېرىمەن.

دادام ،يالغان سۆزۈم بىر ياخشى ئىشقا سەۋەب بولىدىغان بولدى ،دەپ خۇشال بوپتۇ.

بۇ سۆھبەتنىڭ ئەتىسى ئامېرىكىلىق ئىنژېنېر تۆت كۈن زاۋۇتقا كەلمەپتۇ .قىلىدىغان نۇرغۇن
ئىشالر بار ئىكەن ،قوراشتۇرۇلىدىغان ماشىنىالر قورۇدا چېچىلىپ يېتىپتۇ .زاۋۇتتىكىلەر ئەنسىرىشىپ
ئۇنى ئىزدىشىپتۇ ،ئىنژېنېر چۈشكەن مېھمانخانىغا بېرىپتۇ ،بارىدىغان يەرلىرىنىمۇ ئارىالپ چىقىپتۇ.
ئەمما ئىنژېنېرنىڭ قارىسىنىمۇ ئۇچرىتالماپتۇ .تۆتىنچى كۈنى بولغاندا ،ئىنژېنېر زاۋۇتقا ئۆزى كەپتۇ،
لېكىن قولى ،يۈز-كۆزلىرى داكا بىلەن تېڭىلغان ئامېرىكىلىقنى كۆرگەن زاۋۇتتىكىلەر ،ئۇنى ئېغىر بىر
قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئوخشايدۇ ،دەپ قاپتۇ.

ئەسلىدە ،ئامېرىكىلىق ئىنژېنېر زاۋۇتتىن چىقىپ ،ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىغا قايتىش ئۈچۈن بىر
تاكسىغا چۈشۈپتۇ .كىشىلەر يېڭى ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە قىزىققاندەك ،ئامېرىكىلىقمۇ
شوپۇرغا پۇل بەرگەندە تۈركچە رەھمەت ئېيتماقچى بوپتۇ .نەتىجىدە ،ئۇ دادامدىن مەنىسىنى
ئۇقۇۋالغان ھېلىقى گەپتنى ئېيتقاندا ،شوپۇر ئۇنىڭغا:
ئۆزۈڭ! -دەپ ۋارقىراپتۇ.شوپۇرنىڭ خاپا بولغىنىنى چۈشىنەلمەي قالغان ئامېرىكىلىق ھېلىقى سەت گەپنى يەنە بىر قېتىم
دەپتۇ .بۇ سۆز ئاغزىدىن چىقىشى بىلەنال ،شوپۇر ئۇنىڭ تۇمشۇقىغا كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت ئۇرۇپتۇ.
74


نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي ھاڭ-تاڭ بولغان ئامېرىكىلىق شوپۇرغا خۇشامەت قىلىپ ،توختىماي ھېلىقى
سۆزنى تەكرارالۋېرىپتۇ .شوپۇر ئۇنىڭ گەدىنىگە يەنە بىر مۇشت ساپتۇ .ئاخىر ئىالجسىز قالغان
ئامېرىكىلىقمۇ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن مۇشتۇملىرىنى ئىشقا ساپتۇ .يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانالر
ئامېرىكىلىقنى شوپۇرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋاپتۇ .ئامېرىكىلىق ياخشىلىق قىلغان كىشىلەرگە ھېلىقى
گەپنى تەكرارالپ رەھمەت ئېيتىپتۇ .شۇنداق قىلىپ ،ئارىغا چۈشكەنلەر شوپۇرغا يان بېسىپ ،بىرلىكتە
ئامېرىكىلىقنىڭ ئەدىپىنى بېرىپتۇ .مۇشت ،تېپىك ئاستىدا قالغان ئامېرىكىلىق تاياقتىن قۇتۇلۇش
ئۈچۈن ئۇالرغا يەنە تۈركچە سۆز بىلەن رەھمەت ئېيتىۋېرىپتۇ .كۆپچىلىك ئۇنى تېخىچە ھوشىنى
تاپمىدى دەپ ،بولۇشىغا ئۇرۇپتۇ.

ساقچىالر يېتىپ كېلىپ ئامېرىكىلىقنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ .ئامېرىكىلىق ساقچىغىمۇ ئاشۇ سەت گەپنى
قىلىپ رەھمەت ئېيتماسمۇ! ئۇ خەلقىئالەم ئالدىدا ساقچىنى ھاقارەتلەپتۇ...

ساقچى ئامېرىكىلىقنى تۇتۇپ ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىپتۇ .كومىسسار جىنايەتچىنىڭ چەت
ئەللىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ ،قويۇۋېتىپتۇ .لېكىن ،ئامېرىكىلىق كومىسسارغىمۇ شۇ سۆز بىلەن رەھمەت
ئېيتىپتۇ .ھەر ھالدا ئامېرىكىلىق ئاخىر قۇتۇلۇپ چىقىپتۇ .ساقچىدىن چىقىپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا
بېرىپ ،تۆت كۈن بالنىستتا يېتىپتۇ.

دادام ئېيتىپ بەرگەن بۇ قىزىق ۋەقەگە ھەممىمىز قاقاقالپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

بىر كۈنى دادام ئاپامغا ،ئەتە كەچتە ئۆيىمىزگە مېھمان كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .كېلىدىغان
مېھمانالر مۇھىم كىشىلەر ئىكەن .ئاپام كاتتا داستىخان ھازىرلىدى .ئۈچ ئەر-ئايال مېھمان ئىكەن.
ئۇالر سىڭلىم پاتوشنى ئەركىلىتىپ« :ۋاي ،نېمىدىگەن ئوماق ،نېمىدىگەن ئەقىللىق قىز »...دېيىشتى ۋە
پاتوشنى بۇنداق ئەدەپلىك تەربىيىلىگەن ئاپامغا ئاپىرىن ئېيتىشتى .بۇ چاغدا ،دادام:
ئەپەندىلەر -،دېدى -،بالىلىرىمىزنى ئانىلىرى تاالغا چىقارمايدۇ .ئۇالر ئۆزى يالغۇز تاالغاچىقالمايدۇ ،شۇڭا ئۇالر ئەدەپلىك چوڭ بولىدۇ -،دېدى.
كوچا بالىلىرىدىن سەت گەپلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن كوچىغا چىقارمايمەن -،دېدىئاپاممۇ.
مېھمان ئايالالردىن بىرى:
راست دەيسىز ،خانىم -،دېدى -،ھەتتا مەكتەپتىمۇ بالىلىرىمىزنىڭ تەربىيىسى ياخشى ئەمەس،كۆز تەگمىسۇن ،ھەر ھالدا ناھايىتى ئەدەپلىك قىزىڭىز بار ئىكەن.

بۇ ماختاشالردىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەن پاتوش مېھمانالرغا ئۆزىنى تېخىمۇ ماختىتىش ئۈچۈن
پۈتۈن ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرسەتكىلى تۇردى .ئۇشتۇمتۇت دادامغا:
-ئەبلەخ دادا! -دېدى ئۇ.

شۇ زامات ئۆي ئىچىدە كۆڭۈلسىز بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى .دادام نېمە دېيىشىنى بىلمەي
قالدى .پاتوش ئۇالرنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈلمىگەنلىكىنى چۈشىنەلمەي ،سەت گەپنى يەنە بىر قېتىم
تەكرارلىدى .ئاندىن كۈلۈمسىرەپ ،قاراڭالر ،مەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىم ،دېگەندەك قىلىپ،
75


مېھمانالرنىڭ چىرايلىرىغا قارىدى .دادام قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ،ئاۋازىنى ئاران
سىلىقالشتۇرۇپ دېدى:
ئاپئاق قىزىم... ئەبلەخ دادا...قاپاقلىرى تۈرۈلگەن دادام:
ئېيت ،قوزام ،نېمە دەيسەن؟ -دەپ ۋارقىرىدى.لېكىن ،پاتوش ،ئۆيدىكىلەر نېمە ئۈچۈن ئىلگىرىكىدەك كۈلمەيدىغاندۇ ،دەپ ئويلىنىپ قالدى.
-دادا ،يائالال ...ئەبلەخ دادا...

ئاپام سوغۇق كۈلۈپ قويدى .پاتوشنىڭ مېھمانالرنى كۈلدۈرگۈسى بار ئىدى .تېخى ئۇ دادام
ئامېرىكىلىق ئىنژېنېرغا ئۆگەتكەن ھېلىقى سەت سۆزنىمۇ دەۋەتتى...

ئۇ ئاخىر غەلىبە قىلدى .مېھمانالر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋااللماي قاقاقالپ كۈلۈشۈپ كەتتى .لېكىن،
دادامنىڭ ئاچچىقى ئوبدانال كەلگەنىدى .ئۆزىنى قالتىس ھېسابلىغان پاتوش سەت گەپنى بىر قانچە
قېتىم تەكرارلىدى .ئاخىر ئاپام ئۆزىنى تۇتۇۋااللماي:
-تىنچ تۇر ،ئەمدى ئاغزىڭغا ئوت ياقىمەن! -دېدى ئاچچىقالپ.

پاتوش ماختىلىشنىڭ ئورنىغا ،ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئازار يەپ يىغالشقا باشلىدى .يىغالش
بىلەنال قالماي ،ئاغزىغا كەلگىنىنى دېگىلى تۇردى .ئۇنى زادىال باسقىلى بولمىدى .ئاپام قولىدىن سۆرەپ
ئاچىقىپ ئورنىغا ياتقۇزۇپ قويدى .لېكىن ،ئۇ يەردىنمۇ يىغىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

مېھمان ئايالالردىن بىرى ئاپامغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن:
خاپا بولماڭ ،خانىم ،سىزنىڭ تېخى ياخشىكەنغۇ ،بىزنىڭكىلەرنى ئاڭلىسىڭىز نېمە دەپكېتەرسىز ...تېخى كىچىك ئەمەسمۇ ،نېمىنى بىلىدۇ -،دېدى.

دادام پاتوشنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولغاندەك قىياپەتتە:
بۇ سۆزلەرنى كىمدىن ئۆگىنىۋالغاندۇ! -دېدى. كوچىغا زادى چىقارمايمىز .شۇنداقتىمۇ بۇ گەپلەرنى قەيەردىن ئاڭالپ ئۆگىنىۋالدىكىنە-...دېدى ئاپام.
ئۆيدە دېيىلگەچكە ئاڭالپ ئۆگىنىۋالىدۇ-دە -،دېدىم مەن.دادام بىردىن چېچىلىپ:
ئەبلەخ ،بىزنىڭ ئۆيدە بۇنداق گەپ نەدىن بولسۇن-ھە! -دەپ ۋارقىرىغاندا ،مېھمانالرئۆزلىرىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتى .داداممۇ ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتى.

مېھمانالر قايتقاندا ،دادام مېنى خېلى ئەدەپلىدى .مەنمۇ:
-مەن نەدىن بىلەي ،سىزنى راستتىن سوراۋاتامدىكىن دەپتىمەن -...دېدىم.

76


زەينەب ،خېتىمنى قىسقىراق يازاي دېگەنىدىم ،قارا ،يەنە ئۇزىراپ كەتتى.

يازلىق تەتىلدە ئىستانبۇلغا كېلەمسىلەر؟ كەلسەڭ كۆرۈشەرمىز .سەن ھېچبولمىغاندا ئەنقەرەنى
كۆردۈڭ ،مەن ئىستانبۇلدىن باشقا يەرنى بىلمەيمەن.

ئامانلىقىڭنى تىلەپ ،خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاياقالشتۇرىمەن.

ئەخمەت تارباي
-1699يىلى -11يانۋار ،ئىستانبۇل

ۋەتەنپەرۋەر بولۇڭالر

ساۋاقدىشىم ئەخمەت:

تەتىلدە بىزنىڭ ئىستانبۇلغا بېرىش-بارماسلىقىمىزنى سوراپسەن .دادام يىللىق دەم ئېلىش
رۇخسىتى ئااللمايدىكەن .چۈنكى ،بۇ يەردە يېڭى ئىشقا ئورۇنالشقىلى تېخى بىر يىل توشمىدى .ئاپام
بىلەن بىزنى يازدا بىر ئاي تۇرۇپ كېلىشكە ئىستانبۇلغا ئەۋەتمەكچى بولدى .لېكىن ،چوقۇم ئەۋەتىدۇ
دېيەلمەيمەن ،چۈنكى دادام بارمىسا ،ئاپامنىڭ بارغۇسى يوق .دادام بۇ يەردە ئۆزى يالغۇز قالسا
قىينىلىپ قالىدىكەن .ئەگەر بارساق ھاممامالرنىڭكىدە تۇرىمىز .ئۇ چاغدا ئەلۋەتتە سېنى يوقالپ
بارىمەن.

مەن ئۆتكەندە تولىمۇ قامالشمىغان بىر ئىش قىلىپ قويدۇم ،بۇنى ساڭا دېمىسەم زادى كۆڭلۈم
ئۇنىمايدۇ .بۇ ئىشنى پەقەت مەتىنال بىلىدۇ ،چۈنكى ئۇ ئىشنى ئىككىمىز قىلغان ،ئەمدى سەن بىرىنچى
بولۇپ ئاڭاليسەن.

ئۆتكەن يەكشەنبە بوۋامالرنىڭكىگە بارغانىدۇق .ئۇالر بىزدىن خېلى يىراق بىر يەردە ئولتۇرىدۇ.
بوۋام ياشىنىپ قالغاچقا ،ئېگىز پەلەمپەيلەردىن چىقالمايدۇ .شۇڭا ،ئۆزلىرىگە اليىق بىرىنچى قەۋەتتىن
ئۆي ئىزدەپ تاپالمىغاچقا ،بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئولتۇرىدۇ .ئۇالرنىڭ ئۆيىگە ئون سەككىز
باسقۇچلۇق پەلەمپەي بىلەن چىقىدىكەن .مەن باشقۇچالرنى سانىمىدىم ،لېكىن بوۋام ھەمىشە« :ئون
سەككىز باسقۇچتىن نەچچە يەردە دەم ئېلىپ ئاران چىقتىم» دەيدۇ ...نېمە ئۈچۈن پەلەمپەي
باسقۇچلىرىنىڭ گېپىنى قىلغىنىمنى كېيىن چۈشىنىپ قالىسەن .ھېلىمۇ ياخشى ،بوۋام تېخىمۇ ئۈستۈنكى
77


قەۋەتتە ئولتۇرماپتۇ ،بولمىسا ،گېزىتلەر بەلكىم ئۇ يەكشەنبە كۈنى بوۋامالرنىڭ بىناسىدا چوڭ بىر
ھادىسە بولغانلىقىنى يېزىشار بولغىيدى.

ھەدەم ئۇ كۈنى دوستلىرى كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن بىز بىلەن بىللە بارمىغانىدى .ئاپام ،دادام،
مەتىن تۆتىمىز ئاپتوبۇس بىلەن باردۇق .مومام بىزگە ناھايىتى ياخشى تاماقالرنى تەييارالپتۇ .تاماقتىن
كېيىن بوۋام بىلەن دادام ھەر قېتىمقىدەك سافادا بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشىۋاتاتتى.
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇالرنىڭ ئۆز-ئارا قىلىشقان پارىڭىغا قىزىقىپ يېنىدا ئولتۇردۇم .مېھمانخانىدا
ئۈچىمىزدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى .مەن گويا گېزىت ئوقۇۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ سۆزىگە
قۇالق سالغاچ ،ئۇالرغا كۆز قىرىمدا قاراپ قوياتتىم.

بوۋام سىياسەتكە ناھايىتى قىزىقىدۇ .قاچانلىكى دادام بىلەن يالغۇز قالسا ،سىياسەتتىن سۆز
ئاچىدۇ .بولۇپمۇ چۈشلۈك تاماقالردىن كېيىن شۇنداق .بوۋام چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن قەھۋەسىنى
ئى چىۋېتىپ ،ئىستاكاننى تۇتقان پېتى تۇرۇپال ئۇيقۇغا كېتىدۇ .لېكىن ،ئۇخالشتىن ئاۋۋال دادامدىن
سىياسەتتىن بىرەر نەرسىنى سوراپ قويىدۇ-دە ،دادام جاۋاب بەرگۈچە خورەكنى باشاليدۇ .دادام
بوۋامنىڭ ئۇخلىغىنىنى كۆرۈپ توختاپ قالىدۇ ،لېكىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەيدۇ .چۈنكى ،بېشى
مەيدىسىگە چۈشكەن ،يېنىغا قىيسايغان ،ياكى كەينىگە غادايغان بوۋام يا بىر ،يا ئىككى مىنۇتتىن
كېيىن ئۆز خورىكىدىن ئويغىنىپ كېتىدۇ ۋە كۆزىنى ئېچىپال« :ھە ...ئاندىن؟» دەيدۇ.

دادام يېنىدا بولمىسا ،ھۆرمەتسىزلىك قىلدى دەپ ،ناھايىتى خاپا بولىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن ،بوۋام
ئۇيقۇغا كەتكەندە ،دادام ئورنىدىن مىدىرلىمايدۇ.

بوۋام ئۆزى بىر نەرسە دەۋېتىپ ئوخالپ قالغان بولسا ،ئويغانغاندا ،دادامدىن« :قەيەرگە
كەلگەنىدۇق؟» دەپ سورايدۇ .دادام سۆزنىڭ نەگە كەلگەنلىكىنى بىلىشكە مەجبۇر .ئۇ بەزىدە ئادىشىپ
قالسا ،بوۋام يەنە« :ياق ،ئۇ يەرگە كەلمىگەن ...نېمە دەۋاتاتتىم ،نەگە كەلگەنىدۇق؟» دەپ سورايدۇ.

شۇڭا ،ئۇالر بەزىدە تالىشىپمۇ قالىدۇ .ئۇالرنىڭ چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى بۇ سۆھبىتى ماڭا
بەكمۇ قىزىق تۇيۇلىدۇ .لېكىن ،دادامنىڭ بۇ سۆھبەت بىلەن خۇشى يوق ،ئامال قانچە ،چىداپ
ئولتۇرىدۇ.

دادامنىڭ بوۋامغا ناھايىتى چوڭ ھۆرمىتى بولغاچقا ،ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ .ئۇ بوۋامنىڭ
قول ئاستىدا زاپاس ئوفىتسېر بوپتىكەن .ھەيران قاالرلىقى شۇكى ،بوۋام پېنسىيىگە چىققان بىر
پېشقەدەم بولسىمۇ ،باشقىالر ئۇنىڭغا گويا ھازىرمۇ پولكوۋنىكتەك مۇئامىلە قىلىدۇ.

بۇ يەكشەنبە كۈنىمۇ چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ،بوۋام بىلەن دادام مېھمانخانىدا قەھۋە ئىچىشىپ
ئولتۇراتتى ،بوۋام:
-نېمە يېڭى خەۋەر بار؟ دۆلەت ئەھۋالىغا قانداق قارايسەن؟ -دېدى.

78


دادام بىر نېمىلەرنى دەۋاتقىنىدا ،بوۋام ھەر قېتىمقىدەك خورەك تارتىپ ئۇخلىغىلى تۇردى .بىر
پەستىن كېيىن بېشى مەيدىسىگە چۈشۈپ كەتكەندە ،چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى-دە ،خۇددى ئۇخالپ
قالغىنىنى چاندۇرغۇسى كەلمىگەندەك:
-خوپ ،بۇ ئەھۋالدا سېنىڭچە گېرمانىيىلىكلەر قانداق قىالر؟ -دەپ سورىدى.

ھالبۇكى ،ئۇالرنىڭ سۆھبىتىدە گېرمانىيىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغانىدى .دادام گويا
گېرمانىيىلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىنى سۆزلىشىۋاتقاندەك ،سۆزىنى داۋامالشتۇردى:
-گېرمانالر ناھايىتى كۈچەيدى ،چۈنكى گېرمانالر...

بوۋام يەنە ئۇيقۇغا كەتكەنىدى ،دادام توختاپ قالدى .ئۇ قولىدىكى گېزىتنى كەلگەن يېرىدىن
ئوقۇشقا باشلىغانىدى ،بوۋام ئۆز خورىكىدىن چۆچۈپ كېتىپ:
-بۇنىڭغا نىسبەتەن ئامېرىكىلىقالر قانداق قىالر؟ -دەپ سورىدى.

مەن گېزىتنى دالدا قىلىۋېلىپ ،كۈلۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈمنى تەستە تۇتۇۋالدىم .دادام
ناھايىتى جىددى سۆزلەيتتى:
-ئامېرىكىلىقالر دۇنياغا ھاكىم .ئامېرىكا ئارمىيىسى...

پاراڭ مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كېتىۋېرەتتى .بوۋام بەزىدە ئويغىنىپ ،ھېچكىمنىڭ ئەقلىگە
كەلمەيدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئېيتقاندا ،داداممۇ ھاڭ-تاڭ بولۇپ قاالتتى.
بۇ ئىشقا پاپا نېمە دەيدۇ؟ سەن پاپىغا قارا ،ئۇ نېمە دەۋاتىدۇ؟ -ھە ...پاپا ...يەنى پاپا ھاكىمىيىتى ،ئۇ ناھايىتى كونا ھاكىمىيەت .كېيىن ئۇ...

ھەر ھالدا بوۋامنىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلغان بولسا كېرەك ،سۆزىنى ئۆزگەرتىپ ،تۈركىيىنىڭ قانداق
تەرەققىي قىلىشىنى سۆزلەشكە باشلىدى .ئۇ تۈركىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇالتى ئېكىسپورتى بىلەن
تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى .ئۇ خېلى ئۇزۇن سۆزلەپ بىر يەرگە كەلگەندە ئاچچىقالپ:
-قۇلۇلە ئېكىسپورتى بىلەن تەرەققىي قىاللمايدۇ ،قۇلۇلە -...دېدى.

ئۇ بىر-ئىككى قېتىم «قۇلۇلە» دەپ تەكرارلىدى ،ئاندىن ئاۋازى ئاستىالپ يەنە ئۇيقۇغا كەتتى ۋە
دادام گېزىتنى قولىغا ئېلىشىغا يەنە ئويغىنىپ:
قەيەرگە كەلگەنىدۇق؟ -دەپ سورىدى. قۇلۇلىگە كەلگەنىدۇق. نەنىڭ قۇلۇلىسى؟ بىزنىڭ قۇلۇلىلىرىمىز ...چەت ئەلگە ساتىدىغان... ھە ،شۇنداق ...قۇلۇلە ...قۇلۇلىچىلىك بىلەن تەرەققىي قىلغىلى بولمايدۇ .بىز ئەسلىدە تاماكا،پاختا ،ئورمان ياڭىقىغا ئوخشاش نەرسىلەر ...ۋە ئاشلىق ...چۈنكى بىز ئاشلىق ،تاماكا ،ئورمان ياڭىقى
ئىشلەپ چىقىرىمىز...
بوۋامنىڭ يەنە بېشى چۈشۈپ كەتتى ۋە ئويغىنا-ئويغانماي:
نەگە كەلگەنىدۇق؟ -دەپ سورىدى.79


-ئورمان ياڭىقى ئىشلەپ چىقىرىش ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق...

شۇ چاغدا دەرۋازىنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىندى .يۈگۈرۈپ چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتىم ،چىرايلىق
كىيىنگەن مويسىپىت بىر كىشى دەرۋازا ئالدىدا تۇراتتى .بوۋامنى سورىۋىدى ،مەن دەرھال بارلىقىنى
ئېيتتىم ۋە بوۋامغا خەۋەر قىلدىم .دەرۋازا ئالدىغا كەلگەن بوۋام:
مەرھەمەت ،ئەپەندى ،ئۆيگە كىرىڭ ...سىزنى بۇياققا قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى! -دەپمېھماننى قارشى ئالدى.

مېھمان قولىدىكى قىزىل لېنتا بىلەن چىرايلىق تېڭىلغان يوغان بىر قۇتىنى ماڭا بەردى .ئۇالر
مېھمانخانىغا كىرىشتى .مەن قۇتىنى مومامغا بەردىم .شۇ چاغقىچە كۆرۈنمىگەن مەتىن بىردىن پەيدا
بولۇپ قالدى .قۇتىنى ئاچتۇق ،كاشتان كونسېرۋاسى ئىكەن ...خۇش بولۇپ كەتتىم.

كەلگەن كىشىنى دەرۋازىدا كۆرۈپ تونۇغاندەك قىلغانىدىم ،لېكىن كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق
ئاڭقىرالمىدىم .مېھمانخانىغا كىرىپ بىر چەتتە ئولتۇرۇپ ،ئۇالرنىڭ سۆزىگە قۇالق سالدىم .بۇ كىشىنى
قەيەردە كۆرگەندىمەن ،دەپ ئويالپ ،ئاخىر ئاۋازىدىن تونۇۋالدىم .ھازىر ئېيتسام ،ئۇنى سەنمۇ
تونۇيسەن .كىملىكىنى بىلەمسەن؟ ئۆتكەن يىلى جۇمھۇرىيەت بايرىمىدىن ئىلگىرى مەكتەپكە بىر
ئاخبارات خادىمى كېلىپ بىزگە جۇمھۇرىيەت توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەنىدى ،ئېسىڭدە بارمۇ؟ بىزنىڭ
مەكتەپنىڭ ئىككىنچى سىنىپىدا ئۇ كىشىنىڭ نەۋرىسى بار ئىدى .شۇنىڭ ئۈچۈن كەپتىكەن .ئۇ ناھايىتى
مەشھۇر ئاخباراتچى ئىكەن .بىزنىڭ مۇدىر ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ،قىزغىن قارشى ئالدى .شۇ كۈنى
قىلغان سۆزلىرى تېخىچە ئېسىمدە .ئۇ« :بالىلىرىم ،ۋەتەنپەرۋەر بولۇڭالر ،ۋەتىنىڭالرنى ئىنتايىن
سۆيۈڭالر ،ۋەتىنىڭالرنى ياخشى چۈشىنىڭالر ،چوڭ بولغاندا ئاناتولىيىنى يېزىمۇيېزا ئارىالپ چىقىڭالر،
نامرات جايالردا ئىشلەڭالر .بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۈمىدى سىلەردە ».دېگەنىدى .بۇ سۆزلەر ھازىرغىچە
قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە جاراڭالپ تۇرىدۇ .ئۇ يەنە« :نامرات ئاناتولىيىگە مەدەنىيەت چىرىقىنى سىلەر
ياقىسىلەر» دېگەنىدى .ئۇ سۆزلىگەندە شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتتىمكى...

بۈگۈن كەلگەن مېھماننىڭ شۇ كىشى ئىكەنلىكى ئېسىمگە كەلگەندە ،ئۆزۈمنى تۇتالماي:
مەن سىزنى تونۇيمەن ،ئۆتكەن يىلى سىز ئىستانبۇلدا مەكتىپىمىزگە كەلگەنىدىڭىز -...دېدىم. -شۇنداق ...نەۋرەم ئوقۇيدىغان مەكتەپ.

ئاغزىدىن بال تامدۇرۇپ سۆزلەيدىغان بۇ كىشىنىڭ سۆزىنى يەنە ئاڭالش ئۈچۈن بىر چەتكە
ئۆتتۈم .ئاندىن نېمە بولغانلىقىنى بىلەمسەن ،ئەخمەت؟ ماڭا نىسبەتەن بىر قورقۇنچلۇق چۈش ...بۇ
كىشىنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ ،ئۇ ھەربىيدە زاپاس ئوفىتسېرالر ئوقۇتقۇچىسى بوپتىكەن .ئۇ شەھەر بالىسى
You have read 1 text from Uyghur literature.
Next - Uy - 124 - 6
  • Parts
  • Uy - 124 - 1
    Total number of words is 3427
    Total number of unique words is 1666
    22.8 of words are in the 2000 most common words
    33.2 of words are in the 5000 most common words
    37.8 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 124 - 2
    Total number of words is 3574
    Total number of unique words is 1842
    22.3 of words are in the 2000 most common words
    32.2 of words are in the 5000 most common words
    37.5 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 124 - 3
    Total number of words is 3581
    Total number of unique words is 1715
    23.4 of words are in the 2000 most common words
    34.2 of words are in the 5000 most common words
    40.7 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 124 - 4
    Total number of words is 3609
    Total number of unique words is 1779
    22.2 of words are in the 2000 most common words
    32.5 of words are in the 5000 most common words
    37.6 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 124 - 5
    Total number of words is 3586
    Total number of unique words is 1775
    23.2 of words are in the 2000 most common words
    33.6 of words are in the 5000 most common words
    38.8 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 124 - 6
    Total number of words is 3538
    Total number of unique words is 1802
    22.6 of words are in the 2000 most common words
    33.6 of words are in the 5000 most common words
    38.9 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 124 - 7
    Total number of words is 3573
    Total number of unique words is 1787
    19.9 of words are in the 2000 most common words
    30.9 of words are in the 5000 most common words
    35.7 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 124 - 8
    Total number of words is 3565
    Total number of unique words is 1811
    22.2 of words are in the 2000 most common words
    33.4 of words are in the 5000 most common words
    39.7 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.
  • Uy - 124 - 9
    Total number of words is 1564
    Total number of unique words is 944
    27.8 of words are in the 2000 most common words
    37.3 of words are in the 5000 most common words
    43.4 of words are in the 8000 most common words
    Each bar represents the percentage of words per 1000 most common words.